باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13938يوللانما
1423مەستانە

ھەر كۈنى ئون كىلومېتىرلىق يولدا مۇز تېيىلىپ ئىشقا بارىدىغان شىۋېتسىيەلىك ئەر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 17:17 0 ئىنكاس چۈشتى

瑞典一男子家住湖边 每天滑冰10千米上班

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كىشىلەر سىرتقا چىقىپ ئىش بېجىرمەكچى بولسا، ماشىنا ھەيدەش، پىيادە مېڭىش ياكى ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇشنى تاللايدۇ. بىراق، شىۋېتسىيەدە مۇنداق بىر كىشى بار، ئۇ ھەركۈنى ئەتىگەن ناھايىتى يوغان مۇز تۇتقان كۆلدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، مۇز تېيىلىغاچ ئىشقا بارىدۇ.

بۇ ئەرنىڭ ئىسمى دەيۋىد ئاللىنسون، شىۋېتسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھەر فاروندا تۇرىدۇ. فاروننىڭ كۆلىمى 30 كىۋادرات كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، دائىملىق نوپۇسى 50 مىڭ كەلسىمۇ، بىراق بۇ جاينىڭ كۆپلىگەن دەريا-كۆللىرى بار.

瑞典一男子家住湖边 每天滑冰10千米上班

ئاللىنسون بىلەن ئائىلىسىدىكىلىرى بۇلتۇر ھازىرقى يېڭى ئۆيىگە كۆچۈپ، كۆل بويىدىكى ئىككى قەۋەتلىك داچىدا ئولتۇرغان. قىش كۈنى كۆل يۈزى مۇز تۇتقاندىن كېيىن، ئۇ ھەر كۈنى ئۇزۇنغا سوزۇلغان دەريا يۈزىدىن مۇز تېيىلىپ ئىشقا بارىدۇ.

«ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنۇم بىلەن ئۆيۈمنىڭ ئەمەلىي ئارىلىقى 3.5 كىلومېتىر كېلىدۇ، بىراق مەن ھەركۈنى يىراق يولنى ئايلىنىپ، ئون كىلومېتىردەك يول يۈرسەممۇ يېرىم سائەتتىلا كېلىپ بولىمەن»، دېدى، ئاللىنسون تونۇشتۇرۇپ.

瑞典一男子家住湖边 每天滑冰10千米上班

نېمە ئۈچۈن مۇز تېيىلىپ ئىشقا بارىدىغانلىقىغا قارىتا، ئۇمۇ سەۋەبىنى چۈشەندۈردى. «مەن ئادەتتە مەھەللە كومېتىتىدا ئىشلەيمەن، بىر كۈنلۈك خىزمىتىم ئىنتايىن جاپالىق ۋە ئالدىراش، مۇز تېيىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېڭى بىر كۈنۈمنى باشلاش كەيپىياتىمنى روھلۇق قىلىدۇ، شۇنداقلا ناھايىتى ئاسانلا خىزمىتىمگە كىرىشەلەيمەن».

ئاللىنسوننىڭ دېيىشىچە، ياز كۈنى كەلگەندە قولۋاق ھەيدەپ ئىشقا بېرىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号