باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

394يوللانما
9مەستانە

يانفوندىكى رەسىم قىزچاقنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قايتا جەم قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 19:11 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

12-فېۋرال، شىئەندىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسى بىر كىچىك قىزچاقنىڭ ئۆزى يالغۇز يولدا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئالدىغا بېرىپ سوراش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن تېپىشالماي قالغانلىقىنى بىلىپ، بالىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، يانفوندىكى بىر پارچە رەسىم ئارقىلىق قىزچاقنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن ئالاقىلاشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 لاردا، شىخۇامېن قوۋۇقى كېسىشمە يول ئېغىزىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان شىئەن قاتناش ساقچى ئەترىتى ليەنخۇ چوڭ ئەترىتى غەربىي چوڭ كوچا ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئايال ساقچىسى نېپىز كىيىنىۋالغان بىر كىچىك قىزچاقنىڭ كېسىشمە يول ئېغىزىدىكى ئۆتۈشمە يولدا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈپ يۈرگەنلىكىنى بايقىغان. خەلق ساقچىسى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سوراش ئارقىلىق، بۇ قىزچاقنىڭ ئانىسى بىلەن ئادىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن، خەلق ساقچىسى بۇ كىچىك قىزچاقنى كېسىشمە يول ئېغىزىنىڭ غەربىي جەنۇبىي گىرۋىگىدىكى ساقچى پونكىتىغا ئاپىرىپ ئارام ئالدۇرغان.

بۇ كىچىك قىزچاقنىڭ نېپىز كىيىنگەنلىكىنى كۆرگەن خەلق ساقچىسى ئۇنىڭغا پاختىلىق چاپىنىنى كىيدۈرۈپ قويغان. ئۇنىڭدىن گەپ سوراش جەريانىدا، قىزچاق ئۆزىنىڭ يەتتە ياشتىن ئاشقانلىقىنى، چۈشتىن بۇرۇن ئانىسى بىلەن ئادىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. خەلق ساقچىسى ئۇنىڭدىن ئائىلىسىنىڭ تۇرۇشلۇق ئادرېسى ياكى ئۆيدىكىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش شەكلىنى بىلىدىغان بىلمەيدىغانلىقى سورىغاندا، قىزچاق ئېنىق بىلمەيمەن دەپ جاۋاب بەرگەن. قىزچاقنىڭ يېنىدا بىر يانفون بولۇپ، يانفوننىڭ توكى قالمىغان ئىكەن. خەلق ساقچىسى دەرھال باتارىيە زەرەتلىگۈچ تېپىپ كېلىپ، يانفوننى ئاچقاندىن كېيىن يانفونغا تېلېفون كارتىسى سېلىنمىغانلىقىنى بايقىغان. كېيىن خەلق ساقچىسى يانفوندىكى ئالبومدىن بىر دانە بانكا كارتىسىنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ قالغان، رەسىمدە قىزچاقنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ رەسىمىمۇ بار ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن خەلق ساقچىسى يېقىن ئەتراپتىكى بىر بانكىغا كىرىپ، بانكا كارتىسىدىكى ئۇچۇر ئارقىلىق كارتىنى ئاچقۇزغان ئادەم بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ قىزچاقنىڭ شىنجاڭدىكى مومىسىنىڭ بانكا كارتىسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن، خەلق ساقچىسى مومىسى تەمىنلەپ بەرگەن تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق شىئەن شەھىرىدىكى ئانىسى بىلەن ئالاقىلاشقان. بالىنىڭ ئانىسىنىڭ دېيىشىچە، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30 ئەتراپىدا بالىسىنى ئېلىپ خۇيزۇلار كوچىسىغا تاماق يېگىلى بارغاندا، ئادەم بەك كۆپ بولغاچقا، بالىسى بىلەن ئادىشىپ كەتكەن ئىكەن، بالىنىڭ ئانىسى تېزلا بالىسىنى ئالغىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

چۈش سائەت 12:40دە، بالىنىڭ ئانىسى ساقچى پونكىتىغا كەلگەن، خەلق ساقچىسى نەق مەيدانغا سالاھىيەت ئۇچۇرىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، قىزچاقنى ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 5026094 كۈن ئىلگىرى

    ئىسىل ھەي ئىسىل ...........

  • 1213ziba5 كۈن ئىلگىرى

    رەھمەت ساقچىلار جاپا چەكتىڭلار ھۆرمەت بىلدۈرىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号