باش بەت

جۇشقۇنجان

2578يوللانما
8مەستانە

مىكروسوفت ئۇدا سەككىز يىل دۇنيادىكى ئەڭ ئەخلاقلىق شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 22:31 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شىركەتنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى، مەدەنىيەت كەيپىياتى قاتارلىق ھەر خىل ئامىللارغا قارىتا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى Ethisphere Institute باھالاش ئېلىپ بېرىپ ھەر يىلى ئەڭ ئەخلاقلىق شىركەتلەر رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلىدۇ. يېقىندا ئېلان قىلىنغان 12-قېتىملىق يىللىق رەت تەرتىپتە مىكروسوفت شىركىتى ئۇدا سەككىز يىل دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەخلاقلىق شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

بۇ يىل Ethisphere Institute شىركىتى پۈتۈن دۇنيا بويىچە 23 دۆلەت ۋە -رايونىدىكى جەمىي 135 شىركەتنى باھالىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئون ئىككى شىركەت ئۇدا 12 يىل بۇ تىزىملىككە كىرگەن، 15 شىركەت تۇنجى قېتىم بۇ تىزىملىككە كىرگەن. تېخنىكا ساھەسىدە، مىكروسوفت شىركىتىدىن باشقا دېل شىركىتى، ئىنتېل شىركىتى، Adobe شىركىتى، نوكىيا شىركىتى ۋە LinkedIn (مىكروسوفتنىڭ تارماق شىركىتى) شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر بۇ يىلقى تىزىملىككە كىرگەن. 

Ethisphere Institute شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Timothy Erblich چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:«ئۆتكەن 12 يىل مابەينىدە ئاشكارىلىققا ۋە سەمىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان شىركەتلەر خىزمەتچىلەر، خېرىدار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈردى».

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号