باش بەت

نۇسرەتگۈل

11230يوللانما
211مەستانە

بالا ئوغرىلىرى: چاغاندىن بۇرۇن «سودىمىز» ئەڭ ياخشى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 17:50 2 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بايرام بولسا ئەلۋەتتە ھەممە ئادەم خۇش بولىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدە كىشىلەر بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، بالىلار ئىمتىھان تەييارلىقى، ئاتا-ئانىلار خىزمىتى، ئوغرىلار يىللىق نەتىجە يارىتىش ئۈمىدى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بۇ قاتاردىن ئەلۋەتتە ئادەم بېدىكلىرىمۇ ئايرىلىپ قالمايدۇ. «كىچىك بالىلارنى ئالداپ كېتىش ناھايىتى ئاسان. بولۇپمۇ چاغاننىڭ ئالدىدا ئادەم كۆپىيىپ قالىدۇ، ئاتا-ئانىلار تۇرمۇش ياكى خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولىدىغان بۇ ۋاقىت نەتىجە يارىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى.» ئائىلە باشلىقلىرى، بۇنى كۆردۈڭلارمۇ؟ چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە پەرزەنتىڭلار خەتەرلىك باسقۇچقا كىرىپ قالىدۇ! ئازراقلا دىققەت قىلمىساڭلا بالاڭلار ئادەم سودىگەرلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ!

«ج خ سىتاستىكا يىللىق توپلىمى»نىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك دېلودىن يىلىغا تەخمىنەن 20 مىڭى تۇرغۇزۇلىدىكەن. ھەر بىر ئالدامچىلىق دېلوسى بىر بالىنىڭ يۈتۈشى، بىر ئائىلىنىڭ ئېغىر ئازابى بولۇپ قالىدۇ.

بىراق، ئالدامچىلىق تېخنىكىلىرى توختىماي يېڭىلىنىۋاتىدۇ. «ئاشكارا ئوقتىن ساقلىنىش ئاسان، يوشۇرۇن سۈيقەست يامان.» ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنى كۆز ئالدىدىن ئېلىپ كەتمەكچى بولغانلارنى توسۇيالىغان بىلەن ئەقىللىق ئادەم سودىگەرلىرىنىڭ «كۆڭۈل قويۇپ لاھىيەلىگەن قىلتاقلىرى»دىن ساقلىنالمايدۇ! ئەمەلىيەت كىشىلەرنى «ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىمەن دەپمۇ ساقلانغىلى بولمىغۇدەك» دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى.

ئاتا-ئانىلار تۆۋەندە يېڭىدىن پەيدا بولغان بىر نەچچە ئالدامچىلىق ھۈنەرلىرى بىلەن تونۇشۇۋالسا بالىلىرىنىڭ ئالداپ سېتىۋېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.

1. غەرەزلىك يوشۇرۇنۇش:

بىر ئايال بىر ئائىلىنىڭ بوۋىقىنى ئوغرىلاش ئۈچۈن ئالايىتەن بوۋاق بار قورودىكى بىر ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا كەلدى. ئارقىدىن، بوۋاقنىڭ مومىسى بىلەن بىر ئاماللارنى قىلىپ يېقىنلاشتى. ئۇ ئايال قورودا بىر يىل يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ بوۋاقنىڭ مومىسىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشتى.

بىر قېتىم بوۋاقنىڭ مومىسى بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپ يېيىلغان كىيىملەرنى يىغىپ كىرمەكچى بولغاندا بوۋاقنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. موماي كىيىملەرنى يىغىپ قايتىپ كىرگەندە بوۋاق ئاللىقاياقلارغا غايىب بولدى.

سانلىق مەلۇماتلاردىن بالىلارنى ئالداپ سېتىۋېتىش دېلولىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى تونۇش ئادەملەر سادىر قىلىدىغانلىقى، تونۇش قوشنىلار بولسىمۇ ئاسانلىقچە ئىشەنمەسلىك كېرەكلىكى مەلۇم بولدى.

2. بالىلارغا قەستەن سوقۇلۇش:

بالىلارنى ئالداپ كېتىش دېلولىرى مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىلا يۈز بەرگەن.

بىر قېتىم بىر مەكتەپتىكى بالىلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بىر-بىرلەپ دەرۋازىدىن چىقتى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بىر ئادەم سودىگىرى پەيدا بولۇپ بىر بالىنى قەستەن سوقۇپ يىقىتىۋەتكەندىن كېيىن يالغاندىن كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتمەكچى، تۆلەم بەرمەكچى بولدى. بەختكە يارىشا، بۇ ئىشنى بىر ئوقۇتقۇچى ۋاقتىدا بايقاپ قالغانلىقتىن كۆڭۈل قويۇپ لاھىيەلەنگەن بىر بالا ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدى ئېلىندى.

