باش بەت

durdana

1806يوللانما
119مەستانە

ئۇلۇغ مۇھەببەت: تونۇشقىلى ئالتە ھەپتە بولغان يىگىتىنىڭ بۆرىكىگە ئېرىشكەن قىز

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 15:55 18 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيەلىك بىر قىز يىگىتى بىلەن تونۇشقىلى پەقەت ئالتە ھەپتە بولغان بولۇپ، يىگىتى ئۇنىڭغا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بىر سوۋغات يەنى بىر بۆرىكىنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىپ ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان.

لېيسېستىر ۋىلايىتىدىن كەلگەن بۇ 20 ياشلىق قىزنىڭ ئىسمى Monet Davis-Lambert بولۇپ، ئىجتىمائىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىندىغان ئوقۇغۇچى ئىكەن، 2017-يىلى 5-ئايدا ئۇ ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن دەم ئېلىش جەريانىدا پۇتىنىڭ ئىششىپ قالغانلىقىنى، دائىم ئۇسساپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، كىيىملىرىمۇ ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بۆرىكىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ %50 تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن. دوختۇر ئۇنى بۆرەك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويغان. Monet Davis-Lambert «مەن بەك قورقۇپ كەتتىم، ئۆيۈمدىكىلەرمۇ قورقۇپ كەتتى، ھېچكىم ماڭا نېمىشقا بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرمىدى.» دېگەن.

شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ دوختۇرخانىنىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلانغان. ئۇ سىتىروئىد دورىلارنى ئىشلىتىپ داۋالانغان، لېكىن بۆرىكى يەنىلا ياخشى بولالمىغان. ئاخىرى قان تازىلاپ داۋالىمىسا بولمايدىغان يەرگە يەتكەن. ئۇ: «مەن يا پەلەمپەيگە چىقالمايتتىم، يا ئۆزۈم چاچ تارالمايتتىم.» دەيدۇ شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەپ.

ئۇ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا يىگىتلەرنىڭ ئارخپىنى كۆرۈشكە باشلىغان. ئۇ 29 ياشلىق Shaun Simms نى كۆرۈپ ئۇنى كېلىشكەن ھېس قىلغان، ئۇنىڭ شەخسىي ماتېرىيالىمۇ قارىماققا ئۇنىڭغا قىزىقارلىق تۇيۇلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆز قالدۇرغان. تېزلا Shaun مۇ Monet نى ياخشى كۆرۈپ قالغان. ئىككەيلەن كۆرۈشمەكچى بولغاندا Monet ئۆزىنىڭ بۆرەك كېسىلى بىلەن دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما Shaun ئۇنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسىنى پەقەت كۆڭلىگە ئالمىغان. ئۇلار تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپلا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. شۇنىڭدىن تارتىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىشىشقا باشلىغان.

Monet شۇنداق دەيدۇ: «مەن شاۋنغا ئاغرىپ قالغانلىقىمنى ئېيتتىم، ئۇ ماڭا قاتتىق ھېسداشلىق قىلدى، دوختۇرخانىدا مەن بىلەن ئۇچرىشىشقا ۋەدە قىلدى. كېيىنكى ھەپتىلىرى ئۇ كۈندە دوختۇرخانىدا پەيدا بولدى.» Monet نىڭ كېسىلى يامانلىشىپ كەتكەندە دوختۇرلار ئۇنى خىمىيەلىك داۋالىماقچى بولغان، لېكىن ئۇ رەت قىلغان.

Monet نىڭ كېسىلى بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقاندا دوختۇرلار ئۇنىڭ ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى، بولمىسا ھاياتىنىڭ خەۋپتە قالدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن ماس كېلىدىغان بۆرەك تېپىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئائىلىدىكىلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ بۆرىكى ئۇنىڭغا ماس كەلمىگەن. Monet ئۈمىدسىزلەنگەن، ئۇ ئۆلۈمنىڭ قاش بىلەن قاپاق ئارىسىدىكىدەك ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.

شاۋن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققاندا Monet باشتا قارشى تۇرغان. ئۇلار تونۇشقان ۋاقت بەك قىسقا بولغاچقا Monet يىگىتىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش كېسەل كارىۋىتىدا ئۆزىگە ئوخشاش قورقۇنچلۇق كەچۈرمىشنى باشتىن كەچۈرۈشىگە چىدىمىغان. لېكىن شاۋن تاللىشىدا چىڭ تۇرغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ بۆرىكىنىڭ Monet غا پۈتۈنلەي ماس كېلىدىغانلىقى ئايان بولغان. ئۈچ ئاي تەييارلىقتىن كېيىن ئۇلار ئاخىرى ئوپېراتسىيەخانىغا كىرگەن. 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولغان.

