باش بەت

zevmret

532يوللانما
24مەستانە

بانكىدىن ئىستېپا بەرگەن ئەر بالىلار ساتىراشخانىسى ئېچىپ بېيىپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 16:39 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 13-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيەلىك ئىككى بالىنىڭ دادىسى بانكىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆزى مەخسۇس بالىلارنىڭ چېچىنى ياسايدىغان ساتىراشخانا ئاچقان بولۇپ، يىللىق كىرىمى 650 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن بەش مىليون 740 مىڭ يۈەن)غا يەتتى.

32 ياشلىق داۋىد (David O’Neal) ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولۇپ، ئىلگىرى بىر بانكىدا ئىشلەيتتى، 2014-يىلى بىر قېتىملىق ئۆسۈش پۇرسىتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان بولۇپ، بۇ ئەسلىدە ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى بىر زەربە ئىدى، ئەمما ئۇ ئازابنى كۈچكە ئايلاندۇردى. ئۆسۈش پۇرسىتى يوق بولغاندىن كېيىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بانكىدا ئىشلەيتتىم، ئىنتايىن مۇقىم خىزمەت ئىدى، يىلىغا 32 مىڭ فوندستېرلىڭ كىرىم قىلاتتىم. لېكىن مەن ئۆزۈم ئىگىلىك تىكلەشنى نىيەت قىلدىم. بۇ قېتىملىق ئۆسۈشتە مەغلۇپ بولۇشۇم ماڭا بىر تۈرتكە بولدى.»

شۇنىڭ بىلەن داۋىد بازار ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، تىكلىمەكچى بولغان ئىگىلىك ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. بىر كۈنى ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ چېچىنى ياساۋېتىپ، تۇيۇقسىز ئىلھاملاندى ۋە مۇنداق دېدى: «بالىلىرىم دائىم چاچ ياسىتىش توغرىسىدا خاپا قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنى جىم ئولتۇرغۇزۇش ئىنتايىن قىيىن مەسىلە. مەن بىر ئامال تاپتىم، يەنى ئۇلارغا ئويۇنچۇقتىن بىرنى تۇتقۇزۇپ قويۇش ياكى چاچ ياساۋاتقاندا كىنو قويۇپ بېرىشنى ھەممىسى ياقتۇرىدۇ.» شۇنىڭ بىلەن داۋىد ناھايىتى تېزلا Shortcuts ناملىق بىر ساتىراشخانا ئاچتى. سودا باشلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىككى بالىسى ھەركۈنى ساتىراشخانىدىكى پىكاپ شەكىللىك ئورۇندۇقتا تالىشىپ ئولتۇرىدىغان بولدى.

داۋىدنىڭ ساتىراشخانىسىنىڭ ئالاھىدە تىجارەت ئېڭى بار بولۇپ، ئۇ چاچ ياسىتىشنى خالىمايدىغان كىچىك دوستلارنى چاچ ياسىتىشقا ھېرىسمەن قىلىۋەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ساتىراچخانىنىڭ بېزىلىشىدىكى بارلىق ئىنچىكە ھالقىلىرىنىمۇ ئەتراپلىق ئويلىشىپ، كىچىك دوستلارنىڭ چاچ ياساتقاندا ئەركىن-ئازادە بولىشى ئۈچۈن مۇھىت يارىتىپ بەردى. يەنە چاچنى ياخشى ياساش ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، باشقا ساتىراشلاردىن تېخنىكا ئۆگەندى. «مېنىڭ تەجرىبەم بار، مەن ئۆزۈمنىڭ بالىلىرىنىڭ چېچىنى ياساپ باققان.»

ئىگىلىك تىكلىگەن داۋىد يەنە نۇرغۇن بېسىملارغا دۇچ كەلدى. بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولمغاچقا، بانكىدەك ياخشى خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشكە زور غەيرەت كېتەتتى، يەنە كېلىپ ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى. بەختكە يارىشا ئۇنىڭ ئايالى ئۇنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. 2014-يىلى تۇنجى دۇكىنىنى ئاچتى، ئۈچ يىلدىن كېيىن توققۇز تارماق دۇكىنى ئېچىلىپ بولدى، 30دىن ئارتۇق خىزمەتچىسىمۇ بار بولدى. لېكىن، داۋىد ئىلگىرلەش قەدىمىنى توختىتىپ قويماي، يەنە بىر يېڭىچە ئىدىيە شەكىللەندى، ئۇ بولسىمۇ مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن ئاشخانا ئېچىش.

باش سۈرەت تاللاش x
  • يوللوق1 ھەپتە ئىلگىرى

    غەيرەت قىلىڭ چىن نۇرى بۇمۇ بىر بوشلۇق كەن

  • چىننۇرى1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەرگىلەر تورداش رەھمەت سىزگە ،مەن چۇقۇم تىرىشىمەن

  • بەرگىلەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    چىننۇرى نۇرداش سىز چۇقۇم قىلالايسىز ،غەيرەت قىلىڭ

  • چىننۇرى1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ساتىراشخانىدا بالامنىڭ چىچىنى ئالغىلى چىقىپ كىرسەم ئادەم باركەن ساقىلنى ئالغىلى تۇرۇپتىكەن كەينى كىينىدىن خىردا كىرىپ پەقەت بالامنىڭ چىچىنى ئىپ قويمىدى،بىركۇن كەچكىچە ساقلاپ بولالماي ئىپ قويۇڭ دىسەم كىچىك بالىنىڭ چىچىنى ئالماق تەس دەپ بىر بىرنىڭ كەينىدىن كىرگەن ئەرلەرنىڭ چاچ ساقىلنى ئىپ تۇردۇ بەك تەستە ئالدۇرغانتىم،شۇنىڭدىن بىرى ئۇزەم ئوزلىگىمدىن ئىلىپ ئۈگەندىم تۇنجى قىتىم چالىراق ئاپتىمەن،كىيىن پاكىزە ھەم تىرىسىنىمۇ كەسمەي ئالىدىغان بولدۇم،ئويۇمدىكىلەرمۇ مىنىڭ مۇشۇ ئىشىمغا قايىل،بەزىدە يولدىشىمنىڭ ساقىلنىمۇ مەن ئىپ قويىمەن مىنىڭمۇ مۇشۇنداق ساتىراشخانا ئاچقىم بار،ئۇزەم كومپىيۇتىر خادىمى،ئىككى بالامنىڭ چىچىنى ئۇزەم ياساپ ،چىچىنى ئىپ قويىمەن،ئەتىسى يەسلىدە ئاداشلىرى چىچىڭ بەك چىرايلىقكە نەدىكى ساتىراشخانىدا ياسىتىپ قويدى دەپ سورايدىكەن،،ت
    ئۈستىردە ئالسام بىشىنىمۇ بىرەر يىرنىمۇ كىسىپ سالماي ئىپ قويىمەن،يولدىشىممۇ ئالالايدۇ لىكىن قىلمايدۇ،بالىلارمۇ ماڭا كونۇك ئاپام سىلىق ئالىدۇ دەيدۇ،ماۋۇ خەۋەرنى كورۇپ مەنمۇ بالىلار ساتىراشخانىسى ئىچىش ئارزۇيۇم تىخىمۇ كۈچەيدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号