باش بەت

رۇشەن

2755يوللانما
131مەستانە

LG مۇشۇ ئايدا سۈنئىي ئىدراكلىك كامېرا سەپلەنگەن يېڭى V30 يانفونىنى ئېلان قىلىدۇ

مەنبە:نۇقتا تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13 23:40 0 ئىنكاس چۈشتى

Technode تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

LG بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىللىق MWC دۇنيا كۆچمە خەۋەرلىشىش يىغىنىدا يېڭى نۇسخىدىكى V30 يانفونىغا AI تېخنىكىسى سەپلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئالدىنقى ھەپتىدىكى خەۋەرنى ئىسپاتلىدى. ET News بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋىرىدە LGنىڭ بۇ خىل يېڭى نۇسخىدىكى يانفونىغا V30s دەپ نام بېرىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭغا يېڭى AI فوتو ئاپپارات ئىقتىدارى سەپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

LG بۈگۈن AIنىڭ 2018-يىلى نۇسخىسىدىكى V30 يانفونىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈنگىنىنىڭ تەسۋىر پەرقلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. LG ئۇنىڭغا Vision AI دەپ نام بەردى، ئۇ سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان شەيئىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ ھەمدە تېخىمۇ مۇۋاپىق سۈرەتكە ئېلىش ئەندىزىسىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭ يەنە AI ئارقىلىق تۆۋەن يورۇقلۇق مۇھىتىدا سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەش ئىقتىدارى ھازىرلايدىغانلىقىمۇ ئېيتىلدى.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، LG ھازىر تەتقىق قىلىۋاتقان سۈنئىي ئىدراك ياردەمچىسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىدى، ئەكسىچە LG يانفونلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئاۋازلىق ياردەمچى ئارقىلىق AI ئاساسىدىكى تېخىمۇ كۆپ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号