باش بەت

زىيارەت

1666يوللانما
18مەستانە

ئىسپانىيە كۇلۇبلىرىنىڭ توپچى سېتىۋالىدىغان پۇلى قەيەردىن كېلىدۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 22:32 4 ئىنكاس چۈشتى

باشبەت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىسپانىيە خېلى بۇرۇن كۇلۇپلارنىڭ ھەممىسى ئەزالىق تۈزۈمىدىكى كۇلۇب بولۇپ، ئەمما كېيىنچە كۆپلىگەن كۇلۇپلار پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن، نۆۋەتتە ھازىر ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە يەنىلا ئەزالىق تۈزۈلمىسىدىكى كۇلۇپلاردىن تۆت كۇلۇب بار ئۇلار: خانلىق مادرىد، بارسېلونا، بىلباۋ ئاتلېتىكا، ئوساسۇنا كۇلۇپلىرى بولۇپ، ئەزالىق تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى كۇلۇب ئومۇمىي مۈلۈكچىلىككە تەۋە بولۇپ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ئەمەس، كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى كۇلۇب رەئىسى سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشالايدۇ، خۇددى دۆلەت بىلەن ئوخشاش، كۇلۇبنىڭ رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بار بولۇپ، ۋاقتى كەلگەندە قايتا سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ.


خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى ھەقىقىي ئەزا، ئۇلارنىڭ سانى 97 مىڭ ئەتراپىدا، يەنە بىر خىلى بولسا پۈتۈن يەر شارىدىكى خانلىق مادرىد مەستانىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانى 6 مىليون ئەتراپىدا، تۇنجى خىل ئەزانىڭ يىللىق ئەزالىق پۇلى 100 ياۋرودىن ئاشىدىكەن، يەنە بىر خىل ئەزانىڭ يىللىق ئەزالىق پۇلى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 30 ياۋرودىن ئاشىدىىغا بولۇپ، بۇمۇ بىر خىل كىرىم ھىساپلىنىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا كۇلۇبنىڭ مۇسابىقە مۇكاپاتى بىلەن ھەمكارلىق كىرىمى چوڭ كىرىم ھىساپلىنىدىكەن، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىككە تەۋە بولغانلىق سەۋەبىدىن پۇل كۇلۇبقا تەۋە بولىدىكەن، يۆتكىلىش سوممىسىمۇ مۇشۇ پۇلدىن چىقىم قىلىنىدىكەن.


بارسېلونا كۇلۇبى كوتىنھونى كوماندىغا قوشۇۋالغاندا چىقىم قىلغان يۆتكىلىش مەبلىغى جەھەتتە بولسا، بارسېلونا كۇلۇبى بىلەن كوتىنھو ھەر ئىككىسى نىكنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى، لىۋېرپول ئۇنداق ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن نىك بىر تۈركۈم مەبلەغ چىقىرىپ بارسېلونانىڭ كوتىنھونى قوشۇۋېلىش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان، بۇمۇ بىر خىل ئۇسۇل ھىساپلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئىسپانىيلىك بالا6 كۈن ئىلگىرى

    خانلىق مادرىتنىڭ
    97000 ئەزاسى 97000x 110=10670000،،،ياۋرو بولدىكەن ،،،
    ئادەتتىكى ئەزاسى 6 مىليۇن ،،،،،6000000x30=180000000،،،،مىليون ياۋرو بولدىكەن ئىككىسنى قوشسا،،،190 مىليون ياۋرو،،بولدىكەن،،
    ئامما لېكىن پۇل دىگەننى مۇشلا تېپ قويدىكەن،،،

  • AC مىلان مەستانىسى6 كۈن ئىلگىرى

    ھەئە كىيىم سېتىپ چىقىرا يا بولمىسا ماركا قىممىتى ئاشىدۇ،

  • نۇرلۇق (بارسېلونا )6 كۈن ئىلگىرى

    دىمەكچى بولغىنىم نايىكقىمۇ پايدا بار دىمەكچى

  • AC مىلان مەستانىسى6 كۈن ئىلگىرى

    نايىك خىلە ئېسىلكەن ھە ، مانا مانداق ياردەم قىلسا بولدىكەن، پۇما مىلانغىمۇ ياردەم قىلسا بۇتكەن،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号