ئامدامچىلىق تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرىلىدى! ئىلگىرى كىشىلەر ئادەم بېدىكلىرىنىڭ ئۈندىداردىكى «يېقىن ئەتراپتىكىلەرنى ئىزدەش»، «دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرۈش» ئىقتىدارى ئارقىلىق بالىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تاپىلىشى بىلەن ئۇلارنى ئۆيىگە ياكى باشقا جايغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئالداپ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان.

ئائىلە باشلىقلىرى بۇنى بىلىۋالغاندىن كېيىن بالىلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى تورغا كۆپ چىقارمايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم سودىگەرلىرى بالا ئۇچۇرى تاپالماي بالىلار بىلەن قەستەن سوقۇلۇپ كېتىش ئامالىنى تاپتى.

3. قىلتاق ئىچىدىكى قىلتاق:

ئادەم سودىگەرلىرى ئۆزلىرىدىن ئاگاھ بولىدىغان، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش تونۇشى بار بالىلارغا قارىتا «قىلتاق ئىچىدە قىلتاق» قۇردى.

خېنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالداپ سېتىۋېتىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جامائەت پاراۋانلىقى فىلىمىدە مۇنداق بىر كۆرۈنۈش خاتىرىلەنگەن:

باغچىدا يالغۇز ئويناۋاتقان بىر بالىنىڭ ئالدىغا تۇيۇقسىز بىر چوڭ ئادەم كېلىپ گەپ قىلدى: «كىچىك دوست، يالغۇز ئوينىسىڭىز بىخەتەر بولمايدۇ. ئۆيىڭىزدىكىلەر يېقىن ئەتراپتىمۇ؟ سىزنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قوياي». فىلىمدىكى بالا سەزگۈرلۈك بىلەن يا گەپ قىلمىدى، يا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭمىدى.

دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يان تەرەپتىن ناھايىتى ئاقكۆڭۈل كۆرۈنىدىغان بىر ئايال كېلىپ بالىنى ئارقىغا يوشۇرغاچ ئەرنى ئەيىبلەپ: «سىز نېمە قىلماقچى؟ بالىغا يامان نىىيەتتە بولماڭ. بولمىسا ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن!» دېدى. ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى قوغداۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بالا خاتىرجەم ھالدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتتى. بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئەرنىڭ چىرايىدا غەلبە كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

بۇ ھۈنەرگە چوڭلارلا ئەمەس، چوڭلارمۇ ئالدىنىپ قالىدۇ! شۇڭا ئامال بار بالىلارنى ئاممىۋىي سورۇنلاردا يالغۇز قويماسلىق كېرەك.

4. ئوغرى ئوغرىنى تۇت دەپ ۋارقىراپتۇ.

«ئوغرى ئوغرىنى تۇت دەپ ۋارقىراپتۇ» دېگەن ئامال بىر مەزگىل ھەرقايسى جايلاردا خېلى ئەۋج ئالغان.

ئانىسى بالىسىنى ئېلىپ يالغۇز كېتىۋاتقاندا بىر ئايال بالىنى تالىشىپ ۋارقىراپ تۇرۇپ: «نېمە قىلىۋاتىسەن؟ بالىنى قەيەرگە ئاپىرىسەن؟ ئادەم بېدىكى ئىكەنسەنغۇ؟» دېدى.

ئەتراپقا ئادەم توپلاشتى، كىشىلەر ئارىسىدىن 3-2 ئادەم چىقىپ ئۇ ئايالنىڭ بالىنىڭ مومىسى ئىكەنلىكىنى، بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئەسكى ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ھەتتا «ئەسكى»نى ئۇرۇشقا باشلىدى.

بۇنداق ئەھۋال ئادەمنى نېمە قىلارىنى بىلەلمەس قىلىپ قويىدۇ، باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش قىيىنغا توختايدۇ.

ناۋادا ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ساقچىغا مەلۇم قىلسا ياكى ئانا ئەقلىنى ئىشلىتىپ ياندىكى ئاپتوموبىل، دۇكانلارنى چېقىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىگە پايدىسى تېگىدىغانلارنى كۆپرەك توپلىسا ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ ئالدامچىلىقتىن ساقلىنالىشى مۇمكىن.

5. كىچىك بالىلار بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش:

بەزى رەزىل كىشىلەر بالىلار ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.

