باش بەت

نىجات

431يوللانما
54مەستانە

تۇغقانلىرىڭىز ئايلىق مائاشىڭىزنى سورىسا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسىز؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 11:22 5 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

چاغان كېلىپ قالدى، نۇرغۇن ئائىلىدە ئۇرۇق-تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ چاغاننى تەبرىكلەيدۇ، ئەلۋەتتە تۇغقانلارنىڭ بىللە تۇرۇپ يۈز كۆرۈشمىكى ئاسان ئىش ئەمەس، ئەمما بەزى ئۇرۇق-تۇغقانلار سىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەندە سىزگە كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ سىزنىڭ ئانچە يۈرۈشمەيۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى تارتىپ چىقىرىپ سىزنىڭ «يېغىرىڭىزنى تاتىلايدۇ». بۇنداق «ساختا ئۇرۇق-تۇغقانلار» ھەممىمىزنىڭ جەمەتىدە بىرەردىن بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «يول تېپىپ كەتكەن» بالىلىرىنى ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدا كۆز-كۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدىن ماختىنىدۇ.  

بەزىدە مۇشۇنداق «كۆڭۈل بۆلۈش» پىسخىكىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلار سىزدىن ئەھۋال سورىدىمۇ، بولدى، شۇ كۈنلۈك كەيپىياتىڭىز بەئەينى «چىۋىن يەۋالغاندەك» بولۇپ قېلىشىغۇ تەبىئىي ئەھۋال. ئۇلار ئادەتتە ھەممەيلەن ئولتۇرغان سورۇندا ئۈنلۈك ئاۋازدا سىزدىن «ئالاھىدە» ئەھۋال سورايدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزدىن ئاللىقاچان خەۋەردار، ئۇلارنىڭمۇ سىز بىلەن تەڭتۇش «مۇۋەپپەقىيەت قازانغان» بالىلىرى بار. ئۇلار بۇنداق سوئال سورىغاندا جىم تۇرۇۋېلىشنىڭ ئورنى يوق، جاۋاب بەرگۈدەك سوئاللار بولسا جاۋاب بېرىپ قويغۇلۇق. تۆۋەندە بۇنداق تۇغقانلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

بىرىنچى خىلى: جاۋاب بەرگەندە ناھايىتى سالماق تۇرمىسىڭىز بولمايدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان ئەمەسمۇ. ھېيت-بايرامدا ئاچچىق گەپ قىلىپ قىزىرىشىپ قالغاننىڭ پايدىسى يوق، شۇڭا ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى جاۋاب: «سىزدەك ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرغاچقا، ئەھۋالىم خېلى ياخشى، ھازىر قولۇمدا بىرنەچچە ئىش بار، شۇلارنى يۈرۈشتۈرۋالسام، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ....». دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ قويسىڭىز كۇپايە. ئۇلارنىڭ مەقسىتى سىزدىن ئەھۋال سوراش ئەمەس، سىزنى بەك چۈشۈرۈۋېتىشمۇ ئەمەس، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۆز بالىلىرىنىڭ «ئېسىل ياشاۋاتقىنىنى» باشقا تۇغقانلارغا بىلدۈرۈش. شۇنىڭ بىلەن گەپنى شاققىدە ئۇنىڭ بالىسىغا يۆتكەيسىزدە، «سەھنىنى» شۇ تۇغقىنىڭىزغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، تامىقىڭىزنى يەۋېرىسىز. ئەلۋەتتە، باشقا تۇغقانلارمۇ ئۆز بالىسىنى ماختايدىغان بۇ «تۇغقىنىڭىزنى» تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغۇ دەيمەن. ھازىر كىمنىڭ ھالى خاراب ئەمەسكەن؟ 

ئىككىنچى خىل ئامال: ئېغىز ئاچتۇرماسلىق 

ئادەتتە ھەر يىلى ھېيت-بايراملاردا بۇنداق تۇغقانلىرىڭىز سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى ئالاھىدە سورايدۇ. شۇڭا سىز بۇنداق تۇغقانلىرىڭىزنى ئاسانلا بىلىۋالالايسىز، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇلاردىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلاردىن ئەھۋال سوراپ، قېرى-ياش دېمەي، كۆڭلىڭىزدە ساقلاپ قويغان بارلىق ياخشى سۆزلەر، مەدھىيە-مەسنەۋىلەرنى تۆكۈپ تاشلايسىزدە (ئەلۋەتتە بۇ سۆزلەر راست بولمىسىمۇ ئەقىلگە سىغقۇدەك بولۇشى كېرەك) قارشى تەرەپ ئېغىزىنى يۇمالماي قالغۇچە ماختاپ ئۇچۇرۇپ، غىپپىدە تىكىۋېتىسىز، بەلكىم بۇ ئۇسۇلنى ئەسقاتمايدۇ دەپ ئويلاۋاتقانسىز، ئەمەلىيەتتە بۇنداق كىشىلەر شۆھرەتپەرەس كېلىدىغان بولۇپ، بايا دېگىنىمىزدە ئۇلارنىڭ مەقسىتىمۇ شۇ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش. 

