باش بەت

TLLAATM

141يوللانما
23مەستانە

«بۇ چۈش ئەمەس»:  ئەلى بابانىڭ غەيرىتى ۋە ئۇزۇن سەپىرى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 18:01 1 ئىنكاس چۈشتى

 

ئاپتورى: لۇ شۇتىيەن

مەنبە: چىن سۇ سالونىدىن ئېلىندى

تەرجىمان: تىللا شىركىتى

 

«15 يىل بۇرۇن مەن سەي چۇڭشىن (ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسىدىن بىرى) بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ 30 نەچچە مەبلەغ سالغۇچى شىركەت بىلەن كۆرۈشكىنىمىزدە ئۇلار بىزنى رەت قىلىپ ئىشىك سىرتىدا قالدۇرغاندى. ھېچكىم بىزگە ۋە كەلگۈسىمىزگە ئىشەنمىگەن ئىدى، ھېچكىممۇ بىزنىڭ ھازىر 300 مىليارد سودىنى تاماملىيالايدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ خىئەلىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى» ئەلى بابا ئورگان تەرەپ ئىشلىگەن ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمى «بۇ چۈش ئەمەس»نىڭ باش قىسمىدا مۇنداق بىر مەشھۇر سۆز چىقىدۇ: «مەن تاغدىن ئۆتكەن ۋاقتىمدا تاغ ماڭا گەپ قىلمىدى، مەن دېڭىزنى كېچىپ ئۆتكىنىمدە دېڭىز ماڭا گەپ قىلمىدى.» بۇ فىلىمنىڭ قوشۇمچە ئىسمى بولسا «مايۈن ۋە ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك <ياش ئەلى>سى» بولۇپ، ھەرخىل خەتەر ۋە قىيىنلىقنى بىرمۇ بىر يەڭگەن ما يۈن ۋە ئۇنىڭ ئەلى بابا قوشۇنىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ قەيسەر كەچمىشى جانلىق بايان قىلىنغان.

ھۆججەتلىك فىلىم كۈندىلىك خاتىرەگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىر خىلى يازغان ۋاقىتتا ئۇنى يازغۇچى ۋە ئوقۇغۇچى بولغان ئىشلارنى بىلىدىغان كىشىدۇر، ئىككىنچى خىلى بىۋاسىتە ھالدا يۈرەككە تەسىر قىلىدىغان خۇشاللىق ۋە خاپىلىق ئىشلارنى يازىدۇ. ئادەتتە ئىككىنچى خىلدىكىسىنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئەلى بابا ۋە ما يۈننىڭ چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ھېكايىسى سۆزلەنگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئېرىشىمىز، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش يولىدا توختىماي تىرىشۋاتقان، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر روھنى كۆرىمىز.

مەن ھېچبولمىغاندا بىر ئۇقۇمنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ قويدۇم

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا «تەرەققىيات» جۇڭگودىكى ئاساسلىق ئېقىم بولۇپ قالغاندى. «جەنۇبنى تەكشۈرۈش نۇتۇقى»دىن كېيىن خەلقارالىق سودا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، مىللىي كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. ئىنگلىز تىلى مۇئەللىمى ما يۈن ناھايىتى تېز سۈرەتتە دەۋرىنىڭ ئىنكاسىغا ماس قەدەمدە سودا دېڭىزىغا سەكرىدى، 1994-يىلى تەرجىمان سۈپىتىدە ئامېرىكا بارغان ما يۈن ئىنتېرنېت بىلەن ئۇچراشتى، دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىنتېرنېت ساھەسىگە كىرىشىپ كەتتى. بۇ ھەقتە ما يۈن ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن كومپيۇتېردا پىۋا دېگەن خەتنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسەم، پۈتۈن دۇنيادىكى پىۋىلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار چىقتى، ئەمما جۇڭگودىكى پىۋىلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوقتى.» شۇنىڭ بىلەن مايۈن بازار پۇرسىتىنى ھېس قىلغان.

