باش بەت

zevmret

979يوللانما
42مەستانە

كولومبىيەدە بىر ياشلىق بوۋاق ئۆلتۈرۈلۈپ سۇ ساندۇقىغا تاشلىۋېتىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 13:16 1 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

(ئەسلى تېمىسى: كولومبىيەدە بىر ياشلىق قىز بوۋاق مېھمانخانا ياتىقىدىن ئوغرىلىنىپ، ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن سۇ ساندۇقىغا تاشلىۋېتىلگەن)

كولومبىيەدە 13 ئايلىق بولغان بىر قىز بوۋاق يېقىندا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر مېھمانخانىدا قونغان ۋە مېھمانخانىدىكى باشقا بىر مېھمان تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ كېتىپ، كېيىن ئۆلتۈرۈلۈپ مېھمانخانىنىڭ سۇ ساندۇقىغا تاشلىۋېتىلگەن. ساقچىلار بۇ ئەر گۇماندارنى قولغا ئالغان بولۇپ، بۇ دېلونى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ئاساستا تەكشۈرگەن.

 قىز بوۋاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شۇ چاغدا يېقىن ئەتراپتىكى قوشنا شەھەرگە ماڭغان بولۇپ، جەنۇبتىكى فىلورېنسىيە شەھىرىدىن ئۆتۈۋېتىپ شۇ مېھمانخانىدا قونۇپ قالغان. شۇ كۈنى ياتاقتا بالىسى بىلەن بىللە ئۇخلاپ قالغان ئاتا-ئانىسى ئويغىنىپ بالىنىڭ يوقلىقىنى بايقىغان، كۆپچىلىك بىلەن ھەر تەرەپ ئاختۇرۇپ ئاخىرى بوۋاقنىڭ جەسىتىنى تاپقان.

مېھمانخانا مەسئۇلىنىڭ دېيىشىچە، ئەينى چاغدا ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۇخلاپ قالغانلىقتىن مۇشۇ ۋەقە سادىر بولغان. ساقچىلار جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان بولۇپ، بۇ ۋەقە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • پىنىكيو3 ئاي ئىلگىرى

    بالىسنى ئۇغرى ئالسىمۇ تۇيماي ئۇخلىغان بامۇ قانداق ئاتا ئانا ئۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号