باش بەت

ئۈمىدجان

448يوللانما
2مەستانە

خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى 2018-يىللىق نېفىت تەمىنلەشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 22:43 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى 13-فېۋرال بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ تۈرتكىسىدىكى دۇنيا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى بۇ يىل ئېھتىمال ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى دۇنيانىڭ 2018-يىللىق نېفىت ئېھتىياجىنىڭ كۈنلۈك ئېشىش نىسبىتى مۆلچەرىنى بىر مىليون 400 مىڭ باكقا كۆتۈرگەن، ئىلگىرىكى مۆلچەرى بىر مىليون 300 مىڭ باك ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 1-ئايدا بۇ يىل ۋە كېلەر يىللىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ئىدى.

خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى ئايلىق دوكلاتىدا بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىللىق نېفىت ئېھتىياجىنىڭ كۈندىلىك ئېشىش نىسبىتى بىر مىليون 600 مىڭ باك بولىدىكەن.

بىراق ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى تېز سۈرئەتتە ئاشقانلىقتىن، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ تېز ئاشقانلىقتىن، ھەرقانداق ئېھتىياج ئېشىشنى ئاسانلا قانائەتلەندۈرەلىشى مۇمكىن، بىرلا ۋاقىتتا دۇنيانىڭ نېفىت ئامبار زاپىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن؛ نۆۋەتتە دۇنيانىڭ نېفىت ئامبار زاپىسى بەش يىللىق ئوتتۇرىچە قىممەتكە يېقىنلاشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号