باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

12194يوللانما
1175مەستانە

پۇلىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئايال سومكىغا ئۆزىنى قاچىلاپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 11:40 9 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مېنىڭچە ھەربىرەيلەن چاغانلىق ئۆيگە قايتىش يولىدا، يۈك-تاق، نەرسە-كېرەكلىرىگە چوقۇم ياخشى قارايدۇ. بىراق ئەتراپىمىزدا يەنە شۇنداق بىر قىسىم ساياھەتچىلەرمۇ باركى، ئۇلار يۈك-تاقلىرىغا ھەددىدىن زىيادە ياخشى قاراش ئۈچۈن، ھەتتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىمۇ بۇ نەرسىلەر بىلەن بىللە ئۆتۈشكە «رازى».

11-فېۋرال، سائەت 18 دە دوڭگۇەن شەرقىي ۋوگزالى 2-نومۇرلۇق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدە گۇمانلىق ئادەمنىڭ سۈرىتى كۆرسىتىلىپ، تەكشۈرگۈچى خادىملارنى قاتتىق چۆچۈتىۋەتتى. ئەسلىدە، بىر ئايال ساياھەتچى ئالدى بىلەن چوڭ يۈك-تاقلىرىنى بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسىگە سالغاندىن كېيىن، ئاندىن خادىملارنىڭ «كىچىك سومكىڭىزنىمۇ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈڭ» دېگەن كۆرسەتمىسى بويىچە، كىچىك ئاسما سومكىسىنىڭ ئىچىدىكى پۇلنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنىمۇ قاچىلاپلا بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسىدىن ئۆتكەن.

خادىملار بۇنى بايقىغاندىن كېيىن دەرھال ئۈسكۈنىنى توختاتتى. ساياھەتچى چىقىش ئېغىزىدا سومكىدىن چىقىپ، ئارقىدىن، يۈك-تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئالدىراش-تېنەش پويىز كۈتۈش زالىغا كىرىپ كەتتى.

تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسزلىك ئىدارىسى بىزگە شۇنى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇكى: ساياھەتچىلەر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندە، چوقۇم يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن نەرسە-كېرەكلىرىنى ئۈسكۈنىنىڭ ئۈستىگە قويۇشى بىراق ئۆزىنىمۇ تەڭلا قويۇۋالماسلىقى كېرەك. چۈنكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىكى رادىياتسىيە كۈچلۈك بولغاچقا، ئادەم بەدىنىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئالدىراشچىلىقتا ئەخمىقانە ئىش قىلىشتىن ساقلىنىش، ئامال بار بۇنداق چاقچاقنى قىلماسلىق كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 177******033 كۈن ئىلگىرى

    ئۆزەڭنى چىڭ تۇت خوشناڭنى ئوغرى تۇتما دىگەن دەل مۇشۇ

  • @يىگانە@4 كۈن ئىلگىرى

    مىھمان تورداشنىڭ سۇئالى ئورۇنلۇق، مەنمۇ مۇشۇ سۇئالنى سوراي دىگەن ئەسلى،،،،،،

  • كەسپى ئىنكاسچى «تاتلىقجان»4 كۈن ئىلگىرى

    مانا يۇمۇر ھەەەەەەەەەەەەەەە

  • kurban1884 كۈن ئىلگىرى

    تەرجىمىدە خاتالىق بۇپ قالدىمۇ ھە نەدە سومكىنىڭ ئىچىگە كىردۇ ....كىچىك سومكىسىنىڭ يۈتۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ سومكا بىلەن بىللە ئىچىدىن ئۆتتى

  • مېھمان4 كۈن ئىلگىرى

    نىمدىگەن قاملاشمىغان ساختا خەۋەر بۇ قانداقسىگە سومكىنىڭ ئىچىگە كىرۋالىدۇ ھەم كىم تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسىنىڭ ئۈستىگە ئەپ قويىدۇ .قاملاشمىغان

  • 《قايتىپ كەل》404★9244 كۈن ئىلگىرى

    !!ماۋۇ ئايالغا پۇل ھاياتىدىنمۇ قىممەتلىك ئوخشايدۇ
    سەت كۈلگەن چىراي ئىپادىسى

  • ئاشۇنچىلا قىلش كىتەمدا4 كۈن ئىلگىرى

    رىنتىگىن نىڭ نەتىجىسنى ئالماي كىتىپ تۇغۇ

  • توغراق،شاھى4 كۈن ئىلگىرى

    ئاشو ئايالنىڭ پوللىرىنى ئوغرى ئالمىسون تىنى ئامان بولسون سالامەت ئۇيۇگە بېرىپ،باللىرى بىلەن موبارەك چاغاننى ئۆتكۇزۇشكە تىلەكداشمەن

  • خىرۇستال4 كۈن ئىلگىرى

    ساراڭمۇ يا ... ۋۇ خاخا .. ( كۈلۈپ يۇمۇلۇنۇپ ، پۇچۇلۇنۇپ كەتكەن چىراي ئپادىسى )

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号