باش بەت

ئۈمىدجان

446يوللانما
1مەستانە

2018-يىللىق جاگۇئار XJ بازارغا سېلىندى: باھاسى 898 مىڭ يۈەندىن بىر مىليون 108 مىڭ يۈەنگىچە

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 18:46 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

جاگۇئار ئورگان تەرەپتىن ئىگىلىنىشچە، 2018-يىللىق نۇسخىدىكى جاگۇئار XJ ئاپتوموبىلىنىڭ باھاسى رەسىمىي ئېلان قىلىنغان، يېڭى ئاپتوموبىل كونا نۇسخىدىكى XJنىڭ دەسلەپكى دەرىجىلىكى ۋە يۇقىرى سەپلىمىلىكى ئىخچاملىغان، يېڭىدىن 3.0Tلىق ئىككى چاق سۆرەيدىغان تولۇق كۆرۈنۈشلۈك سودا نۇسخىسى كۆپەيتىلگەن، باھا دائىرىسى 898 مىڭ 800 يۈەندىن بىر مىليون 108 مىڭ يۈەنگىچە.

يېڭى نۇسخىدىكى XJ كونا نۇسخىسىغا سېلىشتۇرغاندا تاشقى قىياپىتى ۋە ئىچكى بېزەكتە ئالاھىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان، پەقەت سەپلىمە جەھەتتە تەڭشىگەن، مەسىلەن ئۆز ماسلاشما يىراق-يېقىننى يورۇتۇش چىرىغى كۆپەيتىلگەن، 10.2 ديۇملۇق كۆپ مېدىيا ئېكرانى سەپلەنگەن، بىرلا ۋاقىتتا ھەرقايسى تىپلىرىنىڭ باھاسى ئۆزگەرمىگەن.

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى قىسىمىدا يېڭى XJدا ئەسلىدىكى 2.0Tلىق ماتور بىكار قىلىنغان، 3.0L V6لىق مېخانىك بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 340 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 450 نيۇتون مېتىر. ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىدا سەككىز خوتلۇق ئاپتوماتىك تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان، قىسمەن تىپلىرىغا يەنە تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسى سەپلەنگەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号