باش بەت

ئۈمىدجان

448يوللانما
2مەستانە

نىسساننىڭ ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد Altima ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئاشكارىلاندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 20:03 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرى نىسساننىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد Altima (دۆلىتىمىزدىكى نامى تيەنلەي-天籁)نىڭ يول سىنىقى سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى، يېڭى ئاپتوموبىل تاشقى قىياپەت ھەمدە ئىچكى بېزەك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، 2019-يىلى ئېلان قىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

نىسسان Vmotion 2.0 ئۇقۇم ئاپتوموبىلى


گەرچە ئاشكارىلانغان سۈرەتتىكى يېڭى بىر ئەۋلاد Altima قاتتىق نىقابلانغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ راۋان سىزىقلىرى ئاپتوموبىل گەۋدىسىنى تېخىمۇ ئۇزۇن كۆرسىتىدۇ، قۇيرۇق قىسىمىدا LED يورۇقلۇق مەنبەسىدىكى قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسى قوللىنىلغاندىن سىرت، قۇيرۇقىدا يەنە ئۆردەك قۇيرۇقى شەكلىدىكى ئېقىم ئۈزۈش تاختىسى كۆپەيتىلگەن. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا، يېڭى ئاپتوموبىل نىسسان Vmotion 2.0 ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ لايىھە ئۇسلۇبىنى ئۈلگە ئالغان.

ئىچكى قىسىمىدا چوڭ تەڭشەش قىلىنغان، لەيلىمە شەكىلدىكى سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران، ئۈچ شادىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق سپورت رول قاتارلىقلار سەپلەنگەن، پۈتكۈل كونترول رايونىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش تېخىمۇ ئىخچام، مودا، ھازىرقى تىپىنىڭ ئاددىي، سودا ئۇسلى بىلەن سەل پەرقلىنىدۇ.

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى قىسىمىدا يېڭى بىر ئەۋلاد Altima ئاپتوموبىلىغا داۋاملىق 2.5Lلىق ھەمدە 3.5L V6لىق ئۆزلىكىدىن ھاۋا شورايدىغان ماتور سەپلەنگەندىن سىرت، يەنە يېڭىدىن 1.6Tلىق تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور سەپلىنىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، ئارىلاش ماتورلۇق تىپىمۇ تەڭلا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号