باش بەت

ئۈمىدجان

448يوللانما
2مەستانە

يېڭى AMG G 63 ئاپتوموبىلىنىڭ ئورگان سۈرىتى ئېلان قىلىندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 19:58 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا مېرسېدېس-AMG ئورگان تەرەپ يېڭى بىر ئەۋلاد AMG G 63 تىپىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى. يېڭى G 500 تىپىغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى AMG G 63نىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى ئالدى سالاسۇنغان يېڭى نۇسخىدىكى AMG GT ئۇسلۇبى بىلەن بىردەك تىك خىروم يالىتىلغان تاياقچىلىق ئوتتۇرا تور ئىشلىتىلگەن، بىرلا ۋاقىتتا باشقا تاشقى قىياپەت تەپسىلاتلىرىمۇ سەل تەڭشەلگەن. ئىگىلىنىشچە، يېڭى ئاپتوموبىل 3-ئايدا ئېچىلىدىغان 2018-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە رەسىمىي نامايان بولىدىكەن.

يېڭى AMG G 63نىڭ باش قىسىمىدىكى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولسا يېڭى نۇسخىدىكى AMG GT تىپى بىلەن بىردەك ئالدى سالاسۇن ياسىلىش تىپى قوللىنىلغان، ئىچكى قىسىمى 12 تال تىك خىروم يالىتىلغان تاياقچىدىن تۈزۈلگەن، قارىماققا ئىنتايىن خاسلاشقان كۆرۈنىدۇ. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى بىخەتەرلىك لىمى ھاۋا كىرىش ئېغىزىمۇ G 500غا قارىغاندا سەل تەڭشەلگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئورگان سۈرىتىدىكى يېڭى G 63 ئاپتوموبىلىغا يەنە بىر يۈرۈش قوش يەتتە شادىلىق 22 ديۇملۇق چاق گەردىشى قوللىنىلغان، كۆرۈش ئۈنۈمى ئىنتايىن سپورتچانلىققا ئىگە.

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە 4.0 لىتىرلىق قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق V8 ماتورى سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 585 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 850 نيۇتون مېتىر، ھەرىكەت ئۇزىتىشتا توققۇز خوتلۇق قول-ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشكەن تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ھەمدە AMG Performance 4MATIC تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسى ماسلاشتۇرۇلغان. ئورگان 0-100km/hكە تېزلىنىش ۋاقتى پەقەت 4.5 سېكۇنت، ئەڭ تېز سۈرئىتى 220km/h.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号