باش بەت

mewlanof

198يوللانما
3مەستانە

فۇجى تېغىنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە ئەمەسلىكىنى بىلەمسىز؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 21:30 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر  تورى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى، 

فۇجى تېغى ياپونىيەدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا بولۇپ ياپونىيەلىكلەر بۇ تاغنى مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم سىمۋولى دەپ قارايدۇ. فۇجى تېغى ئۇزۇنلۇقى شىزوكا ناھىيەسىدىن  ياماناشى ناھىيەسىگە سوزۇلغان ھەرىكەتچان يانار تاغ بولۇپ تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا يېقىن. بۇ تاغ توكيونىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. 

ياپونىيەلىكلەر فۇجى تېغىنى «مۇقەددەس چوققا» دەپ تەرىپلەيدىغان بولۇپ بۇ تاغنىڭ خەلقئارادىمۇ نامى بار. 

ئۇنىڭدىن باشقا ياپون شائىرلىرى فۇجى تېغىنى كۈيلەپ نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان، ئۇ ياپونىيەلىكلەرنىڭ مەنىۋىيىتىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 

فۇجى تېغى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يانار تاغنىڭ بىرى بولۇپ نۆۋەتتە ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ياپونىيەنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىدا خاتىرىلىنىشىچە، مىلادىيە 781-يىلىدىن باشلاپ فۇجى يانار تېغى جەمئىي 18 قېتىم پارتلىغان. فۇجى تېغى 1707-يىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋە چوڭ كۆلەملىك پارتلاشتىن تاكى ھازىرغىچە ئۇيقۇدا يېتىۋاتقان ھەرىكەتچان يانار تاغ. 

بىراق فۇجى تېغىنىڭ ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە بولغان قارلىق چوققىسى ئەمەلىيەتتە ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە ئەمەس ئىكەن.  تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە فۇجى تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 3360 مېتىردىن يۇقىرى قىسىملىرىنىڭ ھەممىسى «شەخسى مۈلۈك» بولۇپ شىزوكا ناھىيەسىگە جايلاشقان چيەنجيەن ئىبادەتخانىسىغا تەۋە ئىكەن.

چيەنجيەن ئىبادەتخانىسى

ئىگىلىنىشىچە بۇ تاغ دەسلەپتە ياپونىيە يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ياشىغان داڭلىق سىياسىيون ۋە گېنېرال توكۇگاۋانىڭ (Tokugawa Ieyasu) ئىگىدارلىقىدا بولۇپ مىلادى 106-يىلى ئۇ بۇ تاغنىڭ  ئۆزىگە تەۋە قىسمىنى چيەنجيەن ئىبادەتخانىسىغا سوۋغا قىلىۋەتكەن. 

توكۇگاۋا (Tokugawa Ieyasu)

مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدىن كېيىن فۇجى تېغىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋالغان يەرلەرنى خەلققە قايتۇرۇپ بەرگەن. بىراق ھۆكۈمەت فۇجى تېغى مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتى ۋە ئۆزگىچە ئورنىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇ جاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىلا قايتۇرۇپ بەرمىگەن. 

يىللاردىن بۇيان چيەنجيەن ئىبادەتخانىسى ۋە يەرلىكتىكى ھۆكۈمەتنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا فۇجخ تېغىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى 2004-يىلى ئاخىرى ئىبادەتخانىنىڭ قولىغا قايتىپ كەلگەن. ياپونىيە ساياھەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ فۇجى تېغى ياپونىيەنىڭ مۇھىم ساياھەت نۇقتىسى ۋە سىمۋولىغا ئايلانغان. ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نەچچە مىليونلىغان ئادەم بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىدۇ. فۇجى تېغىنىڭ قانۇنلۇق ساياھەت ئورنى بولۇشى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەردە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىشى ئۈچۈن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى بۇ ئىبادەتخانىغا يۇقىرى سوممىلىق ئىجارە ھەققى تۆلەيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号