ئۇ ۋاقىتتا ما يۈن ئاساسلىقى جۇڭگو ھەققىدە ۋە سودا ئۇچۇرلىرىنى دۇنياغا تەمىنلەش ۋە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ئىدى، كەلگۈسى پارلاق يول ماڭغانسېرى كېڭەيمەيدىغانلىقىنى بىلگەن ما يۈن شۇ ۋاقىتتىكى كەچۈرمىشى ۋە تەقدىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «جۇڭگودا ئەمدىلا شەكىللەنگەن تور سودىسى قانات كېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ئىنتېرنېتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى بەس مۇنازىرنىڭ ئاستىدا قالدى.» 1995-يىلىدىن باشلىنىپ 1998-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە بولغان ۋاقىت بىر باسقۇچ بولۇپ قالدى، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ما يۈن ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى بېيجىڭدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن سەددىچىن سېپىلىگە بېرىپ خاتىرە قالدۇردى. ئۇ شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ھېچ بولمىغاندا بىر ئۇقۇمنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ قويغان ئىدىم. 

ئەلى بابا

1999-يىلى مايۈن ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى خاڭجۇدىكى خۇبەن باغچىسىنىڭ يېنىدا بىر كىچىك تىپتىكى تور سودا بېتىنى قۇردى، ئىسمى ئەلى بابا ئىدى. تۇنجى قېتىملىق خىزمەتچىلەر يىغىنىدا ئۇ ئەلى بابانىڭ نىشانى دۆلەت ئىچى بازىرى ئەمەس، بەلكى خەلقئارا بازار دەپ ئېنىق بېكىتتى ۋە 2002-يىلى پايچىكىنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى پىلان قىلدى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم شۇ ۋاقىتتا يىغىنغا قاتناشقان ئەزالارنىڭ چىراي ئىپادىسىنى ياخشى سۈرەتكە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن بىر خىل قايمۇقۇپ قالغاندەك تۇيغۇ بار ئىدى، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ما يۈنگە ئەگىشىپ يولىنى داۋام قىلىشنى قارا قىلدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشتى. ئەلى بابانىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرى ناھايىتى جاپالىق ۋە مۇشەققەتكە تولغان دېيىشكە بولاتتى، شىركەتنى قۇرۇشقا قاتناشقانلاردىن بىرى بولغان پېڭ لېي شۇ چاغدىكى بىر ئىشنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: شۇ ۋاقىتتا بىزگە تاماق يەتكۈزۈپ بەرگىلى كەلگەن تاماق توشۇغۇچى بىزنىڭ ئىشخانىغا كىرىپ، بۇ يەرنى قاراڭغۇ ئىشلارنى قىلىدىغان تورخانا ئوخشايدۇ دەپ قاپتىكەن، چۈنكى ئىشخانانىڭ ھەممە يىرى تور سىمى، كومپيۇتېر بىلەن تولغان ئىدى، خىزمەتچىلەر بولسا ئۇيقۇ چىراي، ھارغىن، ئۈستى-بېشى رەتسىز ئىدى.

پۇل ۋە خىزمەتنىڭ بېسىمى ئەلى بابادىكىلەرنى ھالسىرتىپ تۇرمۇش ۋە ئىشقا نىسبەتەن ئىشەنچىنى  يوق قىلىۋەتمىگەندى،  ھەممەيلەن ئاكتىپ قىزغىنلىق بىلەن قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرغاندى. نۇرغۇن كىشىلەر ۋەزىپىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن كېچە-كېچىلەپ ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى، ھەتتە نۇرغۇن خىزمەتچىلەر شۇ ۋاقىتتا مودا بولغان مۈرە تاڭغۇچى سېتىۋالغان ئىدى. ئەمما ئەڭ چوڭ بېسىم ما يۈننىڭ بېىشدا ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ قاتتىق رەت قىلىشىغا ئۇچراۋاتاتتى، شىركەت ھەرۋاقىت ۋەيران بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى، ئەمما ما يۈن يەنىلا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىشلەپ خىزمەتداشلىرىغا روھى مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ تۇرۇۋاتاتتى.