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى كۈنى دەل ئۇلارنىڭ ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىغا ئىككى ئاي بولغان كۈن. بۇ قېتىملىق ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ئۇلارنى ئىلگىرىكى ھەر قانداق بايرامدىن خوشال قىلغان، كىشىلەر بۇ بىر جۈپنىڭ ھېكايىسىدىن ھەيران قالغان، Monet ئۆزىنى بەكمۇ بەختلىك ھېس قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ شاۋن بىلەن توي قىلىپ، پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى، لېكىن دوختۇرنىڭ بىر يىل ياكى بىر يېرىم يىلدىن كېيىن ئاندىن شۇنداق قىلىش تەكلىپى بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. شاۋن مۇنداق دەيدۇ: «مەن كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشقا ھەيران قالىدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن مەن ئەزەلدىن ئارتۇق ئويلاپ باقمىغان. بۇ ئەڭ توغرا ئۇسۇل. Monet ئىنتايىن قەيسەر قىز، بۇ مەزگىلدىكى كەچۈرمىشلەر بىزنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، بۇ قېتىملىق ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى تولىمۇ ئالاھىدە بولدى.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۆمۈت3 ئاي ئىلگىرى

    خەيرىلىك ئەتىگەن تەنناز قىىرىندشىم مۇشۇ ۋاقتىڭىز خەيرىلىك بولسۇن . تۈزۈت قىمماڭ ئىنسان ھاياتتا ھەرخىل قىيىنچىلىق ھەم بىسىملارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ ،بۇنداق مەسىللەرگە يولۇققاندا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىشنى ئۈگىنىۋىلىشىمىز كىرەك . ھايات بەكمۇ قىممەتلىك ئۆمۈت ئىشەنچ تىخىمۇ شۇنداق . باتۇر بولۇڭ غەيرەتلىك بولۇڭ شۇنىڭغا ئىشىنىڭ ھەممە ئىشلار ياخشى بوپكىتىدۇ .

  • 孤单的生活253 ئاي ئىلگىرى

    تەنناز بۇ خىل تۇيغۇدا بولغان سىزلام ئەمەس مەنمۇ كىسەل كارۋېتىدا ئالتە كۈن بولدى يېتىۋاتقىلى ،ماڭىمۇ ھىچكىم گۈل بەمىدى ،شىپالىق بەرسە ئىككى كۈندىن كىيىن دوختۇردىن چىقىمە

  • توغراق،شاھى3 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى ئىش، ياخشى كىشلەر، ياخشى خەۋەرلەرنى كۇرۇپ ،قول قوشتوروپ قاراپ توروشنى لايىق كۆرمىدىم ،مەيلى خەۋەردىكى ئىككى ياشنىڭ موھەببىتى بولسون ،مەيلى ئىنكاس سەھىپىسىدىكى ئاق كۆڭۇل، كۆڭۇل ئىزدەشكەن دوسلار بولسون ھەممىڭلارغا بەختىيارلىق نىسىپ بولسون باھار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسون!

  • كولتىگىن3 ئاي ئىلگىرى

    نىمداق ئوخشىغان چوكان بۇ

  • 伊犁的 Balag3 ئاي ئىلگىرى

    يېقىن تۇققانلىرنىڭ ماس كەلمەي كېسىلى ئېغىرلاشقاندا ئۇ يىگىت بىلەن تونۇشۇپ تىخى ئۇنىڭ ماس كەلگىنى، تىخى تەشەببۇسكارلىق بىلەن،،، سىلەرچە ئاددى توغرا كىلىپ قېلىشمىدۇ، مەنچە ئۇنداق ئاددى ئەمەس كېسەلنى بەرگىنى شاپاسى بىلەنننن،،،، تەنناز سىزگىمۇ گۈزەل كۈنلەرنىڭ نىسىپ بولشىنى كېسىلىڭىزنىڭ ساقىيىپ كېتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن سالامەت بولۇڭ

  • 182******233 ئاي ئىلگىرى

    ماڭا بۆرىكىنى بەمىسىمۇ سەمىمى ۋاپادار ئەخلاقلىق بولسىلا بولاتتى، بالامنىمۇ ئۆز بالىسىدەك كۆسە چۈنكى بالامنىڭ ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن

  • تەنناز3 ئاي ئىلگىرى

    بۈگۈنكى مۇشۇ سەھەپىگە يەنى ماڭا خەت قالدۇرۇپ تەسەللى بەرگەن بارلىق قىرىنداشلىرىم ھەممڭلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئىيتىش بىلەن بىرگە ھەممڭلارنىڭ ھەر بىر كۈنلۈرۈڭلارغا خۇشاللىق ئەزىز تىنىڭلارغا سالامەتلىك ئىشلىرىڭلارغا ئاسايشلق تىلەيمەن ھەممڭلارغا كۈندە ياخشى كەيپىيات يار بولسۇن

  • تەنناز3 ئاي ئىلگىرى

    رەھمەت سىزگە ئۈمۈت قىرىنىدىشم سىز راسلا باشقىلارغا ئۈمت بىغشلايدىكەنىسز ماڭا خەت قالدۇرغىنىڭزدىن بەكلا خۇشالمەن

  • ئۆمۈت3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ راستىنلا تەسىرلىك موھىببەت ھىكايسى ئىكەن ، تەنناز سىزمۇ ئۆمىتسىزلەنمەڭ چوقۇم شىپالىق بىرىدۇ بۇنىڭغا قەتتى ئىشىنىڭ ھەرگىز بەل قويىۋەتمەڭ. گەرچە سىزنىڭ نىم كىسەل بىلەن كۆرەش قىلىۋاتقىنىڭىزنى بىلمىسەممۇ لىكىن سىزگە ھىسداشلىق قىلىمەن سىزنىڭ تىزراق ساقىيىپ كىتىشىڭىزنى تىلەيمەن ، ھەم يەنە بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىمۇ مۇشۇلادەك ۋەياكى مۇشۇلادىنمۇ قىلىشمىغۇدەك ئىشلا موھەببەت ھىكايلىرى ئاز ئەمەس شۇنڭدەك ياخشى ئادەملەر ھەممە جايدا بار .

  • تەنناز3 ئاي ئىلگىرى

    سىلەردەك دوسلۇرۇم بولغىندىن بەكلا خۇشالمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号