باش بەت

نۇسرەتگۈل

11230يوللانما
211مەستانە

توكسىكلىت ئوغرىلاپ ئازگالغا چۈشۈپ كەتكەن ئەر توكسىكلىت ئىگىسىدىن ياردەم سورىدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 18:36 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر ئەر توكسىكلىت ئوغرىلاپ مېڭىپ ئازگالغا چۈشۈپ كەتتى، جىددىيچىلىكتە ئۆزىمۇ بىلمەيلا نەق توكسىكلىت ئىگىسىدىن ياردەم سوراپ ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشتى. يېقىندا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى توڭلياۋ شەھىرى خورچىن رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى رېن xxنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.

بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن رېن xx ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. 2012-يىلى ئوغرىلىق قىلىپ مەمۇرىي ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان. بىراق، جازالانغاندىن كېيىنمۇ خۇيىنى ئۆزگەرتمىگەن بۇ ئەر 2018-يىلى 5-يانۋار كەچتە مەست بولۇۋالغاندىن كېيىن توكسىكلىتى يوقلۇقىغا ئىچى پۇشۇپ كوچا ئايلىنىپ نىشان ئىزدىدى ھەم يول بويىدا توختىتىلغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتقا كۆزى چۈشتى. بىراق، ئۇ يول بىلمىگەنلىكتىن كېتىۋېتىش جەريانىدا يول بويىدىكى ئازگالغا چۈشۈپ كەتتى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا توكسىكلىتىنى ئىزدەپ چىققان يۈ xx كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئازگالدىن چىقالماي تۇرغان رېن xx ئۇنىڭدىن ياردەم سورىدى، يۈ xx نەق مەيداندا ساقچىغا مەلۇم قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号