سەي چۇڭشىننىڭ تاللىشى

خاراكتېر يېقىن كىشىلەر بىرگە ئىش قىلالايدۇ دەيدىغان گەپ بار، 1999-يىلى شىۋېتسارىيە بانكا بىرلەشمە گۇرۇھىنىڭ ئاسىياغا مەبلەغ سېلىشقا مەسئۇل سەي چۇڭشىن تۈر ھەققىدە سۆھبەلىشىش جەريانىدا ما يۈن بىلەن پاراڭلىشىپ قالىدۇ، ۋە بۇ ئىككىسى ناھايىتى تېزلا ياخشى چىقىشىپ كېتىدۇ، يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىكى كەسپىنى پۈتتۈرگەن بۇ ياش ناھايىتى يۇقىرى مائاشتىكى خىزمىتىنى تاشلاپ ما يۈننىڭ سېپىگە قېتىلىدۇ. ئۇ بەلكىم ما يۈن بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ھەممە نەرسىنى يېڭىدىن باشلاشتىن كېلىدىغان غەلىبە تۇيغۇسىنى تېتىپ باقماقچى بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن ياكى شۇ ۋاقىتتىلا ئەلى بابانىڭ غايەت زور يۇشۇرۇن بازار كۈچىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئۇ كېيىنچە ئەلى بابانىڭ «يوشۇرۇن قەھرىمانى» بولۇپ قالغان ئىدى. سەي چۇڭشىن ئەلى باباغا غايەت زور مەبلەغ پۇرسەتلىرىنى ئېلىپ كېلىش بىرگە، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەلى بابا سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ئىش قىلىشقا باشلىدى. ئۇ نۇرغۇن ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلدى، چەتئەل بازارلىرىدا ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلدى، شۇنداق قىلىپ ئەلى بابا خەلقئاراغا يۈزلىنىش قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغاندى.

يۈز يىللىق ئەلى بابا

2000-يىلىدىن باشلىنىش بىلەنلا پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك ئىنتېرنېت كۆپۈكى يېرىلىشتىن كېلىپ چىققان كىرىزىس تۈپەيلى پايچىك بازىرى داۋالغۇپ كەتتى، بۇ سەۋەبتىن جۇڭگودىكى ئىنتېرنېتقا مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ كۈنى تېخىمۇ قىيىنلاشتى، شۇنىڭ بىلەن ئەلى بابا چەتئەلگە كېڭىيىش قەدىمىنى توختىتىپ يۆنىلىشنى دۆلەت ئىچىگە قاراتتى، ما يۈن دەرھال ھەممىباب ئېلېكترون شىركىتىدە 15 يىل باش يۈرگۈزگۈچى بولۇپ ئىشلىگەن گۇەن مىڭشىڭنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى، ئۇ كېلىش بىلەنلا بىرىنچى بولۇپ قىلغان ئىشى ئەلى بابانىڭ قىممەت قارىشى ۋە قۇرۇلما شەكلىنى تەرتىپكە سالدى، ئەلى باباغا بۇنداق خەتەرلىك ۋاقىتتا خادىم تەربىيەلەش تەكلىپىنى بەردى، شۇنىڭ بىلەن 100 مىڭ خادىم ۋە باشقۇرغۇچىنى تەربىيەلەش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى، بۇ تەربىيەلەش كۇرۇسىغا «يۈز يىللىق ئەلى بابا» دەپ نام بەردى. «يۈز يىللىق ئەلى بابا»نىڭ مەركىزى قىممەت قارىشى بولسا: مەدەنىيەت ۋە قۇرۇلما سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىدارلىق خادىم قۇرۇلۇشىنى ئۈزۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش،  «دەرەخ ئون يىلدا، ئادەم يۈز يىلدا يېتىلىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، بۇرۇچ ۋە توغرا قىممەت قاراشنى ئەلى بابانىڭ ھەربىر ھالقىسىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. باشتا كىشىلەر گۇەن مىڭشىڭنىڭ بۇ خىل قارىشى ۋە باشقۇرۇشىنى ئانچە قوبۇل قىلالمىدى ۋە چۈشەنمىگەن ئىدى، ئون نەچچە يىل جەريانىدا ئەلى بابادىكىلەر بۇ خىل تۈزۈم ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى، «ئادەمنى مەركەزلىك باشقۇرغاندا ئاندىن ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ» دېگەننىمۇ چۈشەندى.

