باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

394يوللانما
9مەستانە

دېڭىز سەيلىسىگە چىققان چاۋشيەن مەدەتچىلەر ئۆمىكىنى دوستانە كورېيەلىكلەر ئورىۋېلىشتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 21:59 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

13-فېۋرال چاۋشيەننىڭ مەدەتچىلەر ئەترىتىنىڭ كورىيەگە يېتىپ كەلگەن 7-كۈنى بولۇپ، تاراتقۇلار «ساھىبجاماللار ئەترىتى» دەپ تەرىپلىگەن بۇ ئەترەت جاپالىق مەشىق ۋە ياردەم بېرىش تۈرىنى تاماملىغان ئارىلىقتا، بىر كۈن بوش ۋاقىت چىقىرىپ، گيوڭپوداي (Gyeongpodae) غا قىشتىكى دېڭىز مەنزىرىسىنى كۆرگىلى چىقتى.

مەدەتچىلەر ئەترىتى ئەزالىرى ئۇچىسىغا قىزىل تەنھەرىكەت كىيىمى، بېشىغا ئاق قۇلاقچا كىيىۋالغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم 7 چوڭ ئاپتوبوسقا ئولتۇرۇپ گيوڭپوداي (Gyeongpodae) ۋە ئوجۇكھېئون (Ojukheon) قاتارلىق جياڭلىڭ رايونىدىكى داڭلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

ئۇلارنىڭ كېلىشى مەنزىرە نۇقتىسىغا بىر مۇنچە ھۆسىن قوشقان، شۇڭا بارغانلا يېرىدە ساياھەتچىلەر ئۇلارنى ئورىۋىلىپ قارشى ئالغان، ئۇلار مەنزىرىنى تاماش قىلىش بىلەن بىرگە ساياھەتچىلەر نەزىرىدە تاماشا قىلىدىغان مەنزىرىگە ئايلانغان.

مەدەتچىلەر ئەترىتى ئەزالىرى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 12:20 ئەتراپىدا گيوڭپو دېڭىز ساھىلىدىكى مەركىزى مەيدانغا يېتىپ كىلىپ، رەتلىك تېزىلىپ دېڭىز بويىدىكى قۇملۇقتا سەيلە قىلىپ، قىشتىدىكى دېڭىز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغان. نۇرغۇن مۇخبىرلار ۋە خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن ئامما ئۇلارنى ئورىۋالغان، مۇخبىرلار توختىماي ئۇلاردىن ھەر خىل سۇئاللارنى سورىغان، مىڭ تەسلىكتە سىرتقا ساياھەتكە چىققان ساھىبجامال ئەترەتنىڭ ئەزالىرى جاۋاب بىرىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالغان.

نەق مەيداندىكى مۇخبىرلار مەدەتچىلەر ئەترىتىگە ئەگىشىپ ماڭغان، خادىملار ئىنتايىن زىچ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكمۇ قىستا-قىستاڭ بولغاچ، دېڭىز ساھىلىدا توپا-چاڭ كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. گەرچە ئۇلار دېڭىزنى ئارامخۇدا كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەدەتچىلەر ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان، ئۇلار مۇخبىرلارنىڭ ئۆزلىرىنى قىستاشلىرىغا بىزار بولغاندەك قىياپەتتە تۇرمىغان، بەلكى ئىزچىل كۈلۈمسىرەپلا تۇرغان.

مۇخبىرلار ئۇلارنىڭ مەنزىرە قانداق ئىكەن دەپ سورىغاندا، ئەترەت ئەزالىرى بەس-بەس بىلەن «ناھايىتى ياخشى ئىكەن» دەپ جاۋاپ بەرگەن. يېقىن ئەتراپتىكى كورىيەلىك ساياھەتچىلەر ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر بۇ ساھىبجامال مەدەتچىلەر ئەترىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن، قىسمەن شەھەر ئاھالىلىرى مەدەتچىلەر ئەترىتى ئەزالىرىغا «بىز بىر گەۋدە» دەپ ۋارقىراپ، ئۇلارنىڭ قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

نەق مەيداندىن بەزىلەر «گۈزەل» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ گۈزەل ھۆسنى جامالىنى ماختىغان. نەق مەيداندىكى كىشىلەر زىيادە كۆپ بولغاچقا، ھە- ھۇچىلار ئەترىتى ئەزالىرى گيوڭپو دېڭىز ساھىلىدا پەقەت 30 مىنۇت ئەتراپىدىلا تۇرالىغان، ئەسلى پىلاندىكى مۇشۇ جايدا چالغۇ ماھارىتى ئورۇنداش پىلانىنىمۇ ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号