باش بەت

zevmret

508يوللانما
22مەستانە

ئالدىراڭغۇ شوپۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ رېشاتكىسىنى چۇۋۇپ قولغا چۈشتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 17:37 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كوزۇپلۇق يۈك ماشىنىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تۇيۇقسىز توختاپ قالدى، شوپۇر ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىنكى كۆرۈنۈش كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى، بۇ شوپۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىش رېشاتكىسىنى چۇۋۇشقا باشلىغانىدى. بۇنى بايقىغان چارلاشقا چىققان خەلق ساقچىلىرىمۇ قاتتىق چۆچۈپ كەتتى، چۈنكى بۇ شوپۇر رېشاتكىنى چۇۋۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە نۇرغۇنلىغان ئۆتكەن-كەچكەن ماشىنىلارنىڭ كۆزىچىلا دەل بايا ئېچىپ قويغان ئارىلىقتىن كەينىگە بۇرۇلغانىدى، قانداق دېگەن گەپ بولۇپ كەتتى؟

يىڭكۇ قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئىككىنچى چوڭ ئەترىتى چارلاش خەلق ساقچىسى گې لىجۈن ياردەمچى ساقچى شېن شۆلوڭ، شىڭ رۇكەيلەرنى يېتەكلەپ شېنخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا چارلاۋاتاتتى، چوڭ ئەترەتتىن مەلۇمات تاپشۇرىۋېلىش بىلەن بىرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ (داليەن يۆنىلىشى) 167 كىلومېتىر بولغان يول بۆلىكىدە تۇيۇقسىز بىر  يېنىك تىپلىق كوزۇپلۇق يۈك ماشىنىسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئايرىش رېشاتكىسىنى چۇۋۇپ، شۇ يەردىن كەينىگە قايرىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، دەرھال بۇ ماشىنىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، چاقىرىپ توختاتتى.

تەكشۈرۈش جەريانىدا، ساقچىلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىش رېشاتكىسىنىڭ ئىلگىرىمۇ چۇۋۇلۇپ باققانلىقىنى بايقىدى، شوپۇرمۇ بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلدى، يۈك ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە ئاپىرىلىپ تەكشۈرۈلدى.

تەكشۈرىلىشىچە، شۇ كۈنى 21:00 ئەتراپىدا ئازاد 4S دۇكان خادىمى بۇ گېڭ فامىلىلىك شوپۇرغا تېلىفون قىلىپ مۇنداق دېدى: «شېنخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ جەنۇب يۆلىنىشىنىڭ 169 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە بىر چاق بۇزۇلۇپ قاپتۇ، كېلىپ ياساشقا قانچە پۇل كېتەر؟» گېڭ فامىلىلىك 4S دۇكان خادىمى بىلەن باھادا كېلىشىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر رېمونتچى بىلەن نومۇر تاختىسى «辽H22XXX» بولغان كوزۇپلۇق يۈك ماشىنىسىنى ھەيدەپ، شېنخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شىمال يۆنىلىشىگە كىردى.

رېمونت قىلىنماقچى بولغان ماشىنا جەنۇب يۆنىلىشىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، شىمالغا 167 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، ۋاقىت تېجەش ئۈچۈن، ئىككىسى يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىش رېشاتكىسىنى چۇۋۇپ قارشى يۆلىنىشكە ماڭدى.

گېڭ فامىلىلىكنىڭ بۇ قىلمىشى ئۈچۈن 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 12 نومۇر تارتىلدى شۇنداقلا پراۋىسى ۋاقتىنچە تارتىۋېلىندى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号