جۇڭگودىكى تەمىنلىگۈچى

مەبلەغ سالغۇچىلار ئانچە قىزغىن بولمايۋاتقان ئەھۋالدا ئەلى بابا ئۈزۈكسىز ماڭالايدىغان بىر يول ئىزدەشكە باشلىدى، ۋە «ئەڭ ئاخىرىغىچە قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىغان»لاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلدى. ما يۈن يۆنىلىشىنى دۆلەت ئىچىگە قاراتقاندىن كېيىن، ئەلى بابانىڭ نىشانى ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلار بولۇش ۋە باشقىلارنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان، دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان سودا يوق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بىر كارخانا بولۇپ چىقىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى كۈچەپ تەكىتلىدى.

ما يۈن 2001-يىلى ناھايىتى كۆپ كۈچەش ئارقىلىق ئەلى بابانىڭ تۇنجى ئەۋلاد ھەقلىق مەھسۇلاتىنى بازارغا سالدى ____ جۇڭگودىكى تەمىنلىگۈچى بولۇپ قالدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىۋاسىتە سېتىش قوشۇنلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك پەيدا بولۇشقا باشلىدى. «ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ھەق تۆلەپ بولسىمۇ ئۆزى كېرەكلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى خالايتتى. بىرمۇبىر بېرىپ، يۈزتۇرانە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ھەر ئىككى تەرەپكە نۇرغۇن نەپ ئېلىپ كېلەتتى.» شۇنداق قىلىپ ئەلى بابانىڭ بۇ ھەق تۆلەپ ئىشلىتىدىغان تۈرى ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ پايدا يارىتىشقا باشلىدى ۋە بۇ ئارقىلىق ئەلى بابامۇ ئۆزىنىڭ يولىنى تېپىشقا باشلىدى دېيىشكە بولاتتى.


"ئەلى بابا كۈنى"

2003-يىلىنىڭ بېشىدا، ئەلى بابانىڭ بىر خىزمەتچىسى سارىستىن يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئەلى بابانىڭ 500 خىزمەتچىسى شىركەتتىن ئايرىلىپ ئائىلىسىدە تۇرۇش تەلەپ قىلىندى. ئەمما بۇ ۋاقىت ما يۈن ۋە ئەلى بابا ئۈچۈن بەك مۇھىم ۋاقىت ئىدى، شۇڭا قىلىۋاتقان ئىشنى توختىتىپ قويۇشقا قەتئىي بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەلى بابادىكىلەر يېرىم كۈن ئىچىدە شىركەتتىن ئۆيلىرىگە كۆچتى ۋە ئۆيىدە ئىشىنى قىلىشقا باشلىدى، ھەممە ئىش يەنە ئىزىغا چۈشتى. «ھېچكىممۇ تېلېفون ئارقىلىق ئائىلىدىمۇ يەنە نورمال ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدى.» ئەلى بابادىكىلەرنىڭ كېسەل ۋەھىمىسى، سارىسنىڭ سۈر-ھەيۋىسى ئالدىدى شۇنچە سالماق بولۇپ، ئاغرىنىپ تۇرماستىن خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنمۇ شىركەتتىكىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقمىدى، سارس تۈپەيلىدىن تارقاقلاشتۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىركەتتىكىلەر بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن تەڭ ئۆتكەنلىك روھىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىنى «ئەلى بابا كۈنى» قىلىپ بېكىتتى.

