باش بەت

نۇسرەتگۈل

9473يوللانما
155مەستانە

ھاراقنى كۆپ ئىچىۋېتىپ قازا قىلغان ئەرنىڭ سورۇنداشلىرى 100 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەيدۇ

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 11:02 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 14-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۈچ ئەر، بىر ئايال 3.5 بوتۇلكا ئاق ھاراقنى ئىچىپ بولدى، رېن فامىلىلىك ئەر قازا قىلدى. كېلىشتۈرۈش ئارقىلىق رېن xx بىلەن بىللە ھاراق ئىچكەن ئۈچەيلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە 100 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىدىغان بولدى.

23-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت 3لەردە رېن xx ئۈچ دوستى بىلەن خەنجوڭ شەھىرى خەنتەي رايونى لاۋجۈن بازىرى گۇەيگۇەي كەنتىدە ئۇچرىشىپ تاماق يېدى. تاماقتىن كېيىن تۆتەيلەن 3.5 بوتۇلكا (بىر بوتۇلكىسى بىر جىڭ) ھاراق ئىچتى. شۇ كۈنى كەچ سائەت 11لەردە رېن xx ھاراقنى كۆپ ئىچىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك قازا قىلدى.

لاۋجۈن بازارلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى چياۋجۈن: «تەكشۈرۈش ئارقىلىق رېن xx قاتارلىقلارنىڭ يىغىلىپ تاماق يېگەنلىكىنى، سورۇن كەچ سائەت 6لەردە ئاخىرلاشقانلىقىنى، رېن xx بىلەن شېن xx ھاراقنى كۆپ ئىچىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك مەست بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدۇق» دېدى.

چياۋجۈن يەنە: «رېن xx قاتارلىقلار تاماق يېيىش جەريانىدا بىر-بىرىگە ھاراق تۇتۇشقان. جۇ xx بىلەن ياڭ xx ھاراقنى ئاز ئىچكەنلىكى ئۈچۈن سەگەك تۇرغاچقا سورۇن تارقىغاندا رېن xxنى يۆلەپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويغان. كەچ سائەت 11لەردە جۇ xx رېن xxنىڭ نەپىسى توختاپ قالغاندەك ھېس قىلىپ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئويغىتالماي 120گە تېلېفون قىلغان. 23-يانۋار كېچە سائەت 12لەردە جىددىي قۇتقۇزغۇچىلار يېتىپ كېلىپ رېن xxنىڭ قازا قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، رېن xx سىچۈەنلىك بولۇپ، بۇ يىل 50 ياش، خەنجوڭدا ئىشلەيدۇ، بىللە ھاراق ئىچىشكەنلەر بىلەن دوست. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەندى، قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەمدە بىللە ھاراق ئىچكەنلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىندى. ئاخىرىدا كېلىشتۈرۈش ئارقىلىق ياڭ xx ۋە شېن xx ئەر-ئايال رېن xxنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە 50 مىڭ يۈەن، جۇ  فامىلىلىك ئەر 50 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىدىغان بولدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • tatlik jan5 كۈن ئىلگىرى

    بۇنىڭدىن كېيىن ھاراق ئىچسەك يالغۇز ئىچسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号