باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13938يوللانما
1423مەستانە

خاررى تىرامپنى «رەنجىتىش»تىن قورقماي ئوبامانى تويىغا تەكلىپ قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 16:55 4 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تورىنىڭ 13-فېۋرالدىكى تېلېگراممىسىغا قارىغاندا، ئەنگلىيە شاھزادىسى خاررى بىلەن ئامېرىكىلىق ئايال ئارتىس مېگان ماركىل ماي ئېيىدا توي قىلىدىغان بولۇپ، مېھمانلار تىزىملىكى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بەزى ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خاررى بىلەن مۇناسىۋىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئامېرىكا سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما ئەر-ئايال خان جەمەتى توي باغىقىنى تاپشۇرۇۋالغان.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك يۇلتۇز گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خاررى بىلەن مېگان يېنىدىكى دوستلىرىنىڭ تەكلىپىنى سىپايىلىك بىلەن رەت قىلىپ، ئوباما ئەر-ئايالنى تويىغا تەكلىپ قىلغان. خان جەمەتىدىكى بىرەيلەننىڭ دېيىشىچە، ياردەمچىسى ئۇلارغا ئوبامانى تەكلىپ قىلماسلىقنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق مېگان بىلەن خاررى «ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى» بويىچە بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان.

كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشى مۇمكىن، دېيىشكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تىرامپ ئۇلارنىڭ توي باغىقىنى تاپشۇرۋالمىغان.

خارى بىلەن مېگان جاۋاب خېتى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك خەتەردىن ساقلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئوبامانى قارار قىلدۇرماقچى بولغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار تەكلىپنامىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئوباما ئەر-ئايالنىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋېتىپتۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئوباما ئەر-ئايالنىڭ قاتنىشش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

شاھزادە خاررى بىلەن ئوباما ئەر-ئايالنىڭ دوستلۇقى ئىنتايىن چوڭقۇر. بۇ دوستلۇق ئوبامانىڭ ئاقسارايغا كىرگەن كۈنىدىن باشلىنىپ، تا ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئوباما ئەر-ئايال ئىلگىرى كېنسىگتون ئوردىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن شاھزادە ۋىليام ئەر-ئايال ھەمدە شاھزادە خاررى بىلەن كەچلىك غىزا يېگەن. (ئۇلار يەنە شاھزادە جورجغىمۇ سالام قىلغان).

شاھزادە خاررى بىلەن مېگان بۇ يىل 19-ماي ۋىندسور قەلئەسىدىكى سانت جورج چېركاۋىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 21263473 ئاي ئىلگىرى

    تۈنۈكۈن ماڭمۇ باغاق ئەۋەتپتكەن تويغا قاتنشپ بەركەن بولساڭ دەپ

  • خەيرى خوش ئۆتمۈش3 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقى دوسلۇق ھوقۇق مال دۇنيا ئۈستىگە قۇرۇلماسلقى كېرەك …

  • خەيرى خوش ئۆتمۈش3 ئاي ئىلگىرى

    مەن بەك قايىل بولدۇم بۇلاغا بەزى كىشىلەر با پۇلى ھوقۇقى بار چاغدا بىر خىل، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغاندا يەنە بىر خىل ،

  • نۇرلۇق (بارسېلونا )3 ئاي ئىلگىرى

    ،،،خاررى تىرامپتىن قورقماي ئوبامانى تەكلىپ قىپتۇ دەيدىكەن ،،ئەگەر تەكلىپ قىمىغان بولسا،،، خاررى تىرامىپتىن قورقۇپ ئوبامانى تەكلىپ قىمىدى،،،، دە بوغىيتتى ،،ئىشقىلىپ داڭلىق بوماقمۇ ئاسان ئەمەسكەن جۇمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号