تاۋباۋ ۋە جىفۇباۋ

سارس مەزگىلىدە شىركەتتىن تارقاقلاشتۇرۇلغان ئەلى بابادىكىلەر ئائىلىسىدە ئىشلەپ يۈرۈپ تاۋباۋنى بازارغا سالدى، چۈنكى بۇنى ۋاقتىدا قىلىۋالمىسا خەلقئارالىق تور سودا كاتتىبېشى eBay جۇڭگوغا كىرىشنى پىلانلىغان ئىدى. شۇڭا ما يۈن ئازراقلا كېچىكسە پۇرسەت كېتىپ قالاتتى، 7-ئايدا تاۋباۋ رەسىمى قۇرۇلدى، تاراتقۇلار تاۋباۋ بىلەن eBayنى سېلىشتۇرۇپ «چۈمۈلە بىلەن پىلنىڭ مۇسابىقىسى» دەپ مەسخىرە قىلغانىدى. تاۋباۋ باشتىلا ناھايىتى مۇلايىم ۋە سەۋرچانلىق يولىنى تۇتقان ئىدى، مەسىلەن: سودا يوق ۋاقىتلاردا سودىگەرلەرگە ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ سودا دېگەن ئاستا-ئاستا بولىدۇ، بىر باشلىنىپ كەتسە ئاندىن سىزمۇ يېتىشىپ بولالماي قالىسىز دەپ تەسەللىي بېرەتتى، تاۋباۋ بازاردىكى پايدىلىنىلا قوغلىشىدىغان، باشقا ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان سودا شەكىلدىن پەرقلىنىش ئۈچۈن ھەتتا شۇ ۋاقىتتا توردا مودا بولغان «قەدىرلىكىم» سۆزىنى تاۋباۋ ئارقىلىق پۈتۈن تور دۇنياسىغا يايغان دېيىشكە بولاتتى. بۇ ئارقىلىق كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ھۆرمەت، يېقىنلىق تۇيغۇسىنى بەرپا قىلغىلى بولاتتى، ما يۈننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا «تاۋباۋنىڭ جۇڭگو جەمىئىيتىگە بولغان ئەڭ چوڭ تەسىرى ئىشەنچ مەسىلىسى ئىدى.»

ئۇ ۋاقىتلاردا دۆلەت ئىچىدە توردا ئۈچىنچى تەرەپ ھەق تۆلەش پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى خالايدىغان كارخانا-شىركەت بولمىغانلقى ئۈچۈن، ئەلى بابا 2014-يىلى 12-ئايدا يەنە بىر يول ئاچتى، تاۋباۋ ئاساسىدا ھەق تۆلەش سۇپىسى جىفۇباۋ (ئەلى چىقىمدانى)نى بازارغا سالدى. لېكىن ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ سىستېما تېخى ھازىرقىدەك ئەمەس ئىدى، ئۇ ۋاقىتلاردىكى جىفۇباۋدا ھەق تۆلەشتە ئادەم كۈچى ئارقىلىق ھېساب توغرىلىناتتى، بۇنداق بولغانىكەن ئەلى بابادىكى ھېساب ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملارنىڭ يۈكى ۋە ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى، ھەممە ھېساب-تالون ئىشلىرىنى بىرمۇ-بىر قول سېلىپ ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى. 2006-يىلى تاۋباۋ غەلىبىلىك ھالدا eBayنى جۇڭگو بازىرىدىن سىقىپ چىقاردى.

«قەھرىتاندىكى بۇرچ»

2008-يىلى يۈزبەرگەن ئىقتىسادى كىرزىستە جۇڭگو كارخانىلىرى يەنە بىر قېتىم قىيىن ئەھۋالدا قالدى. ما يۈن بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن ئەلى بابادىكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە بىر مەكتۇپ يازدى، بۇ خەتنىڭ ئىسمى «قەھرىتاندىكى بۇرچ» ئىدى، خەتتە ئۇ مۇنداق يازغان: بۈگۈن كۈندە بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر، بىز ئۆزىمىزنىڭ خېرىدارلىرىغا مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك، پۈتۈن دۇنيا ئەلى باباغا ئىشىنىشكە باشلاۋاتقان بۇ ۋاقىتتا بىز يىقىلساق قەتئىي بولمايدۇ.» بۇ ۋاقىتتا ئەلى بابا ھەقلىق مەھسۇلاتىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ، ئىچكى-تاشقى بېسىملارنى يېنىكلىتىپ، خېرىدارلار بىلەن تەڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش يولىنى تاللىدى.

