باش بەت

گۈل بەرگى

346يوللانما
25مەستانە

مەلىكىدەك تەقدىرىڭىز بولمىسىمۇ، ئايال پادىشاھتەك يۈرىكىڭىز بولسۇن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 22:29 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كۆپلىگەن كىشىلەر شۇنداق سورايدۇ، نېمىشقا ئاياللار جاپا تارتىپ پۇل تاپىدۇ؟ پۇل تېپىش ئەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەسمۇ؟ ئەمما، مەن دەيمەنكى، سىزدە مەلىكىلەرنىڭ تەقدىرى بولمىسا، چوقۇم ئايال پادىشاھتەك يۈرىكىڭىز بولسۇن. ئايال كىشى ئىقتىساد جەھەتتە مۇستەقىل بولغاندىلا، ھەقىقىي تۈردە ئايال پادىشاھتەك ياشىلايدۇ.

بىرىنچى: ئۆزىڭىزگە قاتتىق قول بولۇڭ

يامان قىزلار تاپانچىنى باشقىلارنىڭ بېشىغا تەڭلەپ، كەمپۈت تالىشىپ يەيدۇ، ياخشى قىزلار ئۆزىنىڭ كەمپۈتى تاكى بۇزۇلۇپ كەتكۈچە يېنىدا ساقلايدۇ.

ئىككىنچى: ئورنىڭىزنى توغرىلاڭ

باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكىنىڭىزدىن پەخىرلىنىپ كەتمەڭ، باشقىلارنىڭ كۆز يېشىنىڭ بەدىلىنى ھامان بىر كۈنى تۆلەيسىز، سىز ئۈچۈن ئائىلىسىدىن ۋاز كېچەلىگەن شۇ ئەر، ۋاقتى كەلگەندە باشقىلار ئۈچۈن سىزدىنمۇ ۋاز كېچەلەيدۇ.

ئۈچىنچى: كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلىشنى بىلىڭ

مۇھەببىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا، يىغلىغۇڭىز كەلسە، ئاۋۋال گىرىملىرىڭىزنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ يىغلاڭ، كېيىن بىر كۈنلەردە، چىرايلىق گىرىمىڭىزنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئالدىراپ ياش تۆكمەيدىغان بولىسىز.

تۆتىنچى: غەلىبە قىلغاندىلا بەختلىك بولغىلى بولىدۇ

ھەممىمىز تۇرمۇشتا ھەر بىر ئىشتا غەلىبە قىلىشنى خالايمىز، بەختلىك ياشاش ئۈچۈن چوقۇم غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

بەشىنچى: ياسالمىلىقمۇ بىر خىل مودا

ئەمەلىيەتتە، مودا دېگىنىمىز، ياسالمىلىق ئىچىدىن ھەقىقەتنى ئىزدەشتۇر، شۇڭا رەھىمسىز رېئاللىق ئىچىدىن گۈزەل ياسالمىلىقنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇش لازىم.

ئالتىنچى: ئوڭۇشسۇزلىققا باتۇرلارچە يۈزلىنىڭ

بىز چوڭ بولدۇق، تۇرمۇش يولىدا، ئەگرى-توقايلىققا يولۇقۇشىمىز مۇقەررەر، شۇڭا ئوڭۇشسىزلىققا باتۇرلارچە يۈزلەنگەندىلا، ئاندىن ئۇنى يەڭگىلى بولىدۇ.

يەتتىنچى: ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ

سىز پەقەت ياخشى ياشىغاندىلا، باشقىلار ئاندىن سىزگە دىققەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ ياشاڭ.

سەككىزىنچى: ئۆزىڭىزنى بەك يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالماڭ.

ھەممەيلەن ئۆزىمىزنى ئالماستەك قىممەت چاغلايمىز، ئەمما، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىيەتتە قۇملۇقتىكى بىر قۇم دانىچىسى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز.

توققۇزىنچى: ئاجىز بولسىڭىز بولىدۇ، ئەمما قەيسەرلىكنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ

ئونىنچى: ياخشى ياشاش ئۈچۈن، چوقۇم تىرىشىشىڭىز كېرەك

تۇرمۇش شۇنداق رەھىمسىز، يول مېڭىشتىن، ھېرىشتىن قورقۇپ، تەنھەرىكەت ئايىغى كىيىۋالسىڭىز، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن قىزلارغا ئۇتتۇرۇپ قويىسىز، ئەتىگىنى قوپۇشقا ئېرىنچەكلىك قىلسىڭىز، سىزدىن 10 مىنۇت بالدۇر قوپقان قىزلارغا ئۇتتۇرۇپ قويىسىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • توختى پوكان4 كۈن ئىلگىرى

    ۋاي توۋا ما ئاياللارغا نىم بولدى ئەمدى بىر ئائىلدىكى پۇل ئىككىلتەرەپكە ئوتاققۇ نىما ئۇ ھوقۇق دىگەن بىرسى بىرسىنى ھۆرمەتلەپ ياخشى ئۆتسە بولا

  • سەنسز5 كۈن ئىلگىرى

    مەن ھازىر دىن باشلاپ چۇقۇم مەلكىدەك ياشاشقا بەل باغلدىم راس گەپكەن ئايالىلارنڭ ئۈزنڭ كىرىمى بولمسا پەقەت بولمايدىكەن ئايالىلق ھۇقۇقى بولمايدكەن

  • فولكلور5 كۈن ئىلگىرى

    بارلىق ياخشى قىزلار ھۆسنىڭلار گۇلدەك ،بۇلاقتەك كۆزلىرىڭلار مەڭگۇ نۇرلىنىپ شات خورام ياشاپ كىتىڭلار،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号