باش بەت

زىيارەت

2600يوللانما
30مەستانە

تيەنجىن چۈەنجيەن ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 00:05 5 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورىنىڭ 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ سائەت 18:00دە، ئاسيا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى تيەنجىن چۈەنجيەن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا شياڭگاڭ بىرلەشمىسىدىكى كىتچې كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، نەتىجىدە تيەنجىن چۈەنجيەن كوماندىسى مودېستې، سۇن كې قاتارلىق ماھىرلارنىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن 0:3 نەتىجىدە كىتچې كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 32 مىنۇت بولغاندا تيەنجىن چۈەنجيەن كوماندىسىدىن مودېستې سەپدىشى تاشلىغان پاس توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى تيەنجىن چۈەنجيەن 0:1 كىتچې.

مۇسابىقە داۋاملىشىپ 36 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا تيەنجىن چۈەنجيەن كوماندىسىدىن مودېستې ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىسىنىڭ ئېھتىياتسىزلىق بىلەن «خائىن توپ» ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مەيدان نەتىجىسى تيەنجىن چۈەنجيەن 0:2 كىتچې.

مۇسابىقە باشلىنىپ 39 مىنۇت بولغاندا تيەنجىن چۈەنجيەن كوماندىسىدىن سۈن كې سەپدىشى تاشلىغان پاس توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى تيەنجىن چۈەنجيەن 0:3 كىتچې.

ئاخىرىدا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولماي، تيەنجىن چۈەنجيەن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 0:3 نەتىجە بىلەن كىتچې كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئاسيا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى غەلبە بىلەن كۈتۈۋالدى.





باش سۈرەت تاللاش x
  • نۇرلۇق (بارسېلونا )3 ئاي ئىلگىرى

    يۇۋېنتۇس 2,2توتىنھام تەڭلىشىپ قالدى ،،،

  • بارسېلونالىق3 ئاي ئىلگىرى

    بۇلارنىڭ توپ كىرگۈزىشى بىر خىل ياۋروپاچىلىشىپ كېتىۋاتامدۇ نېمە

  • گىگانت چولپان3 ئاي ئىلگىرى

    گۇرۇپپىدىن چىقالىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

  • ئا س مىلان مەستانىسى كاكا مەڭگۈ ئەڭ قالتىس،3 ئاي ئىلگىرى

    3:45 كە ئىنىق ۋاقتىنى دەپ بېرىڭلا،

  • ئا س مىلان مەستانىسى كاكا مەڭگۈ ئەڭ قالتىس،3 ئاي ئىلگىرى

    باللا مۇسابىقە بېيجىڭ ۋاقتىمۇ يا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号