باش بەت

ئۈمىدجان

448يوللانما
2مەستانە

يېڭى نۇسخىدىكى مايباخ S دەرىجىلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئورگان سۈرىتى ئېلان قىلىندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 23:31 3 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا بېنىز ئورگان تەرەپ يېڭى نۇسخىدىكى مايباخ S دەرىجىلىك تىپىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى. ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىدىكى مايباخ S دەرىجىلىك ئاساسىدا بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان يېڭى ئاپتوموبىل تىپىغا ئەڭ يېڭى ئۇسلۇبتىكى تىك شادىلىق ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ئوتتۇرا تورى قوللىنىلغان، بىرلا ۋاقىتتا قوش رەڭلىك ئاپتوموبىل گەۋدىسى قوللىنىلغان بولۇپ، قارىماققا تېخىمۇ ھەشەمەت كۆرۈنىدۇ. 3-ئايدا ئېچىلىدىغان 2018-يىلىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە رەسىمىي نامايان بولىدۇ.

كونكرېت قارىغاندا، ئورگان سۈرەتتىكى بۇ يېڭى مايباخ S دەرىجىلىككە مايباخ ئۇسلۇبى يېتەرلىك قوش رەڭلىك ئاپتوموبىل گەۋدىسى قوللىنىلغان، ئالتۇن-قارا رەڭنىڭ ماسلاشتۇرۇلىشى دۆلەتمەن سالاپىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

يان تەرەپ ۋە قۇيرۇق قىسىمىدا يېڭى تىپىنىڭ لايىھەسىنى ساقلاپ قالغان، ئۇزۇن ئاپتوموبىل گەۋدىسى ۋە قۇيرۇق قىسىمى ئەڭ يېڭى قوش رەڭلىك گەۋدىنىڭ تۈرتكىسىدە سالاپىتى تېخىمۇ ئېچىپ بېرىلگەن، چوڭ رازمېرلىق زىچ شادىلىق چاق گەردىشى ماسلاشتۇرۇلغان، ھەشەمەت تۇيغۇسى يېتەرلىك. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى 5466/1899/1497mm، ئوق ئارىلىقى 3365mm.

ئىچكى بېزەك جەھەتتە بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان يېڭى تىپىدا تېخىمۇ كۆپ مەخسۇس ئىچكى بېزەك ماسلاشتۇرۇلىشى كۆپەيتىلىپ، تۆۋەن سەپلىمىلىكى بىلەن پەرقلەندۈرۈلگەن. 

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە يېڭى مايباخ S دەرىجىلىكتە S 560/S 650 تىپلىرىغا ئايرىم-ئايرىم 4.0T V8لىق ماتور ۋە 6.0T V12لىق ماتور سەپلىنىدۇ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 469 ئات كۈچى ۋە 630 ئات كۈچى، ھازىرقى ئوتتۇرا ئۆلچەمدىكى S 560/S 680 بىلەن تەڭلىشىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ھەۋەس73 ئاي ئىلگىرى

    مايباخنى بىنىز سېتىۋالغان، شۇڭا بىنىزنىڭ شەكلى ئىشلىتىلگەن

  • كەچكۈز 656123 ئاي ئىلگىرى

    مايباخs دەرجىلىك ئەمەس،مېرسىدىس بىنىز AMG نىڭ sبەلگىلىك ماشنىسى بۇ. مايباخمۇ دايىملىر بىنىزنىڭ بالا ماركىسى بولسىمۇ مايباخ ئەمەس بۇ ماشىنا

  • سېرداش قەلىب3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ماشىننى ئىشلەپ چىقرىشتىن توختىدى دەۋاتاتتى ، قايتىپ كەپتۇدە،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号