باش بەت

نۇسرەتگۈل

11255يوللانما
212مەستانە

ئامېرىكىدىكى بىر تۇرالغۇ رايونى ئاستىدىن 6.7 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تەبىئىي ئۆڭكۈر بايقالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 10:40 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 8-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر تۇرالغۇ رايونىدا سۇ توختاپ قالغاندىن كېيىن بىرەيلەن رېمونتچى چاقىرىپ كەلگەن، رېمونتچىلار تەكشۈرۈش جەريانىدا ئويلىمىغان يەردىن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 61 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 6.7 مېتىر كېلىدىغان تەبىئىي ئۆڭكۈر بايقىغان.

بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئەڭ تار يېرى تەخمىنەن 0.9 مېتىر كېلىدۇ. ئۇ تۆت ئۆينىڭ ئاستىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، داۋاملىق كېڭىيىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

12-فېۋرال بۇ ئۆڭكۈرنى ئارخېتىكتورلار تەكشۈرۈپ ئۆي ۋە ئاپتوموبىللارغا تەسىرى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈردى ھەم ئوخشاش بولمىغان رېمونت لاھىيەلىرىنى مۇنازىرە قىلدى. ھازىر يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ سىرلىق ئۆڭكۈرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئەتراپىغا ئېھتىيات سىزىقى تەسىس قىلدى.

ئۆڭكۈر ئۈستىدىكى يولنىڭ بىخەتەرلىكى دەلىللىنىشتىن ئىلگىرى ۋاقتىنچە توسۇۋېتىلدى. بىراق، مۇتەخەسسىلەر ئۆڭكۈر ئۈستىنىڭ قېلىنلىقى يولنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلەيدۇ، دەپ قارىدى. بىر باياناتچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستى بىلەن يولىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 1.6 مېتىر كېلىدىكەن، ئۆڭكۈر ئۈستىدە بوشاپ كېتىش ئالامىتى يوق ئىكەن.

تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ئاستىدىن ئۆڭكۈر بايقىلىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس. ئىلگىرى لۇك لې بىلەنك (Luc Le Blanc) ۋە دانىيېل كارون (Daniel Caron) ئىسىملىك ئىككى ئېكىسپېدىتسىيەچى كانادادىكى سانت لېئونارد تۇرالغۇ رايونىنىڭ ئاستىدىن ناھايىتى چوڭ يەر ئاستى ئۆڭكۈرى بايقىغان. ئۇ ئۆڭكۈرنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، مۇز ئېراسىغا سۈرۈشكە بولاتتى، ئىچى سىتالاكتىت بىلەن تولغاندىن باشقا، يەنە كۆلمۇ بار ئىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号