باش بەت

نۇرباغ

776يوللانما
71مەستانە

ئېلون ماسك ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان قالتىس خىسلەتلىك ئادەم

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 22:57 7 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تور تەرجىمىسى.

ئېلون ماسكنىڭ «ئوۋچى بۈركۈت» ناملىق ئېغىر تىپتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى راكېتاسى مۇۋاپپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك راكېتاغا ئايلىنىپ، تارىخ ياراتتى. بۇ ئېلون ماسكنىڭ 2021-يىلىدىن 2031-يىلىغىچە ئىنسانلارنى مارسقا ئېلىپ چىقىمەن دېگەن ۋەدىسىگە قارىتا چوڭ بىر قەدەم ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«ئوۋچى بۈركۈت» ناملىق ئېغىر تىپتىكى راكېتانىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە، ماسىك مۇنداق ئىككى كىشىگە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان: بىرى ناخشىچى David Bowie. مەيلى ئىلگىرى تارقىتىلغان «ئوۋچى بۈركۈت» نىڭ ئۇقۇم فىلىمىدە بولسۇن، ياكى راكېتاغا قوشۇلغان مۇزىكا بولسۇن ھەممىسىدە مۇشۇ كىشىنىڭ ناخشىسى سەپلەنگەن. يەنە بىرى بولسا ئامېرىكىدىكى داڭدار فانتازىيە يازغۇچىسى Isaac Asimov (ئىساك ئاسىموف). «ئوۋچى بۈركۈت» كە سەپلەنگەن تېسلا مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئىچىگە بىر يۈرۈش «سامانيولى ئېمپىرىيىسى: بازا» كىتابى سەپلەنگەن.

ئېلون ماسك بالا ۋاقىتلىرىدا كۈندە ئون سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ كىتاب ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خېلى زور بىر قىسمى ئۇنىڭ بۈگۈنكى دۇنيانى قۇرۇپ چىقىشىغا ئىلھام قىلغان. 

ئاسىموف ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پەقەت ماسكلا ئەمەس. بىل گايتىس، زاكېربۇرگ ۋە ئامېرىكىدىكى خېلى كۆپ ساندىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇنىڭ ساداقەتمەن ئوقۇرمەنلىرى.

1920-يىلى 2-يانۋار ئىساك ئاسىموف روسىيەنىڭ موسكۋا شەھرىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى كىچىك يېزىدا دۇنياغا كەلگەن. ئاتا-ئانىسى يەھۇدى ئىدى. ئىككى ياش ۋاقتىدا ئۇ ئۆپكە ياللۇغى سەۋەپلىك ئۆلۈپ كەتكىلى تاس قالغان بولۇپ، يەرلىكتىكى ئۆپكە ياللۇغى كەڭ تارقالغان ۋاقىتتا ھايات قالغان بىردىن-بىر بالا ئىدى.

ئاسىموف كىچىكىدىنلا ئىنتايىن ئەقىللىق ئىدى، ياش ۋاقىتلىرىدا كۆپ قېتىم ئەقلىي قابىلىيىتىنى سىناش سىناقلىرىغا قاتناشقان. ئادەتتىكى كىشىلەر 80 نومۇر ئالسا، ئۇ ئادەتتە 160 ئەتراپىدا نومۇر ئالاتتى. ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا كۆپ قېتىم سىنىپ ئاتلاپ ئوقۇغان، ئىمتىھاندا دائىم بىرىنچى بولاتتى.

ئۇ 11 ياشقا كىرگەندە يېزىقچىلىقنى باشلىغان. 1935-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئاران 15 ياش ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئاسىموف فانتازىيە مەستانىسىگە ئايلاندى.

1942-يىلى ئاسىموف ماگىستىرلىق ئۇنىۋانىنى ئالغاندىن كېيىن، دېڭىز ئارمىيىسى كېمىسازلىق زاۋۇتىغا ئىشقا چۈشكەن. بۇ بىر يىلدا ئۇ توي قىلدى، ھەمدە دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان بازا يۈرۈشلۈك ھېكايىلىرىنى يازدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يازغۇچىلىق ھاياتى رەسمىي باشلاندى.

ئاسىموف ھاياتىدا 500 گە يېقىن كىتاب يازغان بولۇپ، ۋەقەلىكى تەبىئەت پەنلىرى،ئىجتىمائىي پەنلەر ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. Jules Gabriel Verne (جۇلېس گابرېئىل ۋېرنى)،Herbert George Wells (خېربېرىت گىئورگى ۋېللىس)  لار بىلەن بىرگە فانتازىيە تارىخىدىكى ئۈچ چوڭ كاتتىباش دەپ ئاتىلىپ، ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن «خىسلەتلىك ئادەم» دەپ ئاتالدى.