بىر ئانا مۇنداق دەيدۇ:

تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بالامنى قورودا ئوينىتىۋاتاتتىم. بىر چىرايلىق قىزچاق كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئوينىدى. مەن ئىككى بالىنىڭ خۇشال ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئانچە دىققەت قىلماپتىمەن. قىزچاقنىڭ ئارقىدا ئۆزىنى ئۇنىڭ دادىسى دەۋالغان بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەر بار ئىدى. مەن تېخى ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشتىم. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ 4-كورپۇس 15-بىنادا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئەر ئاپتوموبىلىدا ماشىنا ئادەم بارلىقىنى ئېيتىپ بالىلارغا ئېلىپ كېلىپ بېرىش ئۈچۈن كەتتى. ئارقىدىن، قىزچاق ئوغلۇمنى ئېلىپ ماڭدى. ئوغلۇم خۇشال ئويناۋاتقانلىقتىن بېرىشقا ئۇنىمىدى. بىراق، قىزچاق ئوغلۇمنى سىرتقا تارتتى. ئوغلۇمنىڭ يېشى كىچىك بولغانلىقتىن تارتىۋەرگەچكە يىغلاپ كەتتى. قىزچاق بۇنى كۆرۈپ كېتىپ قالدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇنى كۆپ ئويلاپ كەتمىدىم. بىراق، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن چوڭقۇرلاپ ئويلاپ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەتىسى ئامانلىق ساقلىغۇچىلادىن سورىسام ئۇلارنىڭ تونۇش كۆرۈنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 4-كورپۇس 15-بىناغا بېرىپ ئىزدەپ ھېچقايسى ئائىلىدىن تاپالمىدىم.

بالىلارغا يەتتە نۇقتىنى پىششىق ئۆگىتىپ ئوغرىلىق، ئالدىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئاتا-ئانىلار يۇقىرىدىكى ئالدامچىلىق ھۈنەرلىرىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن چوقۇم ساۋاقنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

1. كوچىدا بالا كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقاندا ئالدى-كەينىدە تىمىسقىلاپ يۈرگەنلەر بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشى، بىرەر ئادەم ياكى ئاپتوموبىل ئەگىشىۋالغان ياكى سوقۇۋەتكەنلىكى، قارشى تەرەپنىڭ ئىش-ھەرىكىتى بىنورماللىقىنى بايقىغاندا بالىنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىش لازىم.

2. بالىلارنى بوۋا-مومىلار سىرتقا ئېلىپ چىققاندا ئادەم سودىگەرلىرىنىڭ بەكرەك كۆزى چۈشىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار بالىلارنى ئامال بار چەت، ئادەم ئاز يوللاردا ئېلىپ ماڭماسلىق، ئويناتماسلىق، ئايلىنىپ يۈرمەسلىكى كېرەك.

3. بالىلارنى ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ كۆكتات بازىرىغا ئېلىپ بارغاندا بالىنى چوقۇم ئالدىدا تۇرغۇزۇش، ھەر ۋاقىت قاراپ تۇرۇش لازىم.

4. ئۆزى بىلەن ھەرخىل كۆڭۈللۈك پاراڭلار ئارقىلىق يېقىنلاشماقچى بولغان ناتونۇشلارغا بالىنى تاپشۇرماسلىق لازىم.

5. بالىلارنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا دىققەتنى چاچماسلىق، گېزىت ئوقۇپ، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ يانفون ئويناپ بالىلارنى يېنىدا ئۇخلىغىلى ياكى ئوينىغىلى قويۇپ بەرمەسلىك لازىم.

6. بالىلارنى ئادەم كۆپ جايلارغا ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ قىستاڭچىلىقتا ئالداپ كېتىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

7. بالا باققۇچى ياكى سائەتلىك ئىشچى تەكلىپ قىلغاندا قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىق تەكشۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تولۇق ئىگىلەش لازىم.

بالا يوقاپ كەتكەندە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.

توردا ھازىرغىچە «بالىلار يوقاپ كېتىپ 24 سائەت بولغاندا ئاندىن دېلو تۇرغۇزۇلىدۇ» دېگەن مىش-مىش پاراڭ تارقىلىپ يۈرىدۇ. بىراق، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىش يوق. بالىلار يوقاپ كەتكەندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىزدەپ تېپىشنىڭ ئالتۇن پەيتى. ساقچىلار مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرىدۇ، 24 سائەت بولۇشىنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇڭا بالىلار يۈتۈپ كەتكەن ھامان پەيتنى چىڭ تۇتۇپ دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • aslap seni3 ئاي ئىلگىرى

    راس بۇنداق ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش تەس بالىرىمىزغا ياخشى قارايلى

  • گۈلى رەنا3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئىشلارغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟ !

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号