باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

394يوللانما
9مەستانە

بۇ تۆت خىل يېمەكلىكنى دائىم يېگەندە ئېغىز پۇراشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋىتىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 19:15 0 ئىنكاس چۈشتى

39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئېغىز پۇراش يېمەك-ئىچمەك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، تۆۋەندىكى تۆت خىل يېمەكلىك ئېغىز پۇراشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، يەنى، ھاراق، يالپۇز تەملىك كەمپۈت، گۆش، قۇرۇق مېۋە-چېۋە. ئېغىز پۇراشنىڭ ئالتە چوڭ خەۋىپى بار، يەنى ئىشتاھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئاشقازان راكى، ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، ئاشقازان ۋە ئۈچەي كېسەللىكلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

1. ھاراق (酒)

ئىسپىرت بولسا بىر خىل سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش دورىسى، ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچكەندە، ئېغىز، چوڭ مېڭە ۋە بەدەن سۇسىزلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۆلگەينىڭ نورمال ئاجرىلىپ چىقىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. شۆلگەي تەركىبىدە «پۇراقلىق باكتېرىيە» لەر پارچىلايدىغان ۋە ئېقىتىپ كىتىدىغان نۇرغۇن ماددىلار بولىدۇ، شۇڭا ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچكەندە، ئېغىز پۇراش ئېغىرلىشىپ كىتىدۇ. ھاراق ئىچكەندە ئامالنىڭ بارىچە كۆپرەك قايناق سۇ ئىچىپ بىرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

2. يالپۇز تەملىك كەمپۈت (薄荷糖)

ئامېرىكا چىكاگو ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمى مۇتەخەسسىسلەر جېشكا ئېمورى دوكتور مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۇرغۇن يالپۇز تەملىك كەمپۈت ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىپ، ئېغىزدىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىدۇ دەپ قارىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ پايدىسى ئاز، زىيىنى كۆپ بولىدۇ. مېنتول ئېغىزدىن يوقىغان ھامان، ئېغىزدىكى سېسىق پۇراق تىزدىن ئۆرلەپ ئېغىرلىشىپ كىتىدۇ. كۆپ ساندىكى يالپۇز تەملىك كەمپۈتلەرنىڭ تەركىبىدە ساخاروزا، يەنى «باركتېرىيە توپلانغان ئېسىل يېمەكلىك» بولىدۇ، باكتېرىيەلەر قەنتنى پارچىلاش جەريانىدا سۇلفىد قويۇپ بىرىدۇ-دە، ئېغىز پۇراشنى ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ.

3. گۆش (肉)

ئېمورى دوكتۇر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گۆشنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بەدەننىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بەدەن ئۇنى كاربون سۇ بىرىكمىسىگە پارچىلاپ ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرىدۇ. پارچىلاش جەريانىدا ئاممىياك (سۈيدۈك پۇرايدۇ) پەيدا بولىدۇ، ئۇلار ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ.

4. قۇرۇق مېۋە-چېۋە (干果)

قۇرۇق مېۋە-چېۋە تەركىبىدە زور مىقداردىكى باكتېرىيە پەيدا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان شېكەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە زور مىقداردىكى ئېرىمەيدىغان يېمەكلىك تالاسى بولىدۇ، بۇلار ئاسانلا ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىش ئېرىقچىلىرىغا شېكەرنىڭ يىغىلىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قۇرۇق مېۋە-چېۋىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، چوقۇم ۋاقتىدا چىشنى تازىلاش كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号