ئەلى بابادىكى تازىلاش ھەرىكىتى

2011-يىلىنىڭ بېشىدا ئەلى بابادىكى بىرقىسىم سېتىش بۆلۈمىگە مەسئۇل خادىم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئالداش، ساختىپەزلىك قىلغانلىقى تارقىلىشقا باشلىدى، بۇ ئىش تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەلى بابا بۇ ئىشنى ئوچۇق ئاشكارا جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاش شەكلىدە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنداق قىلىپ ساختىلىق ۋە ئالداش ۋەقەسىگە چېتىشلىق 100 نەپەر خادىم ۋە باشقۇرغۇچى ئىشتىن بوشىتىلدى، ھۆججەتلىك فىلىم «بۇ چۈش ئەمەس»تە ما يۈن بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم باشقىلار بىزنىڭ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشىمىزدىن ھەيران قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كىشىلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ ئەلى بابا، ئەلى بابادا قىممەت قارىشى توغرا بولمىغان كىشىلەر ئىشلىسە بولمايدۇ، شۇڭا خاتالىق ئۆتكۈزگىنى مەيلى ئادەتتىكى ئىشچى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىق بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشلا ئىشتىن بوشىتىلىدۇ، ئەلى بابادا ئالدامچى، ساختىپەزلەرگە ئورۇن يوق، بىز ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قاراش سىستېمىسىنى قوغدىشىمىز كېرەك.» بۇ ۋەقەنى ئەلى بابا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ خادىم تەۋرىنىش ھادىسىسى دېيىشكە بولاتتى، ئەلى بابا « خېرىدار بىرىنچى ئورۇندا» دېگەن قارىشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىدى.

قورشاۋدا قىلىش

2011-يىلى 10-ئايدا تاۋباۋدا داۋالغۇش بولدى، تاۋباۋ مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ساختا مالنى چەكلەش ئۈچۈن سودىگەر تەرەپنى تۈرگە ئايرىشنى قارار قىلدى، بۇنىڭدىن نارازىلىق ھېس قىلغان ئوتتۇرا، كىچىك سودىگەرلەر زاكاز قوبۇل قىلماسلىق، زاكازنى قەستەن قايتۇرۋېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ بازار تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش ئارقىلىق قارشىلىق بىلدۈردى، بۇ ئىشنىڭ تەسىر كۈچى زورىيىپ كەتكەچكە ما يۈن دەرھال مۇناسىۋەتلىك تەدبىر قوللىنىپ ئىشنى ھەل قىلدى ۋە قويغان تەلەپ، تەدبىرلىرىدە تەڭشەش قىلدى. 11-ئايغا كەلگەندە يەنە بىر قىسىم سودىگەرلەر تاۋباۋغا تەھدىت سېلىپ مەھسۇلاتقا باھا بېرىش سىستېمىسىنى يوق قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى، ئەمما ما يۈن بۇ ئىشقا قارىتا قەتئىي يول قويمىدى، بىز بۇ ئىشتا خېرىدار تەرەپتە تۇرىمىز، سودىگەر چوقۇم ئىشەنچ ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك دەپ چىڭ تۇردى.

ھەمكارلىق تۈزۈمى

ئەلى بابا 2014-يىلى رەسمىي ھالدا ھەمكارلاشقۇچى تۈزۈمىنى يولغا قويدى، بۇ ئىش 2009-يىلىدىكى 18 نەپەر شىركەت قۇرۇشقا قاتناشقۇچىنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشكە مەلۇم جەھەتتىن ئوخشاپ قالدى. «بۇ خىل ھەمكارلاشقۇچى تۈزۈمىدە شىركەتتە يېڭىلىنىش بولاتتى، قان يېڭىلىناتتى، ياشلارغا پۇرسەت بېرىلەتتى.» ئەلى بابا نۇرغۇن بەدەل ۋە بېسىمغا قارشى ھالدا بۇ قەدەمنى دادىللىق بىلەن باستى، بۇنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ ياخشى بىر كەلگۈسى يارىتىش ئۈچۈن ئىدى.

