باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

12194يوللانما
1175مەستانە

«ئىپارخان»نىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن تۈكۈرۈك دېڭىزىغا غەرق بولغان «شياۋجيەن»

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 18:36 1 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇ خوڭجيا دېگەن ئىسىم تىلغا ئېلىنسا، بەلكىم كۆپچىلىك ناتونۇش ھېس قىلىشى مۇمكىن. بىراق ئۇنىڭ «مەلىكە خۇەنجۇ 2»دە بىر نەي، بىر قىلىچ بىلەن جاھان كېزىپ يۈرىدىغان تالانتلىق يىگىت «شياۋ جيەن» ئوبرازىنى دېسەك، ئۇنىڭ كىملىكى دەرھال ئېسىمىزگە كېلىدۇ. ئەينى يىللىرى بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىر قىسىم ئارتىسلارنى كۆككە كۆتۈرۈپ ھەتتا «روڭ ئىنىكئانا»نىڭ رولىنى ئالغان لى چىمىڭنىمۇ تور چولپىنى قىلىۋەتتى. بىراق پەقەت ۋە پەقەت جۇ خوڭجيالا باشتىن-ئاخىرى دېگەندەك نام قازىنالمىدى.

كۆپچىلىك بەلكىم جۇ خوڭجيانىڭ بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ 89-قارارلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن يۈ فېيخوڭ، لى يۈنلوڭ قاتارلىقلار بار. 1.82 مېتىرلىق ئېگىزلىكى بىلەن ئۇ ئىلگىرى يۈز مېتىرلىق يۈگۈرۈشنىڭ چېمپىيونى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك يىراققا سەكرەش تۈرىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا «ئالدىنىش» (上一当) ناملىق كىنوغا قاتنىشىپ، خېلى ياخشى ئىنكاسقا ئېرىشىپ، ئارقىدىن يەنە بىر قېتىم خې چۈن رېژىسسور بىلەن ھەمكارىلىشىپ «قىزىقچى» (滑稽人) ناملىق كىنودا رول ئالغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ تۇنجى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يېڭى دەۋرىدىكى ئىشق-مۇھەببەت»تە (新言情时代) تالانتلىق ئايال ئارتىس شۈ جىڭلېي بىلەن ھەمكارىلاشقان.

جۇ خوڭجيانى ھەقىقىي داڭق قازاندۇرغىنى ئەلۋەتتە «مەلىكە خۇەنجۇ 2»دۇر. ئۇ بۇنىڭدا جاۋ ۋېينىڭ ئاكىسى «شياۋ جيەن»نىڭ رولىنى ئېلىپ، كېلىشكەن قەددى-قامىتى، ئالاھىدىلىكى بىلەن خېلى كۆپ تاماشىبنلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە «武林外史»غا قاتىنىشپ، ئادەمگەرچىلىكى بار ھەم تالانتلىق چامباشچى «شيۇڭ ماۋئېر»نىڭ رولىنى ئالغان. گەرچە كۆرۈنۈشى دېگەندەك كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدە چوڭقۇر ساقلىنىپ، جۇ خوڭجيادىن ئىبارەت بۇ ئىسىم كۆرۈرمەنلەرگە تونۇشلۇق بولغان. بىراق تولىمۇ ئەپسۇس، بىر قېتىملىق تاساددىپىيلىق بىلەن ئەسلىدىنلا راسا گۈللىنىۋاتقان ئۇنىڭ كەسپى غايەت زور تەسىرگە ئۇچرىدى.

ئەينى يىلى جۇ خوڭجيا بىلەن «ئىپارخان» ليۇ دەننىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقان بىر جۈپلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان. كېيىن ليۇ دەن قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغاندا، جۇ خوڭجيا تۇنجى ۋاقىتتا كۆپچىلىكنىڭ «ئىتتىرىشى» بىلەن بوران-چاپقۇن ئېغىزىغا چىقىپ، «تۈكۈرۈك دېڭىزى»غا غەرق بولغان. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ چۈشەندۈرۈشنى تاللىماي، ئىزچىل ئۇزاق يىللاردىن كېيىن، بىرەيلەن قايتىدىن تىلغا ئالغاندا، ئەينى ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ليۇ دەن بىلەن پەقەتلا ئادەتتىكى يېقىن دوستلاردىن ئىكەنلىكىنى، مۇھەببەتلەشمىگەنلىكنى، ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىپ چۈشەندۈرمەسلىكىنىڭ پەقەتلا ليۇ دەننىڭ خاتىرجەم كېتىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گەرچە بۇ ئىش شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن ئاخىرى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، بىراق جۇ خوڭجيانىڭ سەنئەت كەسپىگە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ نەزىردىكى «ئەخلەت ئەر»گە ئايلاندى. مەستانىلەرمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. گەرچە ئۇ كېيىن خېلى ياخشى تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، بىراق كۆپچىلىك يەنىلا ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشنى خالىمىدى. تا بۈگۈنگە قەدەر بىر قىسىم كۆرۈرمەنلەر ئۇنى خاتا چۈشىنىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئۇ: «مەن ئۈچۈن داڭق قازىنىش-قازانماسلىق مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلىسەملا بولدى»، دېدى.

بۈگۈنكى كۈندە جۇ خوڭجيامۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىغا قاتناشمايدىغان بولدى، بەلكىم كەسپ تەرەققىياتى ئاسانغا چۈشمىگەندۇ يەنە بەلكىم تاماشا ساھەسىدىكى تۇرمۇشتىن زېرىككەندۇ، ئىشقىلىپ، نېمىلا دېگەنبىلەن، ئۇ ئىككى يىلغا يېقىن كىنو ئىشلىمەي، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • غېرىب5 كۈن ئىلگىرى

    بىر گەپنى چۇشەنگەن بولسام كاشكى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号