باش بەت

نۇسرەتگۈل

11255يوللانما
212مەستانە

خاڭجۇدىكى ئورتاق ۋېلسىپىتلەر «ئورتاق ئېلان ۋېلسىپىتلىرى»گە ئايلىنىپ قالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 11:08 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئورتاق ۋېلسىپىت كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. بىراق، بەزىلەر پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ ئورتاق ۋېلسىپىتلەرنى پايدا ئالىدىغان ۋاستە قىلىۋالدى. خاڭجۇ شىخۇ رايونى ۋەنتاڭ يولىغا توختىتىلغان بىر قىسىم ئورتاق ۋېلسىپىتلەر يېڭى فۇنكىسىيەسىنى نامايان قىلدى، ھەرخىل ئۇششاق-چۈششەك ئېلان چاپلىنىپ «ئورتاق ئېلان ۋېلسىپىتى» بولۇپ قالدى.

بۇ ئېلانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆي ئىجارە بېرىش، سېتىش، شوپۇرلۇق ئۆگىنىش، قەرز بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك.

ئورتاق ۋېلسىپىت مىنىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار بولغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم سودىگەرلەر ئورتاق ۋېلسىپىتلەرنى ياشلارغا ماس كېلىدىغان ئۇششاق ئېلانلارغا توشقۇزۇۋەتتى.

بۇ ئېلانلار كۆچمە «تەمرەتكە»گە ئايلىنىپ كىشىلەرنى بىئارام قىلدى.

ئىلگىرى شەھەر «تەمرەتكىلىرى»نىڭ كۆپىنچىسى يول چىرىغى، ئىستولبا، كوچا بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ئۇچرايتتى. بىراق، ئورتاق ۋېلسىپىت مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئېلانچىلارنىڭ نەزىرى بۇ قولايلىق قاتناش ۋاستىسىگە يۆتكەلدى.

بەزى «ئېلان ئورۇنلىرى»نىڭ قايتا-قايتا ئىشلىتىلگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇششاق ئېلانلار كېچىدە چاپلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن باشقۇرغۇش قىيىنغا توختىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号