باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13938يوللانما
1423مەستانە

«سۆھبەت ئەمەلدارى»دىكى ياڭ مى مۇھەببەت ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 18:01 3 ئىنكاس چۈشتى

《谈判官》杨幂曝爱情观金句 诠释独立新女性

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياڭ مى، خۇاڭ زىتاۋ باش رول ئالغان شەھەر كەسپ مەيدانى تەسۋىرلەنگەن مۇھەببەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى «سۆھبەت ئەمەلدارى» (谈判官) ھازىر خۇنەن تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئالتۇن بۈركۈت تاجىدارىدا قىزغىن قويۇلىۋاتىدۇ. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ھېسسىيات تەرەققىياتى، تۈرلۈك ئوقۇشماسلىقلار كۆرۈرمەنلەرنى ھەرخىل ھېس-تۇيغۇلارغا باشلىسا، ئارتىسلارنىڭ كىيىنىش ئۇسلۇبىمۇ كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئارىسىدا، ياڭ مى رول ئالغان توڭ ۋېينىڭ يېڭى زاماندىكى مۇستەقىل قىز ئوبرازىمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار بەس-بەستە: «ياڭ مى ئىنتايىن قالتىس، ئاكىتپ ئېنرگىيەلىك توڭ ۋېي ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ، بىزگە كەسىپ مەيدانىنىڭ ياشاش قائىدىسىنى ئۆگىتىپلا قالماستىن ئەڭ مۇھىمى، مۇھەببەتتە مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە غوجا بولۇشنى ئۆگەتتى»، دېيىشتى.

《谈判官》杨幂曝爱情观金句 诠释独立新女性

يېقىندا قويۇلغان بىر قانچە قىسىمدا، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئەزەلدىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تەرتىپلىك ياشاپ كېلىۋاتقان توڭ ۋېي ئىختىيارسىزلا شي شياۋفېينىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تۇرمۇش تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. ئەسىلىدىنلا بىر-بىرىگە باغلانمايدىغان ئىككەيلەن، قارشى تەرەپنىڭ ۋۇجۇدىدىكى خاسلىققا مەپتۇن بولۇشۇپ، ئاجايىپ، ئۆزگىچە مۇھەببەت سەپىرىنى باشلايدۇ. باشقا ئادەتتىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئىككەيلەن تاشقى دۇنيا سەۋەبلىك روھىي دۇنياسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ھەرخىل مۇھەببىتىنى ئۆزگەرتمەستىن، ئەكسىچە، بىر-بىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھىتى، مۇھەببەت كۈچى قاتارلىقلارنىڭ تەڭلىشىپ قېلىشى بىلەن ۋەقەلىكنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرىدۇ. بەلكىم تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرىۋاتقان دوستلىرىمىز تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن ئوغۇل دوستى شيې شياۋفېينىڭ كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن توڭ ۋېي ئۇنىڭ يۈزىدىن-يۈزىگە: «ئەگەر مېنى تۇتۇپ قالماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى كۈچلەندۈرسىڭىز توغرا بولىدۇ»، دېگەنلىكىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. توڭ ۋېي بۇنداق دېيىش ئارقىلىق شيې شياۋفېينىڭ ئۆزى ۋە خىزمىتىنى شۇنداقلا مۇھەببەت پوزىتسىيەسىنى قايتىدىن تونۇشىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى.

《谈判官》杨幂曝爱情观金句 诠释独立新女性

پەقەت بۇلا ئەمەس، يېقىن دوستى شيا شەنشەن مۇھەببەتنى دەپ كەسپىدىن ۋاز كەچمەكچى بولغاندا، توڭ ۋېي سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىپ: «مۇھەببەت ئەسىلىدىنلا باراۋەر بولۇشى كېرەك»، دەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، چىن تيەنيۈنىڭ ۋاز كەچمەستىن توختىماي قوغلىشىشىغا قارىتا، ئەزەلدىن گەپنى كېسىپ دەيدىغان توڭ ۋېي بىر ئېغىز سۆزىدە: «سىلەر ھەممىڭلار تىيەنيۈ بىلەن ئىككىمىزنى شۇنچىلىك ماسلىشىسىلەر دېسەڭلارمۇ، بىراق مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغان تۇرسام، ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن قانداقسىغىمۇ بىرگە ئۆتەلىگۈدەكمەن؟»، دەيدۇ. مۇھەببەتكە قارىتا، توڭ ۋېي ئىزچىل مەجبۇرلىماسلىق، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك پوزىتسىيەدە بولۇپ: «مېنىڭچە، مۇھەببەت كۈندە يەيدىغان ئۈچ ۋاق تامىقىمىز ئەمەس، چوقۇم يېمىسەك بولمايدىغان، ھامىنى ماس كېلىدىغىنى ئۇچرايدۇ»، دەيدۇ.

《谈判官》杨幂曝爱情观金句 诠释独立新女性

«سۆھبەت ئەمەلدارى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قارىماققا قىزىقارلىق، يۇمۇرسىتىكتەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق كۆپلىگەن تورداشلار: «مۇھەببەتنى دەپ ئالاقە چەمبىرىكىدىن ۋاز كەچمەسلىك»، «توڭ ۋېي راستتىنلا ئاخسا قىزكەن، قايسى ۋاقىتتا قانداق ئىش قىلىشنى ئوبدان بىلىدىغان، پىرىنسپىچان قىز ئىكەن»، دېيىشىپ، ياڭ مىنىڭ بۇ رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغانلىقىغا قايىل بولۇشتى.

«سۆھبەت ئەمەلدارى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىزغىن قويىلىۋاتىدۇ، ياڭ مى رول ئالغان توڭ ۋېي يەنە قانداق ئىشلارغا يولۇقۇپ، كىشىلىك ھاياتىدا يەنە قانداق تاللاشلارنى ئېلىپ بارىدىغاندۇ؟ قېنى دىققىتىڭلار داۋاملىق مۇشۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا بولسۇن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىغۇبار2 ئاي ئىلگىرى

    ياڭىمى راسىتنىلا بەك چىرايىلق جىما

  • يىڭى3 ئاي ئىلگىرى

    نىمە دىگەن كىلىشكەن چولپان ئادەمنى دىققىتىنى تارتىپ

  • گۈزەلئاي7773 ئاي ئىلگىرى

    بەك تەقەززا قىلۋىتدىكەن بۇ كىنو كۈندە بىر قىسىم يىرىم سائەتلا چىقىپ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号