باش بەت

zevmret

979يوللانما
42مەستانە

ئۆيگە قايتىدىغان پۇلى يوق ئەر ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن 15 كۈن قامالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 16:55 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

8-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن 10:00 ئەتراپىدا دوڭفاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى دوڭخەي ساقچىخانىسى ئاممىدىن: دوڭخەي يولى بىلەن شەرقىي ئازادلىق يولىنىڭ كېسىشمە يول ئېغىزى ئەتراپىدىكى گۈللۈك ئىچىگە قويۇلغان LED تەشۋىقات تاختىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، دېگەن مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان. مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغان دوڭخەي ساقچىخانىسى دەرھال ساقچى ئەۋەتىپ، نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرگەن.

ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ياردىمىدە شەھەر ئەسلىھەلىرىنى قەستەن ۋەيران قىلىۋاتقان شۈ فامىلىلىكنى نەق مەيداندا تۇتۇۋالغان.

سوراق قىلىنىشىچە، شۈ فامىلىلىك ئەنخۇيدىن بولۇپ، دوڭفاڭ شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكىلەرنى يىغىپ جان باقىدىكەن، مۇقىم تۇرالغۇسى يوق. چاغانغا ئاز قالغاندا ئۆيگە قايتىپ بايرام ئۆتكۈزىدىغان پۇلى بولمىغاچقا، دەردىنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 8-، 9-فېۋرال كۈنلىرى سايمان ئارقىلىق گۈللۈككە قويۇلغان LED تەشۋىقات تاختىسى، پانۇس ۋە ئېلان تاختىسى قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرگە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلغان.

ساقچىلار  شۈ فامىلىلىككە 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号