باش بەت

زىيارەت

2610يوللانما
30مەستانە

ئەنگلىيەدە يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى ناچار ھاۋارايى تېلېفون سىگنالىنى ئۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 16:25 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كېلەچەك تورى، (مەركىزىي ئاخبارات تورى) قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈنچى قار، شىۋىرغان، سوغۇق شامال قاتارلىق ناچار ھاۋارايىنى كۈتۈۋالىدىكەن، مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىپ، سوغۇق ھاۋارايىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە تېلېفون سىگنالى ئۈزۈلۈش، توك توختاپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئەر شوتلاندىيە تاغلىق رايونىدا ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن يولدىن ئېزىپ قالغان، قۇتقۇزۇش ئەترىتى قۇتقۇزۇۋالغان بولسىمۇ تۆۋەن تېمپىراتۇرا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى نەپەر تاغقا چىققۇچى قار كۆچۈش تۈپەيلى تاغلىق رايوندا قاپسىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

بىر خىل ئاتلانتىك ئوكياندىن كىرگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا كۈچلۈك شامال چىقىدىكەن ھەمدە شوتلاندىيەدە قاتتىق قار ياغىدىكەن. ئەنگلىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى قار ۋە مۇز ئىككى تۈرلۈك سېرىق رەڭلىك ھاۋارايى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان، يەرلىك تارماقلار سوغۇق شامال ئېقىمى ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، توك سىمى يېرىلىپ كېتىش، تېلېفون سېگنالىنىڭ بىراقلا ئاجىزلاپ كېتىشى، توك توختاش سەۋەبلىك چوڭ قاتناش قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىقىش قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بارلىقىنى ئۇقتۇرغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号