باش بەت

zefer

1399يوللانما
72مەستانە

ئېلېكتىرونلۇق ماھارەت ئولىمپىك مۇسابىقە تۈرىگە ئايلىنىشى مۇمكىن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 22:45 5 ئىنكاس چۈشتى

بەيجيا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئېلېكتىرونلۇق ماھارەت (电子竞技) بولسا ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن شەكلىدىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدۇر. ئابۇنىتلار سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىز ۋە خەلقئارادا ئاللىقاچان ھەر خىل ئېلېكتىرونلۇق ماھارەت مۇسابىقىلىرى بارلىققا كەلدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قارىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق ماھارەتنى بىر تۈرلۈك تەنھەرىكەت پائالىيىتى دەپ قاراشقا بولىدىكەن، ئېلېكتىرونلۇق ماھارەت ماھىرلىرىنىڭ مەشىق ئىنتايىن زىچ بولۇپ، كەسپىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالايدىكەن. 

2017-يىلى 17-ئاپرېل، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشى ئېلېكتىرونلۇق ماھارەتنىڭ 2017-يىللىق ئاسىيا ئۆي ئىچى چامباشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى، 2018-يىللىق جاكارتادا ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كىرگۈزىلىدىغانلىقىنى، ھەم 2022-يىللىق خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە «مېدال تالىشىش تۈرى» قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خەلقئارالىق چوڭ تىپتىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يۈرۈش قىلىش جەريانىدا چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلىدى. 


2018-يىلى 10-فېۋرال، ما يۈننىڭ پيوڭچاڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بىلدۈرۈشىچە، ھەرقانداق تەنھەرىكەتنىڭ ئەمدىلا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كىرگەندە، ئىككى تەرەپ تىركىشىدىغان ۋەزىيىت شەكىللىنىپ، بەزىلەر قوللىسا يەنە بەزىلەر قارشى تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئويۇن بىلەن ئېلېكتىرونلۇق ماھارەتنىڭ پەرقى بار ئىكەن. جۇڭگودا، ئويۇننى باشقۇرۇش كۈچەيتىشكە ئېھتىياجلىق، ئېلېكتىرونلۇق ماھارەت ياخشى ئۆلچەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەن. بىز ھەمىشە «ئېلېكتىرونلۇق ماھارەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ روھى ۋە قىممىتىگە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟»، «ئۇنىڭ ئادىللىقى نېمىدە ئپادىلىنىدۇ؟» دەپ سوئال قويۇشىمىز كېرەك ئىكەن. 

ما يۈن بەزى ياشلارنىڭ ئويۇنغا بېرىلىپ، نۇرغۇن ئائىلە ۋە بالىلارنى كەلگۈسىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىغا غەزەپلىنىدىكەن ۋە ئېچىنىدىكەن. لېكىن ئېلېكتىرونلۇق ماھارەت ساغلام يول تاپالايدىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تەنھەرىكەتكە نىسبەتەن كەسىپ ئەھلى ئەمەس ئىكەن، لېكىن تەنھەرىكەت روھىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • رونالدو ئۇزغۇنلۇق شاھ3 ئاي ئىلگىرى

    CS GO ئۇينەيدىغانلار بارمۇ

  • LOLھەۋەسكارى3 ئاي ئىلگىرى

    英雄联盟 بىرىنجى رايۇندا ئاق ئالتۇن 3 دەرىجەم … مەن ئولىمپىكقا ئىلىكتىرۇن ماھارەت مۇسابىقىسى بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلمەن …

  • Gepco3 ئاي ئىلگىرى

    قەھىرمانلار ئىتپاقى نى كىرگەزسە بۇلىدۇ ( مەن بەك ياخشى كۆرىمەن بۇ ئۇيۇننى)
    fifa online بۇ ئۇيۇنمۇ بۇلىدۇ
    CF قاتارلىق ئۇيۇنلار تازا ماس كەلمەسمىكىن شەخسى كۆز قاراش ھە

  • ئۆتكۈر كۆز3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇيۇن دىگەننى بىر ئىككى ئادەم ئوينىسا ئۇيۇن نەچچە ئۇنلىغان ئادەم بىرلىشىپ ئوينىسا مۇسابىقە بولىدۇ

  • جاھاندار3 ئاي ئىلگىرى

    英雄联盟 خەلقارالىق مۇسابىقىسى بارغۇ ھازىر

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号