باش بەت

ئۈمىدجان

448يوللانما
2مەستانە

جىلىنىڭ ئەڭ يېڭى SUV ئاپتوموبىلى SX11 ئىلتىماس قىلىندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 22:11 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، جىلىنىڭ ئەڭ يېڭى SUV ئاپتوموبىلى جىلى SX11 ئىلتىماس قىلىنغان. ئىگىلىنىشچە، جىلى SX11نىڭ رازمېرى كىچىك تىپلىق SUV دەرئىسىدە بولۇپ، 1.0T ۋە 1.5Tلىق تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور سەپلەنگەن. بۇنىڭدا SX11 بولسا يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ تەتقىقات ۋاكالەت نومۇرى، كەلگۈسىدە يېڭى ئاپتوموبىلغا يېڭى ئىسىم قويىلىدۇ.

جىلى SX11نىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4330، 1800، 1609mm، ئوق ئارىلىقى 2600mm، ئۆلچەملىك SUV گەۋدىسىگە ئىگە.

جىلى SX11نىڭ تاشقى قىياپەت لايىھەسى سپورت ئۇسلۇبىدا، ئالدى يۈزى يەنىلا جەمەتلەشكەن «مەيىن دولقۇن» شەكلىدىكى سالاسۇننى ساقلاپ قالغان؛ قۇيرۇق قىسىمىدا بولسا كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى قۇيرۇق چىراغ ئارقىلىق ئوتتۇرىدىكى «GEELY» بەلگىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن؛ 

جىلى SX11 ئاپتوموبىلىغا كۆپلىگەن تاشقى زاپچاسلار تەمىنلەنگەن: كۆپ خىل چاق گەردىشى، چاق ئۆلچىمى، تولۇق كۆرۈنۈشلۈك تۈڭلۈك، تولۇق كۆرۈنۈشلۈك كامېرا، ACC ئۆز ماسلاشما يول يۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جىلى SX11 ئاپتوموبىلىغا 1.0T ۋە 1.5Tلىق تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور تەمىنلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 100kW ۋە 130kW.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号