باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

510يوللانما
14مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن كانى بار جايدا بالىلار ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 22:45 5 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ھىندونېزىيەنىڭ پاپۇئا ئۆلكىسىدە گەرچە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن كانى بولسىمۇ، ئالتۇن ۋە مىس زاپىسى مول بولسىمۇ، ئەمما ئالتۇن قېزىش بۇ يەردىكى خەلققە باياشات تۇرمۇش ئېلىپ كەلمىگەن. يەرلىك ئۆسمۈرلەر ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بولۇپ، نۇرغۇن ئۆسمۈرلەر ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 12-فېۋرال خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قىزىل ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ھىندونېزىيە پاپۇئا ئۆلكىسىدە 72 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى بالىلار ئىكەن.

رەسىمدىكى ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بۇ قىز بوۋاقنىڭ ئىسمى يۇلىتا ئاتاپ (Yulita Atap) بولۇپ، ئەمدى ئىككى ئايلىق بولدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنى يەڭگىگەندە تۇغۇتى قىيىنغا چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ دادىسى ئۇنى رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋەتكەن. ئۇنىڭ تاغىسى رۇبېن ئاتاپ (Ruben Atap): يۇلىتا ئاتاپنىڭ دادىسى ئىنتايىن ئازابلاندى، ئۇ بالىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ ئايالى بىلەن بىللە دەپىنە قىلماقچى بولدى دېدى. كىيىن ئۇ بالىنىڭ دادىسى قايىل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بالىنى ئۇنىڭ بېقىشىغا بەرگەن، ئەمما ئۇنىڭ كۈنىمۇ ئىنتايىن غۇربەتچىلىكتە ئۆتىدۇ، ھازىر بۇ بالا ئاچلىقتىن بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان، تېنىقىنى ئارانلا ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ئۇلار 2 كۈن يول يۈرۈپ قويۇق ئورمانلىقتىنىڭ ئىچكىرىسىگە سېلىنغان بۇ ئاگاتس (Agats) دوختۇرخانىسىغا كەلگەن.

ئاگاتس دوختۇرخانىسىدىكى يەنە بىر كېسەل كارىۋىتىدا ئوفنېئا يوھاننا (Ofnea Yohanna) ئىسىملىك ئايالنىڭ قىزى ياتىدۇ. ئوفنېئا يوھاننا 12 يىشىدىلا توي قىلغان، بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، 6 بالا تۇغقان، ئەمما ئۇنىڭ 2 ياشلىق، 3 ياشلىق، 4 ياشلىق ئۈچ بالىسىغا ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن. ئوفنېئا يوھاننا مۇنداق دېدى، يېمەكلىك تاپقاندا بىرەر ۋاق تاماق يەلەيدۇ، ئاشلىقنى يەپ بولساق ئاچ ئولتۇرىمىز، چۈنكى بىزنىڭ كېمىمىز يوق، دېڭىزغا چىقىپ بېلىق تۇتالمايمىز.

تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيدىغان بۇ بالىلار ھىندونېزىيە پاپۇئا ئۆلكىسىنىڭ ئاسمەت (Asmat) قەبىلىسىدىن بولۇپ، ئۇلار ئەسلىدە ئىپتىدائىي ئورمانلىقتا ياۋا مېۋىلەرنى تېرىپ، دېڭىزغا چىقىپ بېلىق تۇتۇپ ياشاپ كەلگەن. ئەمما ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ھىندونېزىيەنىڭ باشقا ئاراللىرىدىن سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەر زور مىقداردا كۆچۈپ كىلىپ، ئۇلارنىڭ ياشاش بوشلۇقىنى ئىگىلىۋالغان. ئۇلار تۇرىدىغان جايغا ئەڭ يېقىن بولغان شەھەر تىمىكا (Timika) دا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن كانى بايقىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ بۇ يەرگە ئېقىپ كىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئورمان كېسىش ۋە سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ چەتلىشىشى سەۋەبىدىن، ھىندونېزىيە پاپۇئا ئۆلكىسىدىكى ئاسمەت قەبىلىسىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى كرىزىس ئىچىدە قالغان. ئەمەلىيەتتە پاپۇئالىقلار ھىندونېزىيە بىلەن بىرىككەندىن كېيىن، تۇرمۇش سۈپىتىدە بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان، ئۇزۇن مەزگىل چېرىكلىشىش، ئۇرۇش، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ۋە نامراتلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. گەرچە بۇ ئۆلكىدە مول ئالتۇن كانى بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك كىشىلەر ئۇلارنىڭ كان مەھسۇلات بايلىق مەنبەسى ئادىل بولمىغان يۇسۇندا تالان-تاراج قىلىندى دەپ قارىغان.

ھىندونېزىيەنىڭ پاپۇئا يەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بويرافلى ئامار (Boy Rafli Amar) پاپۇئا ئۆلكىسىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاسمەت قەبىلىسىدىكى ئۆسمۈرلەرگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ، نىسبىتى خىلىلا يۇقىرى دېدى. ئۇلار پائال تۈردە ۋاكسىنا ۋە يېمەكلىك ئېۋەرتىپ تۇرىدىكەن.

رەسىمدە پاپۇئالىق بالىلار دەريادا ئويناۋاتىدۇ

باش سۈرەت تاللاش x
  • karwan72212 ئاي ئىلگىرى

    پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا دىگەنگە تازا ئىشەنمەس بولدۇم جۇمۇ ،

  • قۇيۇن2 ئاي ئىلگىرى

    ئەگەر يېقىن بولغان بولسا مەن قۇلۇمدىن كىلىشچە ياردەم قىلغان بولاتتىم

  • گۈل ھاياتىم2 ئاي ئىلگىرى

    بەكلا يۈرىكىم ئېزىلدى بىزگە كۈندە بايرامكەن…

  • ياۋۇز 192 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي ئىسىت بىچارىلەر

  • RUHSAR5252 ئاي ئىلگىرى

    ھازىرقى كۈنلىرىمىزنىڭ قەدرىگە يىتەيلى
    قىرىنداشلار!!

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号