باش بەت

durdana

1484يوللانما
97مەستانە

ئارتىسلىقتىن تەلىيى كەلمەي ئەڭ كېلىشكەن ئاشپەزگە ئايلانغان يىگىت

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 12:40 5 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بەلكىم نۇرغۇن ئادەمنىڭ خىيالىدىكى ئاشپەز ھەقىچان پىۋا قورساق، كېلەڭسىز بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بەدىنى قاملاشقان، ئۆزى كېلىشكەن ئاشپەزگە ئۇچرىغاندا ئىشتىھايىڭىز ئېچىلىپ قالامدۇ؟ Franco Noriega دەل مۇشۇنداق پېرۇلۇق داڭدار ئاشپەز، ئۇ 2007-يىلى نىيويوركقا بېرىپ تەرەققىي قىلىشنى تاللىغان، شۇنداقلا نيۇيوركتىكى ئامېرىكا تىياتىر ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان، ئەسلى ئۇ ئارتىسلىق نىشانى ئۈچۈن نيۇيوركنى تالىغان.

لېكىن Franco Noriega نىڭ ئارتىس چۈشى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئەمما تاساددىپىي پۇرسەتتە فوتوگراف ئۇنى بايقاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مودا ساھەسىگە كىرىپ قالىدۇ، ئۇ نۇرغۇن داڭلىق ماركىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولىدۇ، ھەتتا ئامېرىكىدىكى داڭلىق تۈرلى ماللار ماركىسى Macy's نىڭ ئىجادىيلىقىنى نازارەت قىلىدىغان خىزمەتنىمۇ قىلىپ باقىدۇ.

ئەمما Franco Noriega نىڭ ئائىلىسىنىڭ كەسپى تاماقخانا بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئىشقا كىچىكىدىن كۆزى پىشقان، ئاخىرىدا ئۇ نىيويوركتا «Baby Brasa» نامىدا ئىككى تاماقخانا ئېچىپ، خېلى ياخشى باھا ۋە شۆھرەتكە تەڭ ئېرىشىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇنىڭ بۇ ئىككى تاماقخانىسى تەمىنلەيدىغان يېمەكلىكلەر ساغلاملىقنى ئەڭ چوڭ نىشان قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىمۇ ساغلام يېمەكلىكلەرنى يەيدىكەن، تاماقخانىدىكى ھەر بىر ماتېرىيالنى ئۇ ئۆزى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللايدىكەن، ھەممىسى يېشىل يېمەكلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

2016-يىلى ئۇ تاماقخانىسىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزى تاماق قىلىۋاتقان سىننى تورغا يوللىغان، نەتىجىدە ئويلىمىغان يەردىن داڭقى چىقىپ كەتكەن، ئۇنىڭ داڭقى چىقىشىنىڭ سەۋەبى پەقەت ئاشپەزلىك ھۈنىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەركەكلىكى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان چىرايى ۋە بەدەن قىياپىتى ئىكەن. كېيىن نۇرغۇن مەستانىلەر ئۇنى داڭلىق پىروگىرامما «The Ellen Show»غا چىقىشقا دەۋەت قىلغان.

پىروگراممىدا ئۇ بىلەكلىرىنى ئوچۇق قويۇپ تاماق قىلىۋاتقان قىياپىتى نۇرغۇن ئايال مەستانىلەرنى قىقاس-چۇقانغا سېلىۋەتكەن، ئۇ يەنە «دۇنيادىكى ئەڭ كېلىشكەن ئاشپەز» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. ئۇ تاماقخانا ساھەسىدىن باشقا يەنە خۇسۇسىي ئاشپەزلىك مۇلازىمىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ، يەنى ئالىي دەرىجىلىك خېرىدارلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق قىلىپ بېرىدۇ.

فرانكونىڭ بەدىنىمۇ نۇرغۇن ئايال كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، ئەرلەرنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ، ئەمما ياخشى بەدەن شەكلى نۇرغۇن قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن بولىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا چېنىقىش ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلانغان.

مەيلى ئاشپەز بولسۇن ياكى تاماقخانا غوجايىنى بولسۇن ياكى مودېل بولسۇن فرانكو ھەممىدە يېتىشكەن، ئۇنىڭ مەستانىلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ، شۇڭا ھەم چىرايى ھەم تالانتى بار ئادەمنى ھاياتتىكى غالىب كىشى دېيىشكە بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • TanJa yurak1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەتكەن تامىقىنى بەك يىكۇڭلا كەلدى ھە

  • timtac1 ھەپتە ئىلگىرى

    يۈز ۇڭدىكى ساقاللىرىڭنى قىرۋەتسەڭچۇ ئاشپەز،ئاكا، خىردار كۈرسە قىچىپ كەتمىسۇن يانا، نىمىشقا ئاياللار بىلكى توم ئەرنى كۆرسە چقىرىشىپ كىتدغاندۇ ئەجەبا،،،،،،،،ھىھىھىھى، مەنمۇ ئاشپەز، ئەمدى بۇنىڭدەك داڭلىق بوممىساممۇ، مىنىڭمۇ بىكىم بەكلا توم، باشقىلا بەدىنڭىز سىمىزئەمەس بىلكىڭىز نىمانچە توم دەپ سورايدۇ ،قازاننىڭ كارامىتى دەپ قۇيمەن ، باشقا گەپنى قىلغىلى بوممىغان يا ھىھىھى

  • يول ئۈستىدە1 ھەپتە ئىلگىرى

    كالىدەكلا نىمىكەن بۇ شۇڭا ئارتىس بۇلالماپتىكەن ،چۇفاڭدىن چىقماي تاماق ئەتسە بوغىدەك خېرىدار قاچىدۇ مانى كۆرەپ قاسا ، چاق چاق قىززىقچىلىق باقتىم قاملاشمىسمۇ،،،

  • توغراق،شاھى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇگرە چۆچۇرە،مانتا سامسا پولو لەغمەن........ ئېتەلەمتىكەن ؟

  • tanha yikit1 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمدا كىلشكەن ئاشپەز ئۇستام بۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号