باش بەت

نۇسرەتگۈل

10522يوللانما
187مەستانە

ئوغرىلانغان پۇلىنىڭ نومۇرىنى ئېسىدە تۇتۇۋالغان ئەر زىياندىن قۇتۇلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 18:40 7 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆيگە قايتىش سەپىرى ھەرقانچە جاپالىق، يول قانچە يىراق بولسىمۇ يولغا چىققان ئادەم ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدۇ، كەيپىيات ياخشى ۋاقىتلاردا ھوشيارلىقمۇ تۆۋەنلەپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر يولۇچى پويىزدا يۇرتىغا قايتىش جەريانىدا بىر پاراڭچى كىشى بىلەن سەپەرداش بولدى. بىراق، يېڭىدىن تونۇشقان بۇ دوست ئۇنىڭ پۇللىرىنى زىيانغا ئۇچراتقىلى قىل قالدى.

29-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت 1لەر ئەتراپىدا چىچىخاردىن دوڭگۇننىڭ شەرقىگە ماڭغان K568 نومۇرلۇق پويىز تيەنجىن بېكىتىگە يېقىنلاشقاندا بىر قىزچاق 1-ۋاگوندا قاتتىق ئۇخلاۋاتقان يولۇچىنى ئويغىتىپ چاپىنى چۈشۈپ كەتكەنلىكى، يانچۇقىدىكى پۇلى بار-يوقلۇقىغا قاراپ بېقىشنى ئېيتتى.

يولۇچى ليۇ xx دەرھال پورتمالىنى ئېلىپ قاراپ ئىچىدىكى 3900 يۈەن يوقلۇقىنى بايقىدى. ساقچىلار ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ليۇ xxنىڭ پويىزغا چىققاندىن كېيىن يېڭىدىن تونۇشقان «دوستى» جاڭ xx بىلەن كۆڭۈللۈك پاراڭلاشقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. دېلو يۈز بەرگەن كۈنى جاڭ xx ليۇ xxنى تاماققا تەكلىپ قىلغان، شۇڭا ليۇ xxمۇ جاڭ xxنى چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلغان، بۇ جەرياندا جاڭ xxھاراق ئىچىش تەكلىپى بەرگەنىدى.

بىراق، مەست بولۇپ قالغان ليۇ xxنى ئۇيقۇ تۇتۇپ چاپىنىنى سېلىپ ئۇيقۇغا كەتتى، ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئويغاتقاندا ئاندىن پورتمالىدىكى پۇللار بىلەن يېڭى تونۇشقان دوستى جاڭ xx يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. شۇڭا ساقچىلار جاڭ xxنى ئەڭ چوڭ جىنايەت گۇماندارى دەپ قارىدى.

ليۇ xxپۇلى يۈتكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن قىزچاق ئۇنىڭغا: «سىز ئۇخلاپ قالغاندا قارشى تەرىپىڭىزدە ئولتۇرغان ئادەم پورتمالىڭىزدىكى پۇللارنى ئېلىۋالدى ھەم نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ چۈشۈشكە تەييار بولدى» دەپ ۋاگون ئىشىكىنى كۆرسەتتى. ساقچىلار بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پويىزدىن جاڭ xxنى ناھايىتى تېزلا تاپتى ھەم يېنىدا خېلى كۆپ نەق پۇل بارلىقىنى بايقىدى. بىراق، ئۇ ئوغرىلىق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.

بۇ ۋاقىتتا ليۇ جاڭ xxنى تۇيۇقسىز يۈتۈپ كەتكەن پۇللىرىنىڭ ئارىسىدىكى بىر 100 يۈەنلىك پۇلنىڭ باشلىنىش نومۇرى DD، ئاخىرلىشىش نومۇرى 5818 ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ بۇ نومۇرنىڭ مەنىسى ياخشىكەن دەپ قارىغانلىقتىن ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتقانىدى. ساقچىلار پۇللارنى تەكشۈرۈپ جاڭ جاڭ xxنىنىڭ يېنىدىن ئاشۇ پۇلنى تاپتى.

جاڭ xx ليۇ xx ئۆزىنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ ھېسابات قىلىدىغاندا پورتمالىدا خېلى كۆپ نەق پۇل تۇرغانلىقىنى بايقاپ ئوغرىلىۋېلىش خىيالىغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. نۆۋەتتە، جاڭ xx چىچىخار تۆمۈريول ج خ ئورگىنىدا جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • MARWEL2 ئاي ئىلگىرى

    ئىسىل '''''''

  • شىرىن ئازاب2 ئاي ئىلگىرى

    راستنلا جۈپ،زا،نۇمۇرلۇق پۇللارنىڭ ساقلاش قىممىتى بارمۇ؟

  • چەكسىز ئۇپۇق2 ئاي ئىلگىرى

    ئەقىللىق ئادەمكەن ،زادى يولدا قىتىلغان ھەمرا ھەمرا ئەمەس دەپ كونىلار توغرا ئيتقان،

  • نۇرلۇق (بارسېلونا )2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ پورتمالىمدا 4يىل بولدى نومۇرى ئوپمۇ ئوخشاش 10,50,100 يۈەنلىك پۇلنى خەجلىۋەتمەي ساقلىۋاتقىلى

  • μζταΜ___少爷2 ئاي ئىلگىرى

    ئۈزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا دەپ ئاڭلا راسكەن ، سەت ياڭزىسى باكەن بۇ ئىككىسىنىڭ ·

  • قەدىريە.2 ئاي ئىلگىرى

    ئەجەب ياخشى ئىش ئىكەن پۇلنىڭ نومۇرىنى يادلىۋالسىمۇ بولغۇدەك.راسلا بىزگە پايدىلىق ئىشلار ئىكەن بۇ ،،،،رەھمەت تەھرىر ،…،،

  • bilemhumar2 ئاي ئىلگىرى

    ۋاھ نىمدىگەن ئەقىللىق ھە !

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号