خاتىمە

«ياشلارنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى ئۇلار ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە قىلغاندىمۇ غەيرەت بىلەن ئۇزۇن بىر سەپەر ئۈچۈن غەيرەت قىلىدۇ.» بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئاخىرىدا ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان، كۆزگە ئېلىنمىغان، كەمسىتىلگەن بىر ياش پەيدا بولدى، ئۇ كىشىلەرگە دەرسلىك كىتاب بولالىغۇدەك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ۋەكىلى ما يۈن ئىدى. مايۈن يەنىلا شۇ ما يۈن، ئەلى بابا يەنىلا شۇ ياشلىقى ۋە جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئەلى بابا ئىدى. فىلىمنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق خەتلەر چىقتى : «بەزى ئىشلاردا ئۈمىدنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن بەل قويۇۋەتمەي تىرىشمايمىز، بەلكى بەل قويۇۋەتمەي تىرىشقاندىلا ئاندىن ئۈمىدنى كۆرگىلى بولىدۇ !»، «سىزنىڭ چۈش، ئارزۇيىڭىز بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ بايلىقىڭىزدۇر !» گەرچە سىز بۇنداق گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما بۇلار ھەممىسى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلانغان راست گەپلەردۇر، دىققەت قىلسىڭىز بۇ گەپلەر سىزگە مۇنداق خىتاب قىلىۋاتاتتى: ئەلى بابا ۋە ما يۈننىڭ ھېكايىسى ۋە ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ، سىزنىڭ ھىكايىڭىزچۇ؟ سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز قاچان يولغا چىقىدۇ؟


شىركىتىمىزدىن  يېڭى يىللىق ھەمكارلىق پۇرسىتى خۇينوڭ تور دۇكىنى 

شاڭخەي تىللا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ روھى  ۋە مەركەزنىڭ 2017- يىلى 12-ئاينىڭ 28 كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان يىزا ئىقتىساد خىزمىتى يېىغىنىڭ پەن تېخنكا ۋە ئۇچۇر، تور سودىسى ئېنتىرنىت كەسىپلىرىنى يىزىلاردا پائال راۋاجلاندۇرۇپ سوتسىئەلىستىك يېڭىچە يېزا قۇرۇپ چېقىش چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، تورسودىسنى يىزىلارغىچە كېڭەيتىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقرىشقا ياردەم بېرىش تۈرى بويىچە   غەربى شىمال رايونىدا  ( ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى، گەنسۇ ئۆلكىسى، چىڭخەي ئۆلكسى، شىزاڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى) ھەر بىر يېزىغا بىردىن خۇينوڭ تور دۇكىنى 惠农e站( دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش پونكىتى قۇرىدۇ. 2018-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون تەۋەسىگە ئاچىدىغا ئومۇمىي دۇكان سانى 50 دۇكان بىلەن چەكلىنىدۇ.   


مەزكۇر دۇكاننىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت تۈرلىرى : 

ئېلېكترونلۇق سودا تۈرى : توردىن ۋاكالىتەن مال سېتىۋىلىش، توردىن دېھقانچىلىققا ئائىت قوللانما ۋە ئەسلىھە سېتىۋىلىش،  ۋە يەرلىك مەھسۇلاتلارنى تاۋباۋ قاتارلىق تورلاردا سېتىپ چىقىرىش ، يەرلىك مەھسۇلاتلارغا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىرىدار ئۇقۇشۇپ بېرىش ۋە دېھقان ياشلارنىڭ تورسودىسىنى ئۈگىنىشكە ياردەم بېرىش .


 يېزا پۇل مۇئامىلە تۈرى : دۆلەت ئىچىدىكى 62 بانكىنىڭ كارتىسىدىن نەق پۇل ئېلىش ، پۇل يۆتكەش، ئىناۋەتلىك كارتا قەرزىنى قايتۇرۇش، ۋە ئىناۋەتلىك كارتا ئېلتىماس قىلىش.

 قولايلىق مۇلازىمەت : توك پۇلى تاپشۇرۇش، قاتناش جەرىمانىسى تاپشۇرۇش، ئايروپىلان بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېىتىش،  ئۈچ بىرلەشمە تېلېگىراف ھەقلىرىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئەلىدۇ.

دۇكانغا سەپلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەر، ئۈستەل كومپىيۇتىر، 55 سۇڭلۇق تېلېۋىزور، تىللا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپاراتى ۋە بىردانە سايىلەش ئىتقدارىغا ئېگە پىرىنتىر ، تام دوسكا ۋە ۋېۋسىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئەلىدۇ. 

