باش بەت

zevmret

979يوللانما
42مەستانە

قەرز قايتۇرماي ئايروپىلانغا چىقالمىغان ئەر چاغاندا ئۆيىگە قايتالمىغىلى تاس قالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 17:31 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«سوتچى، ياخشىمۇسىز، مەن جاڭ جۈن، ئىجرا ھەققىنى تاپشۇرغىلى كەلدىم، مېنى قارا تىزىملىكتىن تېزراق ئۆچۈرىۋەتكىلى بولارمۇ؟ چاغاندا ئايالىمنى ئېلىپ يۇرتقا قايتماقچى ئىدىم، لېكىن مېنى ئايروپىلان بېلىتى ئېلىشتىن چەكلىۋېتىپتۇ.» 12-فېۋرال ئەتىگەندە، جاڭ جۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇدۇڭخې رايونى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرائىيە سوتچىسىنىڭ يانفونىغا تېلىفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ قەرز قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە شۇ كۈنى ئىككى يىلغىچە قايتۇرمىغان 340 يۈەن قەرزنى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرۇپ بولدى.

جاڭ جۈن بۇ يىل 55 ياش بولۇپ، ئۈرۈمچىدە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىناتتى. 2016-يىلى 5-ئايدا، ئۇ كورلىدىكى بىر قۇرۇلۇش شىركىتىدىن بىر تۈركۈم قۇرۇلۇش ماتېرىيالى سېتىۋالغان بولۇپ، لېكىن مال ھەققىنى كەينىگە سۆرەپ تا ھازىرغىچە قايتۇرمىغانىدى. بۇلتۇر قۇرۇلۇش شىركىتى جاڭ جۈننى سوتقا ئەرز قىلدى. سوتنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن جاڭ جۈن قۇرۇلۇش شىركىتىگە 340 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ھەقنى تۆلەيدىغانغا قوشۇلدى.

ھالبۇكى جاڭ جۈن گېپىدە تۇرماي يەنە «يوقاپ» كەتتى. بۇ يىل يانۋاردا قۇرۇلۇش شىركىتى سوتقا مەجبۇرى ئىجرا قىلدۇرۇش ھەققىدە ئىلتىماس سۇندى، جاڭجۈننى قەرز تۆلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن سوت ئۇنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، پويىز ۋە ئايروپىلان بېلىتى ئېلىشنى چەكلىدى.

سوتتىن ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، جاڭ جۈن چاغان ھارپىسىغىچە ئۆزىنى بىلمەي يۈردى. چاغان ھارپىسىدا ئايالى بىلەن يۇرتىغا قايتىپ بايرام ئۆتكۈزمەكچى بولغان جاڭ جۈن ئاييروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش جەريانىدىلا ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن جاڭ جۈن ئىككى كۈن ئىچىدىلا 340 مىڭ يۈەن تەييارلاپ، 12-فېۋرال ھەممىنى تۆلەپ تۈگەتتى، ئىگىلىنىشىچە سوت جاڭ جۈننىڭ ئىسمىنى قارا تىزىملىكتىن ئۆچۈرگەن.

جاڭ جۈن قىلغانلىرىغا ئۆكۈنۈپ مۇنداق دېدى: «قەرز ئېلىپ قەرز قايتۇرۇش ئەلمىساقتىن تارتىپلا بار ئىش. ئەگەر پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرغان بولسام بۇ ئىشمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى. بۇندىن كېيىن سەمىمىيلىكنى چوقۇم مۇھىم ئورۇنغا قويىمەن.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • oVQi1 ئاي ئىلگىرى

    ما بۇلدىغان ئىشكەن ھەممە يەردە تىزراق ئۇمۇملاشسا بەكلا ياخشى بۇلاتتى.

  • ۋاسكىتبول 303 ئاي ئىلگىرى

    بانكا قارا تىزىملىك بۇلدىغان ئىشكەن ،پۇلنى ئىلۋىلىپلا غادىيىپ يۈرۈ كىتىدىكەن تېخى ،يەنە تېخى تىلفوننى دەيكەنگە ئىلىپ پۇلنى تۆلىمەيلا ئىشلىتىۋىردىكەن تېخى تۆلىمەيدىغاندەك …

  • elxat乌鲁木齐3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ ئامالسىز بىر ئاغىنەمنى سوتقا ئەرىز قىلىپ پۇلۇمنى ئالدىم،،، ئەينى ۋاقىتتا بەك يىقىن ئاغىنىلەردىن تۇق نەدىن بەدىم 150مىڭنى شۇكۈندىن باشلاپ دۈشمەندەك مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈردى،،، ئاخىرى ئامال قىلالماي سوتتا ئالدىم،،،، ھەيرانمەن يىرىم كۈندىلا ئۆسۈم بىلەن لام قايتۇردى،،، ھازىر گەپمۇ قىلىشمايمىز،،،

  • بىر تامچە!3 ئاي ئىلگىرى

    ما بولدىغان ئىشكەن بەزەن ئۇششۇقلاغا بەلەن چارە بوپتۇ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号