باش بەت

kusanbag

797يوللانما
37مەستانە

ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ كېمىسازلىق زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ بەش ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 23:30 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 11لەر ئەتراپىدا، ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ كېمىسازلىق زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، بەش ئادەم ئۆلگەن، 11 ئادەم يارىلانغان.

رۇسىيە سۈنئى ھەمراھ ئالاقە ئاگېنتېلىقىنىڭ ھىندىستان تاراتقۇلىرىدىن نەقىل كەلتۈرىشىچە، ھىندىستاننىڭ غەربى كېرالا (Kerala)غا جايلاشقان كوچىن كېمىسازلىق چەكلىك شىركىتى (Cochin Shipyard Limited) ئىچىدە بىر ماي پاراخوتى سۇ باكى پارتلاپ كەتكەن، ۋەقە يۈز بەرگەندە 20 نەپەر ئىشچى بۇ پاراخوتتا خىزمەت قىلىۋاتقان، بۇ قېتىملىق پارتلاش نۆۋەتتە ئاز دىگەندە بەش ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ بەش ئادەم ئىچىدىكى ئىككىسى كېرالادىن كەلگەن. ساقچى تەرەپ ۋە ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. ساقچى تەرەپ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، قازا قىلغۇچىلار پارتلاش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىس-تۈتەك سەۋەبىدىن تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازا قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كېمە زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىكەن، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى بايرام بولغاچقا، نەق مەيداندىكى ئىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ۋاقىتلىق ئىشچىلار ۋە توختاملىق ئىشچىلار بولۇپ، نەق مەيداندا رەسمى ئىشچىلار يوقكەن. پارتلاش يۈز بېرىش سەۋەبى نۆۋەتتە ئېنىق ئەمەس.

    ھىندىستان كوچىن كېمىسازلىق چەكلىك شىركىتى (Cochin Shipyard LTD، قىسقارتىپ CSL دېيىلىدۇ) 1972-يىلى قورۇلغان، ھىندىستاننىڭ غەربى دېڭىز ساھىلىدىكى كوچىن پورتىنىڭ يېنىدا بولۇپ، ھىندىستاندىكى پۈتۈنلەي دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولغان كېمىسازلىق زاۋۇتى.  ئۆتكەن 30 يىلدا، مەزكۇر شىركەت ئاللىقاچان ھىندىستان ئۈچۈن كېمە ياساش، رېمونت قىلىشتىكى باشلامچى كېمە زاۋۇتى بولۇپ قالغان. كېمە زاۋۇتى ئەڭ چوڭ پاراخوت ياساش ۋە رېمونت قىلىش ئاساسىنى ھازىرلىغان (يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى 110000 توننىدىن تۆۋەن بولغان پاراخوتنى ياساش، 125000 توننىدىن تۆۋەن بولغان پاراخوتنى رېمونت قىلىش) بولۇپ، ھىندىستاندىكى بىردىنبىر يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى 110000 توننلىق پاراخوتنى ياسايدىغان زاۋۇت، تىجارەت دائىرىسى نىفىت چارلاش كەسپى كېمىسى، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسى كېمىسى، دېڭىز ياقىسى چارلاش ئەتىرىتى كېمىسى ۋە ھىندىستان نىفىت تەبىئىي گاز كومىتېتىنىڭ سودا پاراخوتى قاتارلىقلارنى قاپلىغان، شۇنداقلا ئاللىقاچان ماي پاراخوتى، يۈك پاراخوتى، كارتېر، يولۇچىلار پاراخوتى قاتارلىق ھەر خىل پاراخوتلارنى ياسىغان. ئىلگىرى مەملىكەت تەرىپىدىن ياساش بېكىتىلگەن تۇنجى ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئانا كېمىسى «ۋىكرانت» (Vikrant)نى ياسىغان. كوچىن كېمىسازلىق زاۋۇتى ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ كېمە ياساش زاۋۇتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号