ھەمكارلىق شەرتى : ئورۇننى ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا خىرىدار ئۆزى تەمىنلەش بىلەن بىرگە 25 مىڭ يۈەن ئۈسكۈنە زاكالەت پۇلى تاپشۇرىدۇ. دۇكاندار  بېجىرگەن كەسىپلەر ئۈچۈن شىركەت ھەر بىر تالونغا قارىتا  بىر يۈەندىن بەش يۈەنگىچە كىرىم تۈزۈمى بېكىتىپ بېرىدۇ.  خىرىدارنىڭ تۇنجى يىلدىكى ئايلىق ئوتتۇرچە كىرىمى تەخمىنەن 900-يۈەندىن 1800 يۈەنگە يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن سىرت شىركەت تۇنجى يىلى ھەر  بىر دۇكان ئۈچۈن ئىيىغا 280 يۈەندىن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىدۇ. توختام ۋاقتى ئۈچ يىل ياكى بەش يىل بېكىتىلىدۇ. توختام توشقاندىن كېيىن دۇكاندار شىركەت تەمىنلىگەن بارلىق ئۈسكۈنە ۋە ماتىرياللارنى تولۇق تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن 25 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى قولىغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.  

ئەسكەرتىش:  شىركەت بىلەن توختام ئىمزالاپ پۇل تاپشۇرغاندىن كېيىن شىركەت مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە ۋە ماتىرىيال تەييارلاش ئۈسكۈنىلەرنى تورغا كىرگۈزۈش ۋە رەسمىيەت بىجىرىش قاتارلىق رەسمىيەت بېجىرىشكە كىرىشىدۇ ۋە 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 15 كۈنىدىن باشلاپ دۇكانلار بىر تۇتاش ئىشقا كىرىشتۈرىلىدۇ .

كونكىرت ھەمكارلىق مەزمۇنى شىركەت مۇلازىمەت تېلېفونى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈڭ. 

تور مەنزىلى: www.tillapay.com / ئىزدەش نومۇرى: tillapay /ئىككىلىك كودنى تونۇتۇش ياكى سىكانېرلاش ئارقىلىق «تىللا» ئورگان سالونىغا كىرەلەيسىز. قېتىۋېلىڭ، ئەگىشىڭ. ئىشخانا ئادىرىسىمىز :

شاڭخەي شەھرى پۇدۇڭ رايونى جاڭجىياڭ يۇقىرى پەن تېخنىكا تەرەققىيات باغچىسى كېيۈەن يولى 151 -نومۇر (خۇاچىياڭ بىناسى 3-قەۋەت  06- A-ئىشخانا)

上海市浦东新区张江高科园科苑路151号(华强大厦三楼A06

ئۈرۈمچى شەھرى تەڭرىتاغ رايونى جۇڭشەن يولى بەيخۇاسۈن بىناسى 23-قەۋەت 23018-ئىشخانا  

乌鲁木齐市中山路百花村23层2318室

ئىشخانا :021-50902093

 2320220 -0991


ئاقسۇ تارماق شىركەت: 17309970555 

كۇچا تارماق شىركەت :17699174285

قەشقەر تارماق شىركەت : 13309981011

خوتەن تارماق شىركەت : 13399033639

باش سۈرەت تاللاش x
  • غەمكىن4 كۈن ئىلگىرى

    باشقىلار نېمە دېسە دېسۇن. لېكىن مەن تاۋباۋغا ئىشنىمەن بۇرۇنلاردا باشقىلار مال سېتىۋالساق ئالدىنىپ قالدۇق ، دېگەنلەرنى كۆپ ئاڭلىغان لېكىن مەن خەنزۇچىنى تازا ياخشى بىلمەيمەن ، مال سېتىۋالىمەن ، بىرەر قېتىم ئالدىنىپ قالمىدىم تېخى مالنى ئالماي قايتۇرۇۋەتسەك پۇلى ۋاقتىدا قايتىپ كېلىدىكەن.
    مەن بەك رازى بولدۇم.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号