ئۈچىنچى خىل ئامال، چاقچاققا يۆلەپلا ئۆتكۈزۈۋېتىش

بۇ ئۇسۇلدا سورۇن كەيپىياتى يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن تۇغقانلار ئەھۋالىڭىزنى بىلىدۇ، پەقەت ئېغىزدىن چىقىرالمايدۇ خالاس، ئەمما ئاۋۇ «كۆيۈمچان» تۇغقىنىڭىز سىزدىن سوراپ، ئازابىڭىز بەدىلىگە خۇشاللىق تاپىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا گەپنى چاقچاققا ئايلاندۇرسىڭىز تامامەن بولىدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكى دىيالوگلارغا نەزەر سالايلى: 

بىرىنچى كۆرۈنۈش: 

-توختى ئوغلۇم، ئىش-ئوقىتىڭ قانداقراق؟ ـ ھەممەيلەن توختىغا تىكىلدى، ئەمەلىيەتتە توختى بىر شىركەتتە ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئەھۋالى سەل خاراب ئىدى. ئەمما ئۇ چاندۇرماي ئەتراپتىكىلەرگە بىر قاراپ يۇمۇرلۇق ھالدا: 

- ئىككى بىنا سېلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ قويدۇم،- بۇ ۋاقىتتا ئۇرۇق-تۇغقانلار توختىغا ھەيرانلىق نەزىرىدە قارىشىپ كەتتى، توختى يەنە ئالدىرىماي بېشىنى قاشلاپ - لېكىن شۇ پۇل يوق ....

بۇ چاغدا ئۇرۇق-تۇغقانلار پاراقلاپ كۈلۈپ كەتتى، گەپنىڭ تېمىسىمۇ يۆتكەلدى. 

ئىككىنچى كۆرۈنۈش : 

-ئەمەت ئۇكام ئايلىق مائاشىڭ قانچە؟

-100مىڭ يۈەن!!!!- بۇ چاغدا تۇغقانلار كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئەمەتكە قاراشتى. 

-ۋوي 1800يۈەن دەپ ئاڭلىغانتىم، قانداقسىگە....

- ئاكا بىلگەندىكىن ئىچىڭدە بىلمەمسە، ئادەمنى قىينىماي...ھى ھى....

شۇنىڭ بىلەن سورۇنمۇ كۈلكە بىلەن ياخشى داۋاملاشتى، ھېلىقى «زىغىر پاخىلى» تۇغقانمۇ جىم ئولتۇرۇپ تامىقىنى يېدى. 

دېمەك شۇنداق ۋاقىتتا زادى ئادەمنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارىلىنىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئوڭايسىزلىقلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى تېرىشىپ ئىشلەپ، ئۇلارغا گەپ تاپىدىغان «يوچۇق» قويماسلىق. بولمىغاندا مۇشۇنداق ئاماللارنى ئىشلىتىپ «يۈزىڭىزنى قوغداپ» قالسىڭىز تامامەن بولىدۇ. 

ماقالە ئانچە-مۇنچە ئۆزگەرتىلىپ يېزىلدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • timtac3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنداق سۇئال سورايدىغانلا كۆپقۇ، ئۇلا سزنى ئوسال قىلىش بىلەن بىرگە سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدىكى پۇلنى يىساپلاپ قۇيدۇ ، ۋاقتى كەلگەندە سىزدىن پۇل سورايدۇ ، يوق دىسىڭىز خاپۇلايدۇ تېخى مانچە پۇلدىن ئىشلەۋاتساڭ دەپ، شۇڭا ئۇنداقلاغا ئۇدۇل جاۋاپ بەرمەسلىك كىرەك، مينىڭ باشقىلانىڭ مائاشنى سوراش ، ئىش ئورنىدا نىمىش قىلدىغانلىقىنى سوراش بىلەن خۇشۇم يوق، ئىشلەۋاتمەن دىدمۇ بولدى ھەركىم ئىختىدارغا قارتا ماائاش ئالدۇ، دىگسى با ئادەم دەپ بىردۇ سورمىسمۇ ، ئۇنداق زىغىرلاش ئەدەپسىزلىك، مىنىڭدىن ھەرقانداق گەپنى سورسا ئاچچىقىم كەلمەيدۇ، شۇ قاچان، توي قىلسەن، نىمىشقا توي قىممايسەن دەپ سورسا نىرۋام 100گە چىقىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ كۆز قارشى ئوخشىمايدۇ ، ئۆزنىڭ قارشىدا خەقنى ئۆلچىمگەن ياخشى

  • lost1233 ئاي ئىلگىرى

    تەھرىرگە بەك رەھمەت ! مەن بىلۋالدىم ، بۇ قېتىم تۇغقانلار جەم بولغاندا مىنى ئوڭايسىزلاندۇرۇش ئۈچۈن كىم مەندىن ئاشۇنداق سۇئاللارنى سورايدىكەن ، تازا دەككسىنى بەرمىسىم .

  • توغراق،شاھى3 ئاي ئىلگىرى

    دىمىسىمو قىسمەن كىشلەر ئىچى پوشوپ سوراپ قويامدو ياكى كۆڭۇل بۆلگىنىمو نەچچە پولىڭىز بار نەچچە ياشقا كىردىڭىز بانكىدا پولىڭىز بارمو ،باللانى ئۆيلۇك ئوچاقلىق قىلدىڭىزمو دەپ سوروسا خىجىللىقتىن يۇزلىرىم ھۆپپۇدە بولوپ كىتىمەن .

  • 150******333 ئاي ئىلگىرى

    لېكىن خىلى ئوبدان جانلاندۇرۇپ يېزىپسىز خىلى كۈلۈۋالدىم

  • قادىقاق3 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇ قىستۇرما رەسىملەر بەك قىززىقارلىق چىقىپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号