باش بەت

zevmret

979يوللانما
42مەستانە

ئاشىق-مەشۇقلار ساقچىدىن قېچىپ يېرىم ئايغىچە ئەۋرەز قۇدۇقىدا قوندى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 13:04 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

12-فېۋرال، تەيۋەن مياۋلىدا بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار 2017-يىلى زەھەر ئەتكەسچىلىكى سەۋەبىدىن، مياۋلى «ژاندارما ئەترىتى» تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن، كېيىن مياۋلى ۋە تاۋيۈەندىكى «يەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى»گە تىزىمغا ئالدۇرمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. ھالبۇكى، بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن يەر ئاستى سۇ يولى ئىچىدە يېرىم ئاي تۇرغان، ئاخىرىدا، ئىككىسى 10-فېۋرال «ژاندارما ئەترىتى» تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تەكشۈرۈشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

مياۋلى «ژاندارما ئەترىتى»نىڭ ئېيتىشىچە، 2017-يىلى 7-ئايدا لىن فامىلىلىك ئەر ۋە شياڭ فامىلىلىك ئايالنى ئاختۇرۇپ، ئىككى يۈرۈش زەھەر چېكىش ئەسۋابىنى بايقىغان بولۇپ، ھەر ئىككىسى «زەھەرنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش نىزامى»غا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان. ھالبۇكى، ئۇلار جىنايى جاۋابكارلىقتىن قېچىپ، مياۋلى ۋە تاۋيۈەندىكى «يەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى»گە تىزىمغا ئالدۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر ئىككىلىسىگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان.

بىرقانچە كۈن ئىز قوغلاپ ئاختۇرۇش ئارقىلىق، مياۋلى «ژاندارما ئەترىتى» 10-فېۋرال ئىككىسىنى قولغا ئالغان، ئۇنىڭدىن باشقا لىن فامىلىلىك ئەردىن 3.8 كىلوگىرام ئافېتامىن ۋە زەھەر چېكىش ئەسۋابىنى قولغا چۈشۈرگەن.

لىن فامىلىلىك ئەرنىڭ دېيىشىچە، ئىككىسى مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئۈچۈن، يېرىم ئاي بۇرۇن چېدىر ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسى ئەتراپىدىكى يەر ئاستى سۇ يولى ئىچىدە تۇرغان، سۇ تېيىز بولغاچقا، ئادەتتە يامغۇرلۇق ئۆتۈك كىيىپ، كىرىپ-چىقىپ يۈرگەن.

11-فېۋرال، ئىككىسى «زەھەرنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش نىزامى»غا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مياۋلى «ژاندارما ئەترىتى» تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تەكشۈرۈشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ساقچىلارنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن كۆرۈنۈشى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号