باش بەت

ئۇيغۇر

563يوللانما
16مەستانە

دۇنيادىكى پۈتمەي تاشلىنىپ قالغان ئەڭ قىممەت قۇرۇلۇش

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 16:51 6 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى.

دۇبەي پۇلدارلارنىڭ ماكانى. نېفىت، پۇل بۇ شەھەرنىڭ ۋەكىللىك نامى بولۇپ قالدى. ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ باي شەھەر، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئىقتىساد مەركىزى. بۈگۈنكى تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت پۈتمەي تاشلىنىپ قالغان قۇرۇلۇش بولۇپ، دۇبەي ئۇنىڭغا 81 مىليارد 500 مىليون سەرپ قىلغان. دەسلەپتە تۇپراق كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۈنئىي ئارالنى بەرپا قىلماقچى بولۇشقان. كېيىنچە ھەشەمەتلىك ئارامگاھ ۋە مال سېتىۋېلىش مەركىزى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە بايلارنى بۇ ئارالغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا قىزىقتۇرغان. بۇ ئارالدىن ئۆتۈش ئۈچۈن كىشىلەر پەقەت سۇ يولى ياكى ھاۋا قاتنىشىدا ئاندىن ئۆتەلەيتتى.

ئەمەلىيەتتە باشلىنىشىدا دۇبەيلىكلەر يەتتە قىتئەنىڭ مودىلى شەكلىدە بۇ ئارالنى ياسىماقچى بولغان، بىراق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ سېتىۋالالىشى ئۈچۈن بۇ ئارالنى 300 كىچىك ئارالغا بۆلگەن. ھەربىر ئارال ئۆز جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى بويىچە نام بېرىلگەن. مەسىلەن: ئەنگلىيە، ئېرلاندىيە، ئامېرىكا، تايلاند دېگەندەك. ھەتتا بىر قىسىملىرىغا خەلقئارالىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئىسمى قويۇلغان.

قىززىقارلىق يېرى بۇ ئارالغا يەنە كېلىماتنى كونترول قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا قار، يامغۇر ياغدۇرغىلى بولىدىكەن. ھەربىر ئارالنىڭ مۇقىم باھاىسى 15-50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولۇپ، دەرۋەقە مۇشۇنداق باھالا بۇنىڭغا ئوخشاش ھەشەمەت دەرىجىسىدىكى سەپلىمە ۋە ئۈسكىنىلەرگە ماس كېلىدۇ. دۇبەينىڭ بۇنداق ھەشەمپەرەسلىكى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ.

بىراق ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى. ئىقتىسادى كىرزىس دۇبەي ھۆكۈمىتىگە ئېغىر زەربە بەرگەندىن كېيىن، بۇ ئارالنىڭ قۇرۇلۇش پىلانى بېسىپ قويۇلدى. مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەرنىڭ سالغان 81 مىليارد 500 مىليون پۇلىمۇ «قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن» بولدى. بۇ ئاراللار بۈگۈنكى كۈندە قۇرۇق ھالدا دېڭىز ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدۇ، باشقۇرىدىغان ئادەممۇ يوق. دۇنيادىكى ئەڭ باي ھەشەمەتلىك سۈنئىي ئارالغا ئايلانماي تۇرۇپلا، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت پۈتمەي تاشلىنىپ قالان قۇرۇلۇش بولۇپ قالدى. كىشىنى تېخىمۇ ئېچىندۇردىغىنى، ئاسراشنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك، سۇ يۈزىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشى قوشۇلۇپ، تېخى پۈتمىگەن 300 كىچىك ئارال چۆكۈپ كېتىلىش خەۋپىگە ئۇچرىماقتا.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 爱情不是一天故事5 كۈن ئىلگىرى

    ئىنكاسچىلەر بىر توپ ئەقلى ئىقتىدارى ئاجىزلار ،سالغان مەبلەغ نامراتلات ئىشلەمچىلەرنىڭ يانچۇقىغا كەتتى ،

  • يۇلتۇزلۇق كىچە5 كۈن ئىلگىرى

    ئوپدان بوپتۇ تەبىئەتنىڭ كۈچىنى سەل چاغلاشقا ھەرگىز بولمايدۇ ،ئادەم دىگەن تەبىئەت ئالدىدا ھچنىمە ئەمەس ،

  • بوتا كۆز5 كۈن ئىلگىرى

    ئىسىت شۇ پۇلغا ئافرىقا قىتئەسىدىكى بارلىق ئاچارچىلىقتا قالغانلارنىڭ قورسىقى توياتتى چۇنكى 81مىليۇن ئەمەس بەلكى مىليارد دوللار

  • ئۆتكۈر كۆز5 كۈن ئىلگىرى

    مەبلەغ سىلىشتا ئىستراتېگىيە خاتا بولۇپلا قالسا مانا مۇشۇنداق زىيان چىقىدىغان گەپ

  • 138******595 كۈن ئىلگىرى

    ھەجەپ ياخشى بوپتۇ ھامىنى بىر كۈنى نىفىت تەبىئىي گاز تۈگۈسە ئافرىقا قىتئەسىدىكى كەمبەغەل دۆلەتلەر گە ئايلىنىپ قالدۇ

  • بارسېلونالىق5 كۈن ئىلگىرى

    ئىست پۇل ، نامراتلارغا ياردەم قىلسىچۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号