باش بەت

نۇسرەتگۈل

11255يوللانما
212مەستانە

ئىۋانا تىرامپ دوستلىرى بىلەن مىيامىغا دەم ئالغىلى باردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 12:00 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپنىڭ سابىق ئايالى ئىۋانا تىرامپ ئىلگىرى بىر مودېل ئىدى. ئۇ 1977-يىلى تىرامپ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ئۈچ بالىلىق بولغان، 1992-يىلى ئاجرىشىپ كەتكەن، نەشر قىلدۇرغان «تىرامپنى بېقىش» ناملىق ئەسلىمىسى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان. يېقىندا، 68 ياشلىق ئىۋانا دوستلىرى بىلەن مىيامىغا دەم ئالغىلى كەلدى ھەم ساياھەت پاراخوتىدا كۆڭۈللۈك مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ سۇس كۆك رەڭلىك كوپتىغا ئاق ئىشتان ماسلاشتۇرۇپ جەلپكار قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ سابىق ئايالى ئىۋانا تىرامپ مىيامىغا دەم ئالغىلى بارغاندا قولۋاققا ئولتۇرۇپ گىرېتسىيە ئاشخانىسىغا باردى. 

ئۇ شۇ كۈنى يەنە كۈمۈش رەڭلىك كىچىك سومكا كۆتۈرۈۋالدى.

ئىۋانا كېمىدىن ئايىغىنى سېلىۋېتىپ چۈشتى، دوستلىرى ئۇنى ئىككى بىلىكىدىن چىڭ تۇتۇۋالدى.

چېختا تۇغۇلغان بۇ ئايال چاچلىرىنى تۈگۈۋېلىپ تولىمۇ روھلۇق بولۇپ كەتتى، كۈمۈش رەڭلىك ئۈچبۇرجەك ھالقىسى دىققەتنى تارتتى.

ئۇ ئاشخانا ئالدىدىكى قولۋاقتا ئولتۇرۇپ دوستلىرى بىلەن كوكتېل ھارىقىدىن ھوزۇرلاندى.

ئىۋانا كېمە رېشاتكىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەتراپنى تاماشا قىلدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • باھوبالى33 ئاي ئىلگىرى

    ئەسلى تىرامىپقا چۇشىدىغىنى مۇشۇ ئايالكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号