باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

12194يوللانما
1175مەستانە

ئالتە ئايلىق قىزىنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلماقچى بولغان ئانا ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالغىلى قىل قالدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 18:16 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شياۋ يۈەن يېرىم يىل بۇرۇن ئوماق قىزىنى يەڭگىگەن ياش ئانا. يولدىشى بىلەن ئىككىسىلا چىرايلىق بولغاچقا، ئىلگىرى خېلى كۆپ كىشىلەر ئۇلاردىن تۇغۇلغان بالىنىڭمۇ چىرايلىق بولىدىغانلىقىنى دېيىشكەن. دېگەندەك، قىز تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئاپئاق، سۈپسۈزۈك تېرىسى شۇنداقلا قوش قاپىقى بىلەن كۆپچىلىكنى قەۋەتلا خۇشال قىلىۋەتتى. بىراق بىردىنبىر ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بالىنىڭ بۇرنى ياپىلاق بولۇپ، ئىككەيلەن قاڭشارلىق بولغاچقا، شياۋ يۈەن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلالماي، قېيىنئاپىسىغا بۇ ئىشنى دېگەندە، ئايال ئوغلىنىڭمۇ كىچىك ۋاقتىدا بۇرنىنىڭ ياپىلاق ئىكەنلىكىنى، كېيىنچە، ھەركۈنى ئۇنىڭ بۇرنىنى مىجىپ بەرگەچكە، ھازىرقىدەك قاڭشارلىق بولغىنىنى ئېيتتى.

دەسلەپتە، شياۋيۈەن قېيىنئاپىسىنىڭ قارىشىدىن گۇمانلاندى. ئارقىدىن، تېلېۋىزوردىنمۇ مەلۇم بىر ئايال چولپاننىڭ كىچىك ۋاقىتىدا بۇرنىنىڭ ياپىلاق ئىكەنلىكىنى، كېيىن ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بۇرنىنى مىجىپ ھەتتا كىيىم قىسقۇچ بىلەن قىسىپ يۈرۈپ دېگەندەك بىر ئىشلار بىلەن ئاخىرىدا قاڭشارلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن قېيىنئاپىسىنىڭ گېپىگە ئىشەنگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، قىزى چوڭ بولۇپ چىرايلىق بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا رەھمەت ئېيتىدىغان بولۇپ، بەزىدە بۇرنىنى مىجىپ قويغاندا، بالا قەغىشلىك قىلغاندا: «سىزگە ياخشى بولسۇن دەۋاتىمەن»، دېگەن.

بىراق بالا ئالتە ئايلىق بولغاندىن كېيىن، دائىم ھېچبىر سەۋەبسىزلا قەغىشلىك قىلىپ يىغلايدىغان يەنە دائىم قۇلقىنى تۇتىۋالىدىغان بولدى. ئۆيىدىكىلىرى ئۇنىڭ يا زۇكامداپ قالمىغانلىقىنى يا ئاغرىپ قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى زادىلا بىلەلمىدى. ئاخىرىدا يولدىشى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتۈپ باقماقچى بولۇپ، ئەتىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى دوختۇرخانىغا كەلدى. دوختۇر بالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى دېگەندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەيرانلىقتىن تۇرۇپلا قالدى. چۈنكى، ئۇلار كىچىككىنە بالىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەنىدى. دوختۇر بالىنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن تەپسىلىي پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەركۈنى بالىنىڭ بۇرنىنى مىجىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ، مەسىلىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلدى. بىراق بۇ ئۆيدىكىلەر بۇرۇن بىلەن ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنىڭ زادى نېمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى قەتئىيلا چۈشىنەلمىدى.

دوختۇر بوۋاقنىڭ قۇلاق نەيچىسى بىر قەدەر توم، قىسقا، تۈز يەنە كېلىپ، ئورنىمۇ قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەگەر بۇرۇننى قالايمىقان مۇجۇيدىغان ئىش بولسا، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى ئىچكى ئاجرالمىلار ھەمدە باكتېرىيەلەر يۇتقۇنچاق ئارقىلىق ئوتتۇرا قۇلاققا كىرىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېدى. دوختۇر يەنە بالىنىڭ قاڭشارلىق بولۇش-بولماسلىقىنىڭ ئېرسىيەت، ئۆسۈپ-يېتىلىش سۈرئىتى، كېيىنكى ئۇزۇقلۇق ھەمدە بۇرۇننىڭ يارىلىنىش-يارىلانماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، «بۇرۇننى مۇجۇپ بەرسە قاڭشارلىق بولىدۇ»، دېگەن قاراشنىڭ بىر خۇراپىي بولۇپ، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنداق قىلىشى، بالىغا زىيانكەشلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شياۋ يۈەن بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خۇراپىي قاراشقا ئىشىنىپ، بالىسىغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويغىلى تاسلا قالغانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈندى. ھازىرقى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بالىنىڭ قاڭشارلىق بولۇش-بولماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت بالا ساق-سالامەت، ساغلام بولسىلا كۇپايە.

ئەسكەرتمە: ئەمەلىيەتتە، كۆپىنچە بوۋاقلارنىڭ بۇرنى ياپىلاق كېلىدۇ. بىراق بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، قاڭشارمۇ ئاستا-ئاستا يېتىلىدۇ. يەنە كېلىپ، بۇرۇن سۆڭىكىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىزچىل ياشلىق مەزگىلىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇمۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن «قىز بالا چوڭ بولغۇچە 18 قېتىم ئۆزگىرىدۇ» دېيىشىمىزنىڭ بىر سەۋەبى. قاڭشارلىق بولۇش-بولماسلىقنى يەنىلا ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا ئاندىن بىلگىلى بولغاچقا، ياش ئاتا-ئانىلار ۋە كۆپچىلىك بىر قىسىم خۇراپىي قاراشلارغا ئىشەنمەي، بالىنىڭ ساغلام، خۇشال-خورام چوڭ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرساق ئەڭ ياخشى. 

ئۇنداقتا، سىز پەرزەنت تەربىيەسىدە سىز يەنە قانداق خۇراپىي قاراشلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى بىلىسىز؟

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号