باش بەت

ئۈمىدجان

446يوللانما
1مەستانە

بېنىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد CLA ئاپتوموبىلىنىڭ ئورگان سۈرىتى ئېلان قىلىندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 21:50 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرى يېقىندا بېنىزنىڭ ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد CLA ئاپتوموبىلىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى، يېڭى ئاپتوموبىل تاشقى قىياپەت جەھەتتە بېنىزنىڭ جەمەتلەشكەن لايىھەسىنى قوللانغان، كۆپ يۇلتۇز ئوتتۇرا تورى قوللىنىلغان. ئىگىلىنىشچە، يېڭى ئاپتوموبىل ئەڭ يېڭى MFA سۇپىسىدا ياسىلىدىكەن ھەمدە ئەڭ يېڭى بېنىز A دەرىجىلىكى بىلەن ئوخشاش ھەرىكەت كۈچى مۇجەسسىمى قوللىنىدىكەن، ئىلگىرى يول سىنىقى سۈرىتى ئاشكارىلانغان ئىدى، 2019-يىلى ئېلان قىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد بېنىز CLA ھازىرقى تىپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا رازمېرى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، پۈتكۈل ھەجىمى كۆرۈنەرلىك ئاشقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. تورۇس سىزىقلىرى كۆرۈنەرلىك پەسەيگەن. پۈتكۈل گەۋدىسىدىن قارىغاندا، ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد بېنىز CLAدا ھەتتا AMG GTنىڭ بىر قىسىم كۆرۈش ئۈنۈمى بار.

ئوخشاشلا، ئەڭ يېڭى CLAنىڭ باش قىسىمى يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ جەمەتلەشكەن لايىھەسىدىن ئۈلگە ئالىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، شوتىسىمان ھاۋا كىرىش سالاسۇنىغا ئوچۇق كۆز چوڭ چىراغ لايىھەسى ماسلاشتۇرۇلغان. قۇيرۇق قىسىمى ئادەتتىكى ئۈچ كوزۇپلۇق پىكاپى بىلەن پەرقلىق لايىھەلەنگەن، ئارقا نومۇر تاختىسىمۇ ئارقا كوزۇپ قاپقىقىدىن بىخەتەرلىك لىمىنىڭ ئۈستىگە يۆتكەلگەن، قۇيرۇقىنىڭ سىزىقلىرىمۇ پاكارلىتىپ بىر تەرەپ قىلىنغان؛

ئىچكى قىسىمىنىڭ لايىھەسى يېڭى بىر ئەۋلاد بېنىزنىڭ ئالدى چاق سۆرەش تىپىدىن ئۈلگە ئالىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، قوش 12.3 ديۇملۇق رەقەملەشكەن سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران ئىچكى قىسىمىغا ئورنىتىلىدۇ.

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا داۋاملىق ھازىرقى تىپىدىكى 1.6Tلىق ھەمدە 2.0Tلىق قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور سەپلىنىشى، ئالتە خوتلۇق قول خوت ياكى يەتتە خوتلۇق قوش مۇفتلىق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلىشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号