ئاسىموفنىڭ رىۋايەتلىك تەرىپى ھەممە كىشىگە تونۇشلۇق بولغان يۇقىرى ھوسۇللۇق ۋە ئەتراپلىق بولۇش ئىدى. لېكىن ئوقۇرمەنلەرنى ئەڭ قايىل قىلىدىغان تەرىپى بولسا ئۇنىڭ كۈچلۈك تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى ۋە يىراقنى كۆرۈش قارىشى. ئاسىموف نەچچە ئون يىل ئالدىدا بۈگۈنكى كۆپلىگەن ئاۋات تېخنىكىلار، مەسىلەن، ماشىنا ئادەم،بىئو-تېخنىكا، نانو ئوپراتسىيە،گېن قۇرۇلۇشى، ئالەم بوشلۇقىنى مۇستەملىكە قىلىش قاتارلىقلارنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن.

ئۇ «ماشىنا ئادەمنىڭ ئۈچ قانۇنى»نى تۈزگەن، بۇ قانۇن مۇنداق:

بىرىنچى قانۇن: ماشىنا ئادەم ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، ياكى ئىنسانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا قاراپ تۇرسا بولمايدۇ.

ئىككىنچى قانۇن: بىرىنچى قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ماشىنا ئادەملەر جەزمەن ئىنسانلارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشى شەرت.

ئۈچىنچى قانۇن: بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ماشىنا ئادەملەر جەزمەن ئۆزىنى قوغدىشى كېرەك.

بۇ قانۇن زامانىۋى ماشىنا ئادەم ئىلمىدىكى ئاساسلىق قانۇنغا ئايلاندى. بارلىق ماشىنا ئادەمگە ئالاقىدار مەھسۇلاتلار مۇشۇ ئۈچ قانۇننى چۆرىدىكەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى يېرىم ئەسىردىن خېلى بۇرۇن ئاسىموف ئىنسانلارغا ماشىنا ئادەم دۇنياسىنى قۇرۇپ بەرگەن. بىراق ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ ماشىنا ئادەمنى كۆرۈشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ماشىنا ئادەمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى.

ماشىنا ئادەملەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىنى قىياس قىلىش: ۇاپونىيە خوندا شىركىتى ياساپ چىققان، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ماشىنا ئادەم Asimo فانتازىيە ئۇستىسى ئاسىموفقا ھۆرمەت بىلدۈرۈشى كېرەك. ئۇ ماشىنا ئادەملەرنىڭ كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە ئامبار،زاۋۇت،يۇقۇرى تېخنىكىلىق ئىشخانىلارنىڭ ھەممىسىدە ماشىنا ئادەملەر كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.

2008-يىللىق نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتى ساھىبى، 1997-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنى ئالدىن پەرەز قىلغان پىرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پىروففىسورى پائۇل كىرۇگمان مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەن ئەينى ۋاقىتتا ئىقتىسادشۇناسلىقنى تاللىشىمدا بىر نەپەر يازغۇچىنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچرىغان ئىدىم. سىلەرنىڭ ئاسىموفنىڭ «سامانيولى ئېمپىرىيىسى:بازا» يۈرۈشلۈكىنى ئوقۇغان-ئوقۇمىغىنىڭلارنى بىلمەيمەن... كىتابتا بىر دانە «پىسخىك تارىخى» دەيدىغان دەرىسلىك بار ئىدى. مەن ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇغان ۋاقتىمدا پىسخىك تارىخشۇناسى بولغۇم كەلگەن كېيىن، مەن كەسىپ تاللىغان ۋاقتىمدا شۇنى بايقىدىمكى، ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى پىسخىك تارىخشۇناسلىقىغا ئىنتايىن يېقىن كېلىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قىسقا خەۋەر3 ئاي ئىلگىرى

    ھەي 男神dawut دىگەن سەن خىيال سۈردىغانلانى ھۆرمەتلەشنى بىلەمسەن يوق ، تولوق ئوتتۇردا ئوقىمىغانلا خىيال سۈرسە بوممامدا

  • Uz~tanha3 ئاي ئىلگىرى

    مانا بۇ پەرق … ئوتتۇز ھەرپ

  • andy00493 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭمۇ مۇقۇپ باققۇم كىلۋاتىدۇ شۇ كىتاپنى

  • kusanbag3 ئاي ئىلگىرى

    بىزنىڭ باللىرىمىز تەتىلدە كۈندە 10 سائەتتىن ئارتۇق يانفۇن ئوينايدۇ، مانا بۇ پەرق

  • 男神diamond3 ئاي ئىلگىرى

    ھەي ئاشۇنچىلىك قىلىش كىتەمدا دىگەن ئوزىڭىزنىڭ ھالىغا بىقىپ گەپ قىلىڭ ھەقىچان تولۇق ئوتتۇرىنى يا ئوقۇدىڭىز يا ئوقۇمىدىڭىز نادان ئادەملە جىقكەن( ياقىسىنى چىشلىگەن چىراي ئىپادىسى)

  • قىسقا خەۋەر3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇ ئادەم ئوزى بىر نەسە ياسىماي خىيال سۈرۈپ بەگىنگىمۇ خەق ھەجەپ ھورمەتلەپ كىتدىكىنا ، مەنمۇ بەك سۈرمە خىيالنى بولمىسا ، ساراڭ دەپ قالمىسۇن دەپ ھىچكىمگە دەپ يۈرمەيمە،،،

  • نۇرى3 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ كىتابنىڭ تەرجىمىسى بارمىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号