باش بەت

نۇسرەتگۈل

9473يوللانما
155مەستانە

ئامېرىكىدا بىر بوۋاق باش سۈيى پەردىسى بىلەن تۇغۇلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 16:56 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

24 ياشلىق رائېلىن سىكۇرىي (Raelin Scurry) ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا تۇرىدۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭ 25 ياشلىق لايىقى ئېئان سىرانستورىينىڭ (Ean Srvanstory) ئىلگىرى بىر قىزى بار ئىدى. 2017-يىلى 8-ئايدا رائېلىن 2-بالىسىنى يەڭگىدى. بىراق، ھەيران قالارلىق يېرى، بوۋاق باش سۈيى يېرىلمىغان، باش سۈيى پەردىسىگە ئورالغان ھالەتتە تۇغۇلدى.

رائېلىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ: «بوۋىقىمنى قولۇمدا تۇتۇپ تۇرۇپ يۈزىنى سىيلىماقچى بولدۇم. بىراق، ئۇ تېخى باش سۈيى پەردىسى ئىچىدە بولغاچقا قولۇمغا يېپىشقاق سۇيۇقلۇق تەگدى» دېدى.

2017-يىلى رائېلىن 2-بالىسىغا ھامىلدار بولدى ھەم بارلىق ئىشلار ناھايىتى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتى. 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە رائېلىن قاتتىق ئاغرىق سەۋەبىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ پەرەز قىلىنغان تۇغۇت ۋاقتىغا تېخى 11 ھەپتە بولغاچقا رائېلىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى.

بىراق، ئاغرىق كۈچىيىپ كەتكەندىن كېيىن يەڭگىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، بولغۇسى يولدىشى ئېئان ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن دوختۇرخانىغا 15 مىنۇتتىلا بارغىلى بولاتتى. بىراق، رائېلىن ئاپتوموبىلدا كېتىۋېتىپلا يەڭگىدى. ئەمما باش سۈيى تېخى يېرىلمىغانىدى.

ئىككەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق جىددىيلىشىپ دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن بوۋاق ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلدى، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1.4 كىلوگىرام كەلدى، بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغانلىقتىن نەپەسلەندۈرگۈچ تاقاپ قويۇلدى. دوختۇرلار باش سۈيى پەردىسىنىڭ بوۋاقنى قوغداپ تۇرغانلىقى، ئۆپكىسىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن ئۇزۇن ۋاقىت نەپەسلىنەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بوۋاق 74 كۈن دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ چىقىلدى. رائېلىن: «ھەر كۈنى كەچتە ئۇنىڭدىن ئايرىلىش بەكلا ئېغىر كەلدى. نەپەسلىنىش ۋە يۇتۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك ئىدى. بەزىدە ئۇنىڭ چاچراپ كېتىشىدىنمۇ ئەنسىرەپ قالدىم» دېدى. بوۋاق ئالتە ئايلىق بولغاندا ئېغىرلىقى تەخمىنەن ئالتە كىلوگرامغا يەتتى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بوۋاقلارنىڭ باش سۈيى پەردىسى بىلەن تۇغۇلۇشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، 80 مىڭ بوۋاقتىن بىرىدە مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • diyanat4 كۈن ئىلگىرى

    ئىككى بالىسى بولغاندىمۇ بولغۇسى يولدىشى بوپ يۈرۈيدىكەن بۇ خەخ .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号