باش بەت

kusanbag

797يوللانما
39مەستانە

تېسلا شاڭخەيدە زاۋۇت قۇرۇشتا تېخىچە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 17:20 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى 14-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى  جۇڭگو بازىرىدا مۈشكۈلاتقا يولۇققان، چۈنكى ئېلون ماسك جۇڭگودا زاۋۇت قۇرۇشتا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تېسلا يەتتە ئاي ئىلگىرىلا شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاپتوموبىل قۇراشتۇرماقچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق ھازىرغا قەدەر بۇنداق كىلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى، چۈنكى ئىككى تەرەپنىڭ پىكىرىدە زاۋۇت ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئۈستىدە ئىختىلاپ كۆرۈلگەن.

خەۋەردار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ زاۋۇتنىڭ شۇ جايدا شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدىكى بىر كارخانىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقاندا، ئەمما تېسلا بۇ زاۋۇتنىڭ تولۇق كاپىتال ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. خەۋەردار كىشى ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، چۈنكى ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى مەخپىي ھالەتتە تۇرماقتا.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号