باش بەت

زىيارەت

1656يوللانما
18مەستانە

ئامېرىكىلىق ئايال ئۇخلاپ قوپۇپلا ئەنگلىيە تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 17:40 9 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مىچېل ميېرىس ئامېرىكا ئارىزونالىق بولۇپ، ئۇ ئەزەلدىن ئامېرىكىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بولسىمۇ ئەمما ھازىر ئەنگلىيە تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغان.

45 ياشقا كىرگەن مىچېلنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى ئۇ بىر قېتىم بېشى قاتتىق ئاغرىۋاتقان ھالەتتە ئۇخلاپ قالغان، ئويغانغاندىن كېيىن توساتتىنلا چەتئەل تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغان.

مىچېلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا گەپ قىلسا ئاۋسترالىيە بىلەن ئېرلاندىيە تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق ئەھۋال تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن.

ھازىر بولسا ئۇنىڭ ئەنگلىيە تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان ھالىتىدە «توختاپ» قالغانلىقىغا ئىككى يىل ئەتراپىدا بولغان.

ئىلگىرى مىچېل يەنە «ئامېرىكا گۈزىلى» تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

مىچېلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزى قارىماققا مارري پوپىنىسنىڭ («شادلىققا چۆمگەن ئالەم» فىلىمىدىكى ئارتىس) تەلەپپۇزىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن.

مىچېلنىڭ بۇ ھالىتىگە «چەت ئەل تەلەپپۇزى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» دەپ دىياگنوز قويۇلدى، تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى داللاس شۆبىسى تارقىلىش توسالغۇسى مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: بۇ خىل كېسەللىك ئادەتتە سەكتە ياكى جاراھەت خاراكتېرلىك مېڭە زەخىملىنىش يۈز بەرگەن چاغدا، بىمار مېڭىسىنىڭ تىل مەركىزى زىيانغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇلار ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىسىمۇ ئاڭلىماققا خۇددى چەت ئەل تەلەپپۇزىدا سۆزلىگەندەك ئاڭلىنىدىكەن، چۈنكى بىمارنىڭ گەپ قىلغاندىكى تىپىك رېتىمى ۋە بەزى بوغۇملۇق تاۋۇشلىرى تولۇق چىقماي، تولغىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.

بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، 2010-يىلى ئامېرىكىدا بىر ئايال پەلەمپەيدە يىقىلىپ چۈشۈپ چوڭ مېڭىسى زەخمىلەنگەن. ئۇ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن سۆزلىگەن ئىنگلىز تىلى تەلەپپۇزى رۇس تىلى تەلەپپۇزىدا چىقىدىغان بولۇپ قالغان.

بروئۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىلشۇناسى شېلىيا بلۇمستېيننىڭ دېيىشىچە، بۇنداق بىمارلار ئادەتتە گىرامماتىكىسى توغرا تىلدا سۆزلىيەلەيدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورنى 2011-يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، 20-ئەسىردە يازما ماتېرىيال ئىچىدە بۇنداق كېسەللىكتىن پەقەت تەخمىنەن 60غا يېقىن خاتىرىلەنگەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن، مەسىلەن، بىر كۈنى ياپونىيەلىك بىمار سەكتە بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ياپون تىلىنى كورېيە تۈسى ئالغان تەلەپپۇزدا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغان.

چەت ئەل تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ناھايىتى داڭلىق بىر مىسالى بار بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە نورۋېگىيە ئوسلۇدا يۈز بەرگەن. بىر ئايال 1941-يىلى ناتسىستلارنىڭ بىر قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئوق پارچىسىدا باش قىسمى يارىلانغانلىقتىن، ئۇنىڭ گەپ قىلغاندىكى رېتىمى ۋە تاۋۇش ئۆزگىرىشى تۈپەيلى گېرمانىيە تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغان، ئەينى ۋاقىتتا نېمىسلارغا قارشى كەيپىيات ئەۋج ئالغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ ئايالغا نۇرغۇنلىغان جىنايەتلەر يۈكلىنىپ قالغان. نۇرغۇن دۇكانلار ئۇنى گېرمانىيەلىك دەپ قارىغاچقا ئۇنىڭغا نەرسە-كېرەك سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغان.

مىچېل بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ سۆز قىلغاندىكى تەلەپپۇزى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، باشقىلار ئۇنى قەستەنگە شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، ئۇنى شۆھرەتپەرەسلىك قىلدى دەپ قارىغان، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

«مېنىڭ تەلەپپۇزۇم ئەمدى مەڭگۈ مۇشۇنداق بولۇپ قالدى، مەن ئاللىقاچان بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىپ بولدۇم.»

 

باش سۈرەت تاللاش x
  • يۇلتۇزلۇق كىچە5 كۈن ئىلگىرى

    نىمە دەيدىكىن دەپتىمە ھەيران قالغۇدەك ئش ئەمەسكەنغۇ ئامرىكىلىقلارنىڭ تىگى ئەنگىلىيەلىك ،خۇددى قارغۇللۇقنىڭ تىگى دىخانلىق بولغاندەكلا،بوسا يەنە بىر ئۇخلاپ ئۇيغۇرچە سۆزلىيە،شۇ چاغدا ساڭا بىر خو با،

  • ئىشەن5 كۈن ئىلگىرى

    كىسەللەرگە دىئاگىنوز قۇيۇشىمۇ ئۆزگىچە دىسە ، مەسلەن تۇلا گەپقىلدىغانلارغا جىق سۆزلەش ئونۋىرسال كىسەللىكى ، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەش ئونۋېرسال كىسەللىكى ، باشقىلارنى تىللاش ئونۋىرسال يىغىندى كىسەللىكى دىگەندەك … ھاھاھاھا

  • دلخۇش5 كۈن ئىلگىرى

    ھېي خەقلە ھېي تلى ئۆزگەرمەيدىكەن پەقەت شىۋسى ئۆزگرىپ كىتىپتۇ

  • 沙鲁克.汗5 كۈن ئىلگىرى

    ئەقلىڭىزگە سىغمىسىلا يالغان بۇلامدا ؟ بەلكىم راس بولسىچۇ

  • Keram5 كۈن ئىلگىرى

    ئاۋاق ئايتىكىن بىر بىلەت كەتتى

  • ئاۋاق ئايتېكىن5 كۈن ئىلگىرى

    نۇر تورىنىڭ كەڭ ئىشتىراكچىلىرىمۇ ھېچقانداق دەللىل ئىسپات يوق ھالەتتە ئۆزىنىڭ ئەقلىگە سىغمىغان ئىشلارنى يالغانغا چىقىرۋېتىدىغان قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىلارغىمۇ بەك ئۆچ…

  • رەڭدار5 كۈن ئىلگىرى

    بىزلەر ماۋۇ كېسەلگە گىرىپتار بولسا ، بىر ئۇخلاپلە ، خوتەن شىۋىسى ، يەنە بىر ئۇخلاپ قۇمۇل ، يەنە بىر ئۇخلاپ غۇلجا شىۋىسى بوپ كەتكۈدەك ھە .....

  • نۇرلۇق (بارسېلونا )5 كۈن ئىلگىرى

    ياخشى بىر ئۇخلاپ قوپۇپ، باشقا تىلدا سۆزلەيدىغان بوپ قالماپتۇ

  • مېھمان5 كۈن ئىلگىرى

    مەن مۇشۇ نۇر تورىنىڭ ئەخمىقانە ئەقىلگە مۇۋاپپىق كەلمەيدىغان يالغان خەۋەرلىرىگە بەك ئۆچ قانداق مۇھەررىر تارقىتىدىكىن تاڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号