باش بەت

قەيسەر ئابدۇمىجىت

123يوللانما
3مەستانە

قانداق ئۆينىڭ ئاۋارىچىلىقى ئاز؟

مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 12:10 0 ئىنكاس چۈشتى

يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىل كېلىدۇ، بەزىلەر مائاشى، مۇكاپاتى ۋە كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغقان پۇللىرىنى قوشۇپ، يېڭى يىلدىن بۇرۇن ئۆي سېتىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار قانداق قىلسا قولىدىكى پۇلغا مۇۋاپىق ئۆي سېتىۋالالايدۇ؟ ھازىر كىشلەر پەقەت ئورنى ياخشى بولسىلا كونا-يېڭى دەپ ئولتۇرماستىن، قاتناش قولايلىق، قۇرۇلمىسى ياخشى ۋە مۇكەممەل ئاھالىلەر كومىتېتى بار مەھەللىلەردىكى ئۆيلەرنى پۇلىنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرماي سېتىۋالىدىغان بولدى؛ دېمەك، نىمكەش ئۆيلەردە ئەۋزەللىك جەھەتتىن ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە مۇھىم بولۇپ قالدى، چۈنكى ھازىر ئۆينىڭ كۆلىمى، ئۆمرى ۋە ئۇپراش دەرىجىسى 1- ئامىل ئەمەس، بەلكى بۇ ئۆينىڭ سېتىۋېلىشقا ئەرزىيدىغان- ئەرزىمەيدىغانلىقى ئۆي سېتىلىشنىڭ مۇھىم شەرتىگە ئايلاندى.

تاللاش دائىرىسى

ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىلىكى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېيىشتى: «شەھەر ئىچىدە نىمكەش ئۆي ئىنتايىن كۆپ، نىمكەش ئۆي سېتىۋېلىش نىيىتى بار خېرىدارلار ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇۋاپىق يول بۆلىكىدىن ئىستېمال ئىقتىدارى ۋە ئېھتىياجىغا ماس ئۆيلەرنى تاپالايدۇ. بۇ بىزگە نىمكەش ئۆينىڭ تاللاش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىڭىز خالايدىغان ئادەم ياكى قوشنا بولۇشنى تاللاش ئىمكانىيىتىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى يېڭى ئۆي سېتىۋالغاندا قوشنىڭىزنىڭ قانداق ئادەم بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز، لېكىن نىمكەش ئۆي سېتىۋالغاندا ئاۋۋال ئەتراپتا قانداق ئادەملەرنىڭ تۇرىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ، ئاندىن قارار چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايسىز.»

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «مەبلەغنىڭ ئىشەنچىلىك ۋە پايدا يارىتىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشنى ئويلاشقاندا، ئەلۋەتتە يول بۆلىكىنى تاللاشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى شەھەر سىرتىدىكى ئۆيلەرنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالغاندىن كۆرە، ئورنى ياخشى نىمكەش ئۆيلەرنى سېتىۋالغان ياخشى-دە. نىمكەش ئۆيلەر ئاساسەن شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان، مۇھىتى پىشىپ يېتىلگەن، قاتناشنىڭ قولايلىقلىقى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى؛ ئەڭ مۇھىمى تەبىئىي شارائىتى ۋە يەر شارائىتى سەۋەبىدىن يەرنىڭ قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ يوشۇرۇن قىممىتىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. ئوقۇتۇش رايونىدىكى ئۆيلەرنى مىسالغا ئالساق، بەزىلەر پەرزەنتلىرىنى داۋاملىق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئۈچۈن داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئەتراپىدىكى نىمكەش ئۆيلەرنى سېتىۋالىدۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىن ئۆتكەن كونا مەكتەپلەرلا يىللارنىڭ سىناقلىرىدا ئۆتەلەيدۇ، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، نىمكەش ئۆيلەر يېڭى ئۆيلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.»

نىمكەش ئۆيلەرنىڭ «چاتىقى» ئاساسەن بولمايدۇ

بەزىلەر باھاسى مۇۋاپىق بولغاچقىلا ئالدىراپ زاكاز ئۆي سېتىۋالىدۇ، لېكىن زاكاز ئۆيلەرنىڭ پۈتۈشىگە قىسقا بولغاندا بىر يىل، ئۇزاق بولغاندا بىر نەچچە يىل كېتىدۇ، بىراق بۇ بىر نەچچە يىلدا ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئامىل سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولمايدۇ. زاكاز ئۆيلەردە ھەتتا «چاتىقى» چىقىپ، سېتىۋالغۇچىغا ئېغىر زىيان سېلىشى مۇمكىن. نىمكەش ئۆيلەر دەل شۇنداق «چاتىقى» ئاساسەن يوق تەييار ئۆي، ئۇ سودا خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.

ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىلىكى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېيىشتى: «نىمكەش ئۆيلەر گەرچە ئادەمگە يېڭى ئۆيگە تۇرغاندەك تۇيغۇ بېرەلمىسىمۇ، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن تەييار ئۆي سېتىۋالسىڭىز كۆزىڭىز چۈشكەن ئۆيگە ئېرىشەلەيسىز. گەپنى ئاددىيلاشتۇرغاندا، سېتىۋالغان نىمكەش ئۆيلەردىن (ناچار قۇيرۇق) ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، شۇنداقلا بىرلا قاراپ ئۆي سۈپىتىنىڭ ياخشى يامانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆي سېتىۋالغۇچى زور زىياندىن ساقلىنىپ قالىدۇ».

ۋاستىچىلىك شىركىتىنى تاللاش بەك مۇھىم

نىمكەش ئۆي ۋاستىچىلىك شىركىتى نىمكەش ئۆي سودىسىدا ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشتۈرىدىغان كۆۋرۈك، ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى، ئۆي مۈلۈك باھالاش ۋە پۈتۈشۈش مۇلازىمىتىگىچە بۇ ئورۇندىن تاپقىلى بولىدۇ. ئەمەلىي ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋاستىچىلىك شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، مول تەجرىبىگە ئىگە، سودىغا پىششىق، ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئىككى تەرەپكە قولايلىق يارىتىپ، سودىدا خاتا يولدا مېڭىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ھازىر مەركەز ئەنگە ئالغان لاياقەتلىك نىمكەش ئۆي ۋاسىتىچىلىك شىركىتىدىن 38 بار، بۇ 38 شىركەتتە ئۆي مۈلۈك ئىدارىسى بەرگەن «ئۆي- زېمىن ۋاسىتىچى ئورگانلارنى ئەنگە ئېلىش گۇۋاھنامىسى» بار، شۇڭا ئۇلارنى مۇنتىزىم ئۆي مۈلۈكچىلىك ۋاستىچىلىك شىركىتى، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ شىركەتلەرنىڭ يەنە «ئاچقۇچ دېسكا» سى بار، شىركەتنىڭ ئۆزىدىلا تور ئىمزاسى قىلغىلى بولىدۇ. ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئىككى تەرەپ مۇلازىمەتنى كۈتۈپ تۇرۇپ قالمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ شىركەتلەرنى ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى نازارەت قىلىدۇ، شۇڭا سودا جەريانى تېخىمۇ قائىدىلىك ھەم تەرتىپلىك بولىدۇ، ئارتۇقچە غەم بولمايدۇ.


ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号