باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

394يوللانما
9مەستانە

تۆۋەن باھادا 1200 دانە ئوغرىلاپ كېلىنگەن يانفون سېتىۋالغان رۇسىيەلىك ئەر قولغا ئېلىندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 18:53 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 31 ياشلىق بىر ئەر يانفون رېمونت قىلىش دۇكىنى ئاچىدىغان بولۇپ، قولىدا 1200 دىن ئارتۇق يانفون بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارلىق يانفون ئوغرىلاپ كېلىنگەن ئىكەن.

بۇ ئەر مەخسۇس تۆۋەن باھادا ئەقلىيفون سېتىۋالىدىكەن، ئەلۋەتتە ئۇ بۇ يانفونلارنىڭ ئوغرىلاپ كېلىنگەنلىكىنى بىلىدىكەن. ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ رۇسىيە سىبىرىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قىزىلدىكى ئۆيىنى ئاختۇرغاندا، سامسۇڭ Galaxies، ئايفون ۋە باشقا داڭلىق ماركىدىكى تېلېفون قاچىلانغان بەش خالتىنى بايقىغان.

ساقچى تەرەپ بۇ يانفونلارنى يەرگە تىزغاندا، ئويلىمىغان يەردىن بىر ۋاستىكبول مەيدانى لىق تولغان.

نۆۋەتتە رۇسىيە ساقچى تەرەپ بۇ ئەرنى قاماققا ئالغان. رۇسىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 175-ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، زاڭ ماللارنى سېتىۋالغان ۋە ساتقانلارغا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى يىل قاماپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号